ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

]ئۇچۇر[ شەمشەر تورى Extra Edition

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 18:06  


  ئۆتكەن يىللىق ياپونىيە پەسىللىك كارتون فىلىملىرى ئىچىدە ئالقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان كارتون فىلىم «شەمشەر تورى» نىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋېتى بىلەن ئالاھىدە نۇسقا قىلىپ ئىشلىنىدىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى، دەسلەپتە ئاپتور كاۋاخارا رېكىنىڭ يېڭى نەشردىن چىققان كىتابىنىڭ خۇلاسىسىدىكى بىر جۈملە سۆزىدىن بۇ نۇسقىسىنىڭ شەمشەر تورى ۋە ھۆرزاتلار تورىدىن ئىبارەت ئىككى ئويۇندىكى ۋەقەلىكلەردىن ئەسلەتمە نۇسقىسى ئىشلىنىدىكەن دېگەن پەرەزلەر تارقالغان ھەم مەنمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىپتىكەنمەن... ئەمما ئورگان بېتى تارقاتقان يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئىشلىنىدىغان يېڭى قىسىم پۈتۈنلەي يېڭى ۋەقەلىكلەردىن ئىشلىنىدىكەن.
  فىلىمدە يۈيىنىڭ كىتنى كۆرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاساسلىق پېرسوناژلار يېڭى ھۆرزاتلار تورىدىكى دېڭىز بويىغا بېرىشنى پىلانلايدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن سۈگۈخا سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان چىقىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسۈنا قاتارلىقلار ئالدى بىلەن سۈگۈخاغا رېئال دۇنيادا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشنى پىلانلايدۇ...

تەشۋىق فىلىمدىن كەسمىلەر:





پېرسوناژلار ئوبرازى:




مەزكۇر كارتون 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى توكيو ۋاقتى سائەت 22:00 دە TOKYO MX、BS11、NICONICO قاتارلىق تېلىۋىزىيە سىتانسىلىرىدا تەڭلا قويۇلىدىكەن، ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىزدىكى قويۇش ھوقۇقىنى 乐视 تور بېكىتى سېتىۋاپتۇ، دېمەك ۋاقتى كەلگەندە خەنزۇچە خەتلىك نۇسقىسىنى ماس قەدەمدە كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار5

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2013-12-18 20:45:31 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئولاش چولاش كۆرىدىكەنمىزدە来自: Android客户端
يىكەنداز
سەردار. ۋاقتى: 2013-12-18 21:08:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ توردىن كۆرگەن بۇ خەۋەرنى ،جۇڭگۇدا قويۇلۇش ۋاقتى قاچاندۇ؟
گېلەم
كىنوچى1 ۋاقتى: 2013-12-19 00:21:11 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بوپتۇغۇ بۇ ! ، سۇراپ باقسام بۇ كارتوننى  تەرجىمە قىلامسىز قىلمامسىز ماڭا ئوخشاش ئانا تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان چۈشۈنەلمەيدىكەنمىز
سىز كارتوننى خەنچىدىن تەرجىمە قىلامسىز ياكى ياپۇنچىدىنمۇ
كىگىز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-19 20:05:44 | ئايرىم كۆرۈش
810سەردار يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 19:08
مەنمۇ توردىن كۆرگەن بۇ خەۋەرنى ،جۇڭگۇدا قويۇلۇش ۋاقتى  ...

جۇڭگودىكى تور بېكەت قويۇش ھوقوقىنى سېتىۋالغان ئىكەن، ياپونىيە بىلەن ماس قەدەمدە ئېلان قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-19 20:09:48 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوچى1 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 22:21
ياخشى بوپتۇغۇ بۇ ! ، سۇراپ باقسام بۇ كارتوننى  تەرجىمە ق ...

تەرجىمە قىلىش ئارزۇيۇم بار، ئەمما تەشۋىقاتلىرىغا قارىغاندا بۇ كەپىباز (宅男) لارغىلا چىقىرىلغان نۇسقىسىدەك قىلىدۇ، ئەگەر بەزى چاكىنا كۆرۈنۈشلەرنى كۆپ قوشۇۋەتمىگەن ھەم مەزمۇنى ئېسىل بولسا ئاللاھ ئىمكانىيەت بەرسە تەرجىمە قىلىمەن.
   ھازىر خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىمەن، ياپونچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىشقا سەۋىيەم يەتمەيدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1