ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«گىگانتلار زەربىدە» دىن خاتالىق تېپىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-25 20:56:15 | ئايرىم كۆرۈش
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-24 00:47
ئىككىنجى قىسىم  9مىنۇت 51 سىكونت

ئۇ كەلدىم،چېكىنىڭلار

بۇ خاتالىق تېپىلىپ بولغان
17#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-25 20:58:22 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-12-24 14:01
بۇ قوچاقنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىراق ئالتىنچى قىسىمنىڭ كەس ...

بۇ كارتوننى كۆرۈپ باقماپتىكەنسىز،    شۇڭا قايسى قىسىمنى ئەۋەتىشنى بىلەلمەي ئەسلەتمە نۇسقىسىدا ئىشلەنگەن 13.5-قىسىمنى ئەۋەتتىمغۇ...
18#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-25 21:54:19 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2013-12-24 14:39
بۇ كارتوننىڭ 2-بۆلۈمى 2014-يىلى قويۇلىدىغانغا بېكىتىلدى  ...

بۇ خەۋەرنى مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن،   مەن مۇنداق ئويلىغان:  ھازىر قويۇلۇپ بولغان مەزمۇن رەسىملىك كىتابتىكى 8- توپلامغىچە كېلىدۇ، 12- ئايدا 12- توپلام بازارغا سېلىندى، ھەر بىر قىسىم كومىك ئايلىق ژۇرنالغا بېسىلىدۇ، يەنە بىر بۆلۈم ئىشلىسە 16- توپلامنىڭ مەزمۇنىغىچە كىرگۈزۈلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ سۈرئەت بويىچە 16- توپلام ئېلان قىلىنىشقا يەنە بىر يېرىم يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ دەپ بۇ كارتوننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى تېز بولغاندىمۇ 2015- يىلى ئىككىنچى پەسلگە ئۈلگۈرەمدىكىن دېگەنتىم.
19#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-25 22:02:34 | ئايرىم كۆرۈش
ساباھ1 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 18:40
ئەسلى تەرجىمە بويىچە ]تەڭ كېلەلمەيمىز[ بولىدىغاندۇ .  ...

بۇ خاتالىق تېپىلىپ بولغان
20#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-26 12:37:15 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سياۋەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 12:45  
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 20:58
بۇ كارتوننى كۆرۈپ باقماپتىكەنسىز،    شۇڭا قايسى قىسىم ...


بوپتۇ.
يەنە شۇ قىسىمدىن، ئۈچۈنچى كەسمە رەسىمدىكى جۈملىدىكى ‹شۇندىن باشلاپ، ئۆزۈمگە ھەقىقى ئىگە بولدۇم› دېگەن جۈملىدىكى ‹ھەقىقى› دېگەن سۆزدە خاتالىق سادىر بولۇپتۇ.مەزكۇر سۆز، ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹ىي› بىلەن تۈرلەنمەستىن، بەلكى ئۈچۈنچى شەخس بىرلىك ھالىتىنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى ‹ى› بىلەن تۈرلىنىپ قاپتۇ. ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹ىي› نىڭ، ئۈچۈنچى شەخس كېلىش قوشۇمچىسى ‹ى› بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلاندۇرغۇچى قوشۇمچە ‹ىي›نىڭ ئۇرغۇسى، شەخس قوشۇمچىسى ‹ى› نىڭ ئۇرغۇسىدىن روشەن كۈچلۈك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
ئىلاۋە: بۇ ئىككىلى قوشۇمچە تىلىمىزدا دائىم قوللىنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمانلار ئەستايىدىل ئىشلىتىپ، ئىملا خاتالىقى زىيادە ئەزالارغا ئۈلگە بولايلى. ھازىر ھەرقانداق ئۇيغۇرچە مۇنبەردە مەيلى تېما يازغاندا بولسۇن، مەيلى ئىنكاس يازغاندا بولسۇن مۇشۇ ئىككى قوشۇمچىنى ئايرىماي يېزىۋېتىدىغانلار ساماندەككەن. شۇڭا ‹ئاقبۈركۈت› تىل خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان مۇنبەر بولغانلىقى ئۈچۈن، گىرامماتىكا مەلۇماتلىرى ھەققىدىكى تېمىلارنى جىقايتىپ ئاۋانگارتلىق رولىمىزنى .
21#
تەلقىنى ۋاقتى: 2013-12-26 13:25:06 | ئايرىم كۆرۈش
بولسا ياپونىيە كارتون  فىلىمى«ئالۋاستى قۇيرۇقى»(妖精的尾巴)دىگەننىمۇ تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن...بەك ياخشى كارتۇن فىلىمتى بۇمۇ...
22#
ئىلىياس ۋاقتى: 2013-12-26 14:56:14 | ئايرىم كۆرۈش
4 قىسىم 12:14 لۇق يىرىدە  ‹‹سەن كۆڭۈلشىمىگەن قۇرۇق قول ئېلىشىش ماھارىتى››
كۆڭۈل بۈلمىگەن دىسەك بۇلامتىكى
23#
ئىلىياس ۋاقتى: 2013-12-26 16:19:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلىياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 17:40  

7قىسىم 7:57لۇق يىرىدە چىقىۋالغاندەكمۇ ئەمس
تۇغرىسى ئەمەس
24#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-26 16:33:25 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 20:58
بۇ كارتوننى كۆرۈپ باقماپتىكەنسىز،    شۇڭا قايسى قىسىم ...

‹ئەسلەتمە نۇسخا› دېگىنى ‹تىياتېر نۇسخىسى› نىڭ بىر قىسمىمۇ؟
25#
ئىلىياس ۋاقتى: 2013-12-26 17:50:07 | ئايرىم كۆرۈش
دۈشمىنىڭنى ئوۋلا.

捕获.PNG (1 MB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

捕获.PNG
26#
ساباھ1 ۋاقتى: 2013-12-26 17:55:34 | ئايرىم كۆرۈش
  ..11قىسىم 13:46 .....ئۇ تاشنى يۆتكىيەلەمدىم يوق بىلمەيمەن]يۆتكىيەلمىدىم يوق[  دەپ يېزىلىپ قاپتۇ
27#
ئىلىياس ۋاقتى: 2013-12-26 19:00:48 | ئايرىم كۆرۈش
سەبدىشىمىزمۇ ياكى سەپدىشىمىزمۇ
28#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2013-12-26 19:01:38 | ئايرىم كۆرۈش
سىغىمىنى كىچىكراق قىلىپ پىرىسلىسىڭىز....تورغىمۇ ئىتتىك يوللىغىلى، ئىتتىك چۈشۈرگىلى بولاتتى.
29#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:19:22 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 10:37
بوپتۇ.
يەنە شۇ قىسىمدىن، ئۈچۈنچى كەسمە رەسىمدىكى جۈمل ...

ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ، ھازىر  بۇ كارتوندىن بايقالغان كۆپ قىسىم خاتالىقلار ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن خاتالىقلار ئىكەن، دېتالغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن بەزى نۇقتىلارغا سەل قاراپتۇق، جۈملىدىن ھەقىقىي ياكى ھەقىقى دەپ يېزىلسىمۇ ئىملا تەكشۈرگۈچتە ئىككىلىسى توغرا ئىكەن، شۇڭا بەزى جايلاردا ھەقىقى، بەزى جايلاردا ھەقىقىي دەپ ئېلىنىپ قالدى، پەقەت بۇلا ئەمەس، سەبداش، خاراب، دېگەندەك سۆزلەردىمۇ ئىختىلاپ كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىمۇ بىردەك ئەمەس، مەسىلەن 1985- يىلقى ئىملا قائىدىسىدە «كىتاپ»، 1997- يىلدىكى قائىدىدە «كىتاب» دەپ يېزىلىدىكەن، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە نېمە دېيىلىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم، ئىشقىلىپ خاتانى توغرىلاش مەقسىتىدە مۇشۇ تېما يوللاندى، يەنە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.
  ئاق بۈركۈتكە گرامماتىكا مەلۇماتلىرى ھەققىدىكى تېمىلارنى جىقايتايلى دەپسىز،  سۆزلىرىڭىزدىن بۇ ھەقتە خېلى بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىز باشلاپ بىرەرنى يوللىمامسىز.
ھە راست،   ئۈچىنچى دېسەك توغرا بولامدۇ ياكى ئۈچۈنچىمۇ؟
30#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:32:47 | ئايرىم كۆرۈش
تەلقىنى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 11:25
بولسا ياپونىيە كارتون  فىلىمى«ئالۋاستى قۇيرۇقى»(妖精的尾巴 ...

مۇشۇ بىر كارتوننى تەرجىمە قىلىپ بولالماي بېشىمدىن بۇس چىقىپ كېتىۋاتىدۇ،  ماۋۇ تۈگىسە يەنە نەچچىسى ئۆچرەت تۇتۇپ تۇرىدۇ تېخى... مەن بۇ كارتوننى نەچچە يىلغىچە پىلانىمغا كىرگۈزەلمەيمەن، باشقا تەرجىمانلار قانداقكىن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1