- UID
- 236
- تىزىملاتقان
- 2010-12-7
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 150
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
فىلىم
دەرىجىسى: |
★★★★☆ |
ئىسمى: |
گىگانتلار زەربىدە [2-بۆلۈم] |
خەنزۇچە ئىسمى: |
进击的巨人》第二季》 |
دۆلىتى: |
ياپونىيە |
تىلى: |
ياپونچە |
تۈرى: |
كارتون\\فانتازىيىلىك |
فورماتى: |
MP4 |
ۋاقتى: |
2017-04-01 |
يېزىقى: |
ئۇيغۇرچە\\ياپونچە |
رازمېرى: |
1080× 1920 |
سىغىمى: |
800MB~1G |
ئۇزۇنلىقى: |
24~26 مىنۇت |
رېژىسسور: |
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى) |
باش رولچىلار: |
ئېرېن يېگار- كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان- ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت- ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل- كامىيا خىروشى |
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: |
يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ. |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-5-18 18:09
«گىگانتلار زەربىدە» ناملىق كارتون قويۇلغاندىن كېيىن(2013-يىلى)، ھەر قايسى قاتلاملاردىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى، شۇ قىزغىنلىق تۈرتكىسىدە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئادەملىك تىياتىر نۇسخىسىمۇ ئىشلەپ قويۇلغان بولدى، يىللار ئۆتۈپ مانا بۇ كارتوننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى! بۇ كارتوننىڭ 2-بۆلۈمى جەمئىي 12 قىسىم بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قىسىمدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە 7 قىسىم چىقىپ بولدى! مەزكۇر كارتون تورداشلارنىڭ تەلىپى شەخسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تەرجىمە قىلىش پىلانىغا ئېلىندى! پات ئارىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!IMDb نومۇرى: 9.8/10
IMDb ئۇلىنىشى: http://www.imdb.com/title/tt6786558/?ref_=fn_al_tt_9
فىلىم تەشۋىق فىلىمى:
فىلىم مۇقەددىمە ناخشىسى[يۈرىكىڭنى پىدا ئەيلە]:
ئىنگىلىزچە تەقلىد نۇسخىسى:
ناخشا توغرىسىدا:
«گىگانتلار زەربىدە 2-بۆلۈم» بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىدى! بۇ بۆلۈمنىڭ باشلىنىش ناخشىسىمۇ شۇنداق جەڭگىۋار بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ناخشىنى بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ناخشىسى «قىزىل ئوقيا» نى ئېيتقان ياپونىيىدە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان مۇزىكا ئەترىتى Linked Horizon ئورۇندىغان. سۈرىتى تۆۋەندىكىچە:
ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ مۇقەددىمە ناخشىسىنىڭ نامى «يۈرىكىڭنى پىدا ئەيلە» بولۇپ، ناخشا تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
心臓を捧げよ------------------يۈرىكىڭنى پىىدا ئەيلە
曾经宁愿相信 没有比这更悲惨的地狱
然而人类最黑暗的日子 总是突然降临
叩击门扉的声响不绝于耳 粗暴无礼
自食其果的灾厄之日 好似噩梦一般
背弃往昔岁月之人 是理应驱逐的死敌
那天曾以何种表情和眼神 默默凝视着我们
究竟要将什么舍弃 才能将恶魔驱除
哪怕是生命或灵魂 也绝对在所不惜
献出吧 献出吧 献出心脏
付出的一切牺牲 都只为此刻
献出吧 献出吧 献出心脏
应须前往的未来 当亲手开辟
[قاپىيەگە چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋېتىدىغان پىدائىيلار بولسا ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز!!!]
فىلىم تەرجىمىسى توغرىسىدا:
فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى 25 قىسىم بولۇپ، توردىشىمىز شەمسى بۇرادەر ناھايىتى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنىدى، بۇ بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسىمۇ شۇ بىرىنچى بۆلۈمدىكى كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر جاي ناملىرىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىندى! فىلىمدا ئۇچرىغان بەزى ئىسىم ۋە يەر-جاي ناملىرى ياكى ئاتالغۇلارنى بىرىنچى بۆلۈمدە ئىزاھلاپ بولغاچقا، بۇ بۆلۈمدە قايتا ئىزاھلانمىدى، چۈشىنەلمىگەنلەر بولسا بىرىنچى بۆلۈمنى قايتا بىر كۆرۈپ شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغايسىلەر!
گىگانتلار زەربىدە [1-بۆلۈم توغرىسىدا]
كارتونلار دۇنياسى
|
|