Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ15 چوڭ مەخپىيەتلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-16 01:46  

ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك

  بىز بىلمەيدىغان مۇنداق 15 چوڭ مەخپىيەتلىك-



01-كىنو-فىلىملەردىكى قان ئەمەلىيەتتە شاكىلات قىيامى. رەڭسىز كىنولاردا قاننىڭ ئورنىغا شاكىلات قىيامى ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرىدىغان فىلىملەردە چىقىدىغان قاننىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىش تولىمۇ قىيىن.






  
02-كىچىك مودېللار ئارقىلىق نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ياسىلىدۇ. كومپيوتېر تېخنىكىسى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلەر كىچىك مودېللار ئارقىلىق ئالاھىدە ئۈنۈم يارىتىدۇ. چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا مودېللار ئارقىلىق يارىتىلىدىغان ئۈنۈم كومپيوتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يارىتىلغان ئۈنۈمدىن ھەقىقىي ۋە تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.





03-ئىسپىرت ئەمەلىيەتتە ئاچچىقسۇ ياكى مېۋە شەربىتى، مۇز پارچىسى بولسا يار يېلىمى ياكى سۇلياۋ پارچىسى. ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھاراق ئىچىدىغان كۆرۈنۈش چىقىدۇ. بىراق، ئارتىسلار راستتىنلا مەست بولۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاچچىقسۇ ياكى مېۋە شەربىتىنى ھاراق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ھەقىقىي مۇز پارچىسى بەك تېز ئېرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن فىلىملەردە ئىشلىتلىدىغان مۇز پارچىسىنىڭ ئورنىغا بەزىدە يار يېلىمى، بەزىدە سۇلياۋ پارچىسى ئىشلىتىلىدۇ.

04-زەھەر چەككۈچىلەر چېكىدىغىنى ئەمەلىيەتتە ۋىتامىن B. زەھەرلىك بۇيۇملار چەكلىنىدىغان بولغاچقا، فىلىم ئىشلىگەندە ئەلۋەتتە يالغان زەھەر ئىشلىتىلىدۇ. ئارتىسلار فىلىم ئىشلىگەندە دائم ۋىتامىن B ئارقىلىق ساختا كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. «ۋال كوچىسىدىكى بۆرە» (华尔街之狼) فىلىمىدە ئىشلىتىلىدىغان زەھەر دەل ۋىتامىن B.




05-
تاماكىلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ياسالغان. ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن تاماكا چېكىشنى ئۆگەنمەستىن، بەلكى تاماكا شىركەتلىرى ئۇلارغا مەخسۇس ئىشلەپ بەرگەن تەركىبىدە نىكوتىن ۋە سىمولا بولمىغان تاماكىلارنى چېكىدۇ. بۇنداق بولغاندا تاماكا چەكمەيدىغان ئارتىسلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ھەل بولىدۇ.



06-ئەينەكتىكى رەسىم. فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەمەلىي مەنزىرە ئارقىلىق سىنارىيەدە تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشنى تولۇق ئىپادىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئۆلچەمگە يېتىش ھەمدە رېژىسسورنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن رېژىسسورلار رەسسام تەكلىپ قىلىپ كۆرۈنۈشنى ئەينەككە سىزدۇرىدۇ. ئارقىدىن بۇ رەسىملەرنى كامېرانىڭ ئالدىغا قويۇپ يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق كېرەك قىلمايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى چىقىرىۋېتىلىپ ئۆزىگە كېرەك بولغانلىرىنىلا ئېلىپ قالىدۇ.


7. 3D پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئارتىسلار ئالىدۇ. نۇرغۇن فانتازىيەلىك فىلىملەر ياكى كارتون فىلىملەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىنى ھەقىقىي ئارتىسلار تاماملايدۇ. ئارقىدىن، سېنزور ۋە سىفىر تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆزلەنگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.

08- قار مەنزىرىسى قەغەز پارچىلىرى ياكى ماغزاپ ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىشلەنگەن فىلىملەردە ياز پەسلىدە قار مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىش كېرەك بولسا تاش پاختا يالغان قار قىلىنغان. كېيىنچە كىشىلەر تاش پاختىنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن قەغەز ئارقىلىق قار مەنزىرىسى ھاسىل قىلىنغان.






09-سۈنئىي پۇت-قول ئىشلىتىلىدۇ. ھېچقانداق ئارتىس فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى ئەخمەقلەرچە كېسىۋەتمەيدۇ. فىلىمنىڭ ھەقىقىيلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارتىسلار مەخسۇس ياسالغان سۈنئىي قول-پۇتلارنى ئۆزلىرىنىڭ قول-پۇتى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.



10-يۇيۇنىدىغان سۈيى بىر خىل دۇغ ھالەتتە بولىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا يۇيۇنغاندا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ناھايىتى سۈزۈك بولىدۇ. بىراق، ئارتىسلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۇيۇنىدىغان سۈيى بىر خىل دۇغ ھالەتتە بولىدۇ.



11- فىلىملەردىكى ئارتىسلار فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا يالغاندىن پاراڭلاشقان بولۇۋالىدۇ. ئارتىسلار نۇرغۇن فىلىملەردە يالغاندىن پاراڭلاشقان بولۇۋېلىشى كېرەك. بىراق، بۇنداق قىلىش بىلەن ئاساسىي رولغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويسا بولمايدۇ.


12- فىلىملەردە قوشكېزەكلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئادەتتە قوشكېزەكلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا چولپانلارنىڭ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئالغان رولى ئۇنچە ياخشى بولمىسا ياكى يوق بولسا سۈرەتكە ئېلىشتا ئالاھىدە تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.



13. قول-پۇتلارنى كەسكەن كۆرۈنۈش ئەمەلىيەتتە ساختا. فىلىملەردە بەزى بىمارلارنىڭ قول-پۇتلىرى كېسىۋېتىلىدۇ. بىراق، بۇنداق كۆرۈنۈشتىن ئالدىنىپ قالماسلىق كېرەك.




14-بېشى پارتلاپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەر سۈنئىي باش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئوق ئېتىشىدىغان كۆرۈنۈشلەر چىقىدىغان فىلىملەردە ناۋادا ئارتىسلارنىڭ بېشىدىنلا قان چىققان بولسا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا قان خالتىسى ئېسىپ قويغان بولىدۇ. ناۋادا ئارتىسلارنىڭ بېشى پارتلاپ، مېڭىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن بولسا بۇ كۆرۈنۈش چوقۇم سۈنئىي باش ئارقىلىق تاماملانغان بولىدۇ.




15-ئارتىسلارنىڭ قۇسۇپ چىقىرىدىغىنى كۆپىنچە سۇلۇ ئۇمىچى ياكى ئېزىلگەن چۆپ بولىدۇ. فىلىملەردە ياندۇرغان كۆرۈنۈش ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بىراق، ئارتىسلارنىڭ ياندۇرۇشى سەۋەبلىك فىلىمنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ رېژىسسورلار ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سۇلۇ ئۇمىچى ياكى ئېزىلگەن چۆپلەرنى سېلىۋېلىشنى بۇيرۇيدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى1 ناچارناچار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 16:01 , Processed in 1.384478 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش