ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئاق بۈركۈت 2014-يىللىق تەرەققىيات لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4366 65
dilmurat ۋاقتى: 2013-9-20 11:46:50 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم توغرىسىدا:

1. چوقۇم كىنوخانا سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك.
2. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسى بولىشى كېرەك.
3. فىلىم ئۇچۇرلىرى تەپسىلى يېزىلغان بولۇشى، مۇقاۋىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك.
4. RMVB سىنى 1 سوم، MKV سى 2 سوم بولىدۇ.
5. RMVB سى qvod قويغۇچتا تەمىنلىىنىدۇ، MKV سى BT ئۇرۇقى شەكلىدە تەمىنلىنىدۇ.
6. بىر ئاي كىنوخانىدىن قويۇلغاندىن كېيىن، RMVB سى ھەقسىز قىلىنىدۇ، MKV سى بىر سومغا چۈشۈرىلىدۇ.
7. ھەر 100 سومغا يەتكەندە پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىسىڭىز بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم alipay ھېساباتىڭىزنى تەمىن ئېتىشىڭىز كېرەك.
8. تەھرىر تەرجىمىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، فىلمنى دەرىجىگە ئايرىپ ئەڭ سۈپەتلىك، يەنى تەھرىرنى ئەڭ راھەت ھېس قىلدۇرغان تەرجىمە بولسا %60 تىنى تەرجىمانغا بېرىشكە بولىدۇ. قالغانلىرىنى دەرىجىسىگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
9. كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنىڭ ھەر 2 قىسىمى بىر، كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىملەرنىڭ ھەر تۆت قىسىمى بىر چوڭ فىلىم بويىچە يۇقارقىدەك ھېسابات قىلىنىدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىملىق فىلىمگە ئارىلاشقان تەرجىمانلارنى ئىشنى پۈتۈن قىلىپ مېڭىشى شەرت.


ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىم توغرىسىدا:

1. چوقۇم كىنوخانا سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك.
2. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسى بولىشى كېرەك. (بىر فىلىم ئىككى بېكەتتە كۆرۈلۈپ قالسا بىردەك ئىناسىۋەتسىز قىلىنىدۇ.)
3. فىلىم ئۇچۇرلىرى تەپسىلى يېزىلغان بولۇشى، مۇقاۋىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك.
4. MKV سى 1 سوم بولىدۇ.
5. فىلىمنى ئۆزلىرى خالىغان تور دېسكىلىرىدا تەمىنلىسە بولىدۇ. ئەمما چوقۇم مەنبەنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك
6. بىر ئاي كىنوخانىدىن قويۇلغاندىن كېيىن ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
7. ھەر 100 سومغا يەتكەندە پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىسىڭىز بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم alipay ھېساباتىڭىزنى تەمىن ئېتىشىڭىز كېرەك.
8. كىرىشتۈرۈلۈش سۈپىتىگە تورداشلار باھا بېرىدۇ، ھەم بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۈپەتلىك كىرىشتۈرگەنلىرىگە %50 تى بېرىلىدۇ. شۇڭا ساننى ئاساس قىلماي سۈپەتنى ئاساس قىلىڭ.
9. كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنىڭ ھەر 2 قىسىمى بىر، كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىملەرنىڭ ھەر تۆت قىسىمى بىر چوڭ فىلىم بويىچە يۇقارقىدەك ھېسابات قىلىنىدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىملىق فىلىم كىرىشتۈرگەنلەر ئىشنى پۈتۈن قىلىپ مېڭىشى شەرت.


دوللار توغرىسىدا:

1. تارتۇق تېمىسى يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
3. باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
2. جابدۇق سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

جۇغلانما نومۇر توغرىسىدا:
1. تورداشلارنىڭ دەرىجىسىگە تاقىلىدۇ. دەرىجىڭىز ئاشقانسېرى بېكەتتىكى ئىمتىيازلىرىڭىزمۇ تەڭ نىسبەتتە كۈچىيىدۇ.
2. باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.


يۇقارقى 4 تۈرلۈك لايىھەنىڭ ھەممىسى 2014-يىلغىچە سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.  شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنىڭغىچە قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا  قوبۇل قىلىپ، لايىھەنىمۇ ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىمىز، تەرەققىيات جەريانى ئۆزگىرىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئاق بۈركۈتنىڭ مەيلى ئالدىغا ۋە ياكى كەينىگە يېنىشى يەنىلا كېيىنلىك ئۈچۈن، ئالدىنقى قېتىمقىدەك بوران سوقۇۋېتىپ قالسا يەرگە چۈشۈپ تۇرۇپ بوران توختىغاندا يەنە داۋاملىق ئۇچىدىغان گەپ. بۈگۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ يەنە 3 ئايچە ۋاقىت بار دېگەن گەپ، شۇڭا سىز مەيلى تەرجىمان، مەيلى ئاۋازلىق فىلىم كىرىشتۈرگۈچى ۋە ياكى كۆرۈرمەن بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ لايىھەسى، پىلانى، تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ...!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار65

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئىلىياس ۋاقتى: 2013-9-20 12:17:07 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بۇلاپتۇ
يىكەنداز
free ۋاقتى: 2013-9-20 12:49:48 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارلىق قىلساقمىكىن   يەنە  مۇقاۋىچى بۇرادەرلە  مۇ  ئاز ئەمەس  مۇقاۋىچى بۇرادەرلەرگە قانداق قائىدە بېرىمىز
گېلەم
پازىل ۋاقتى: 2013-9-20 12:53:23 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.
كىگىز
جەسۇر16 ۋاقتى: 2013-9-20 13:17:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى دوللارنى سومغا ئالماشتۇرغىلى بولمامدۇ ؟
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-9-20 13:30:38 | ئايرىم كۆرۈش
free يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 12:49
مىنىڭچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارلىق قىلساقمىكىن   ي ...

شۇنداق، شۇڭا ھەممەيلەن ئۆز-پىكىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەتراپلىق ئويلىشايلى.
داق يەر
ئوتباش110 ۋاقتى: 2013-9-20 13:35:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارغا كورىدىغان قىلساق ياخشىمىكەن دەيمە چۈنكى ھەممە ئادەم دە دوللا كوپىيىپ دوللارنى خەجلەشنى بىلمەي قالىدۇ. ھەم كۇرۇش قىزغىنلىقىمۇ سەل يۇقىرى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.شۇڭا كىرىشتۇرگۈچى تەرجىمانلارمۇ بۇنىڭغا قايىل بولىشى مۇمكىن خەتلىك فىلىمنى ھەقلىق قىلساق تامامەن بۇلىدۇ
مىخ
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-9-20 13:49:47 | ئايرىم كۆرۈش
قوشۇلىمەن ، مۇشۇنداق قىلغاندا بىكەت مالىيەسىنىمۇ قامدىغىلى ھەمدە كۆپلەپ سۈپەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنى تورداشلارغا سۇنغىلى بولىدۇ ، ئەمما MKVھەم rmbvئىككى خىل ھالەتتە پىرىسلاپ تورغا يوللاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ تەھرىرلىرىمىزگە بىسىم بولۇپ قىلىپ فىلىمنىڭ چىقىش سۈرئىتىگە تەسىر يىتەمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن ، شۇڭا بەك سۈزۈك كۆرىمەن دەيدىغانلار كۆپ بولمىسا ئامال بار rmbvھالەتتىلا پىرىسلاپ تورغا يوللىساق بولارمىكى دەپ ئويلاۋاتىمەن .
9#
kokqin ۋاقتى: 2013-9-20 13:58:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇنقىدەك قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسىدا سوم قاچىلاپ كىنىو كۈردىغان قىلاسىلە    alipay ئىشلىتەلمىەيدىغانلارمۇ خېلى با  مەندە ك:lol
10#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-9-20 14:17:05 | ئايرىم كۆرۈش
kokqin يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 13:58
بۇرۇنقىدەك قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسىدا سوم قاچىلاپ كىن ...

قىممەت تولۇقلاش ئۇسۇللىرى بۇرۇنقىدەك بولىدۇ.
11#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-9-20 14:18:09 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 13:49
قوشۇلىمەن ، مۇشۇنداق قىلغاندا بىكەت مالىيەسىنىمۇ قامد ...

قېنى بار مەسلىھەت ئىش قىلارمىز، باشقىلار نېمە دەيدىكىن.
12#
hawaskar ۋاقتى: 2013-9-20 14:23:29 | ئايرىم كۆرۈش
”3. فىلىم ئۇچۇرلىرى تەپسىلى يېزىلغان بولۇشى، مۇقاۋىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك.“
بۇ مۇقاۋىسىنىمۇ فىلىم تەرجخمە قىلغۇچى ياكى ئاۋازلىق فىلىمنى كىرىشتۈرگۈچى ئۆزى لايىھەلىسۇن دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟

مىنىڭچە مۇم كىن بولسا مۇقاۋىنى ئۆزى ئۆزلەشتۈرسە،ئەگەر مۇقاۋىنى باشقىلار لايىھەلەپ قالسا  شۇ كىنونىڭ كىرىمىگە ئاساسەن  كىرىمنىڭ 1-2% تىنى(تەرجىمان ياكى ئاۋازلىق فىلىمنى كىرىشتۈرگەنلەرگە بىرىدىغان كىرىمنىڭ ئىچىدە بار) مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىگە بەرسەك دېگەك ئۈمىدتىمەن. بۇنداق بولغاندا ھەممەيلەن ئۆز قابىلىيتىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە قىممەت يارىتىدىغان سەھنە ھازىرلانغان بۇلاتتى.  مۇقاۋىنىڭ ئىشلىنىش  جەريانىنى سىنغا ئېلىپ تەمىنلىگەنلەرنىڭ بىكەتتىكى ھېسابىغا 1-2 سومدىن مۇكاپات ئۇرۇپ بەرسەك تېخىمۇ ياخشى بۇلىدىغۇ دەيمەن.
13#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-9-20 16:06:05 | ئايرىم كۆرۈش
hawaskar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 14:23
”3. فىلىم ئۇچۇرلىرى تەپسىلى يېزىلغان بولۇشى، مۇقاۋىسى  ...

مۇقاۋىنى ئۆزى لايىھلىسىمۇ ياكى ئۇستاملارغا قىلغۇزسىمۇ بولىدۇ، بۇرۇنمۇ بىر دەپ ئۆتكەن پۈتۈن تەشۋىق فىلىملىرىنى ئۆزلىرى قىلىدۇ دەپ، چۈنكى بېلەت كىرىمى شۇلارغا مەنسۇپ، ئۇستاملارغا قىلغۇزسا سىز دېگەندەك ئۇستاملار بىلەن ئۆزلىرى كېلىشىۋالسا بولىدۇ.
14#
ئەكبەر007 ۋاقتى: 2013-9-20 16:18:17 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىر ئىكەن . قوللايمەن، سۈزۈك ئەخلەت فىلىملەر يوللانمىسا .
15#
atilla ۋاقتى: 2013-9-20 16:26:59 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بولاپتۇ..
ئەڭ ئاۋۋال مۇنبەرنىڭ بىۋاستە رەسىم چىقىرىش ئىقتىدارىنى قوشسا بولارمىكى دەرىجىسى يۇقىرىلارنىڭ بىۋاستە چىقىدۇ دەپ ئاڭلىدىم.. چەك قويۇلماي ھەممە ئەزالارغا ئورتاق بولۇنسا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1