Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 950|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەكىستىن كەلگەن خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-9 12:15  

ئەسەبىي مەكىسنى،  ئىسىمدە يوق، تەخمىنەن ئون نەچچە قېتىم كۆرىۋەتكەندىمەن. بىر قارىسام ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ
فىلىمدە باردەك بىلىنىدۇ.
خۇددى ئالما، نەشپۇت، قۇغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەمىدىن تېتىپ بولغىچە سالات يەپلا بارلىق خۇمارنى بېسىقتۇرغاندەك.

كاللامدىكى كىنودىن كەلگەن خىياللار بېسىقىپ قالماستىن بارغانچە قايناپ قالدى  شۇنىڭ بىلەن مۇنبەردىكىلەر بىلەن خىياللىرىمنى ئورتاقلاشماقچى بۇلۇپ قالدىم.

كىنونىڭ دەسلەپكى  پاراڭلىرى كىنونىڭ ۋەقەلىكىنىڭ يۈزبىرىشىنىڭ سەۋەبلىرى بۇلۇپ بايان شەكىلدە ئۇنداق بولغان، مۇنداق بولغان ئاندىن مۇنداق بولدى دەپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمەستىن مۇھىم نوقتىللىرىنى دىيالوگ شەكىلدىلا بىرىپ، كىنودىكى يەر-زىمىننىڭ قاقاسلىشىپ كىتىشى، ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىلىشىپ كىتىشىنى بىزگە ھەيران قالمىغۇدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرىدۇ.

كىنونىڭ باشلىنىشىدا زىمىن ھالەك بولسا ئىنسانلارمۇ تۈگىشىدۇ. كىم، كىمدىن بەكىرەك ئەسەبىيلەشتى بۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. مەنمۇ ياكى باشقىلارمۇ دەيدۇ.بۇ گەپ دەل باش قەھرىمان مەكىسنىڭ گىپى  بۇ گەپ بىلەن ۋەقەلىكتە ئىككى تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. بىرىنچىسى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەبىيلىشىپ كەتكەنلەر  مەكىسنىڭ ئېغىزىدىكى خەقلەر.  ئىككىنچىسى دەل مەكىس باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن. مەكىسنىڭ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئەسەبىيلىشىپ كەتكىنىنى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى رىئاللىق بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن خىيالى تۇيغۇللىرىدىن ھېس قىلالايمىز.
كىنونىڭ باشلىنىشىدىكى ئىككى باشلىق پاتمۇچۇقتىن تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى ھەتتا ھايۋانلارنىڭ گىنىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر بولغانلىقىنى ھېس قىلساق مەكىسنىڭ پاتمۇچۇقنى تىرىك يەۋىتىشىدىن ئادەملەرنىڭ ئەسەبىيلىشىشىنىڭ تۇپراقنىڭ بۇلغنىشىدىنمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ.

بۇنداق بىر ئىنساننىڭ قەلبىدىن مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، ۋىجدان، ۋاپا، دىگەنلەرنى ئىزدەش ھەممەيلەنگە ئەخمەقلىق بىلىنىشى مۇمكىن  ئەمما كىنونىڭ كىيىنكى ۋەقەلىكلىرى بىزگە ئىنساننىڭ قەلبدىكى ئادىمىيلىككە خاس پەزىلەتلەرھەرقانچە ناچار مۇھىتتىمۇ قەلبنىڭ بىر يىرىدە ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

نۇرمال ياشاش شارائىتى بولماي قالغاندا ئەتىراپىڭدىكىلەرنى يەپ ئۆزۈڭنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ ياشاش شارائىتىڭنى ياخشىلايسەن ياكى سەندىن كۈچلۈكلەرگە يەم بۇلىسەن. بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتى  كىنومۇ دەل مۇشۇ قائىسە بويچە مەكىسنى جوۋغا تۇتۇپ بەردى.

مەكىسنىڭ قېنى نىمىشقا باشقىلادىن ھارارەتلىك بۇنى بىلمىدىم. ئھىتىمال كىيىنكى ۋەقەلىكنىڭ ئىھتىياجى سەۋەپلىك شۇنداق بىر باھانە بىلەن قان خالتىسى قىلغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن.
ياكى پاتمۇچۇق يەپ جان ساقلىغاندىكىن شۇنداق بولغاندۇ. جەڭ ئوغلانىدەك قوغۇز يىمىگەندىكىن.

ئارلىقتىكى ۋەقەلىكلەردە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىندى جۇۋنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكى  ياشا مۇھىتى ناچار، جۇۋنىڭ زالىملىقى چېكىگە يەتكەن شۇنداق تۇرۇپ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشنى شەرەپ بىلىدۇ.   

بىرگەپنى كىسىپ دىسەم بەلكىم ئىشەنمەيسىلەر   سىنارىيە يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇپتىن خەۋىرى بار. مەن 60 يىللىق ھاياتىنى سۇپىلىققا بېغىشلاپ، ئىشاننى پىر تۇتۇپ، ھاياتىنى تەسەۋۋۇپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى ئىنساننىڭ ئەۋلادى بۇلۇش ئالاھىدىلىكىم بىلەن تەسەۋۋۇپنى خېلى ئۇبدان چۈشىنىمەن. چۈشىنىپمۇ ئۆز ۋاقتىدا جالالىدىن رۇمى، پەرىددۇن ئەتتارى بارلىققا كەلتۈرگەن تەسەۋۋۇپ يۇلىنىڭ  ھىدايۇتۇللا ئىشاننىڭ ئالقىدىن ئۈتىشى بىلەن ئەسلى ماھىيتىنى يۇقۇتۇپ ئىنسانغا چۇقۇنۇش شەكلىنى ئېلىپ پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ كەتكەن ھازىرقى زامان شەكلىنى چۈشىنىمەن.  بۇنداق ئىنسان ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىپ شاھىدلىققا ئېرىشىپ ئەۋلىيالىق  ماقامىغا يىتىش دەل تەسەۋۋۇپتا تىلغا ئېلىنىدۇ.  كىنودا بولسا بۇنى ئەرۋاھلار سارىيىغا بېرىپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

شۇنداقلا جۇۋنىڭ ھاكىمىيتىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇلنى يەنى چۇقۇنۇشنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ كىنونىڭ چىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.


جاھالەت ھارقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ھەقىقەت يەنىلا مەلۇم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، ئەقلىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. گەرچە جۇۋنىڭ ھاكىمىيتى شۇنچە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ پورىئوسا ۋە جۇۋنىڭ خوتۇنلىرىدەك بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تېخى كاللىسى يۇيۇلمىغان، جۇۋنىڭ ھاكىمىيتىگە بولغان قارشىلىقى يۇقالمىغان. ئۇلار قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمىغان بولسىمۇ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، ئەركىنلىككە بولغان تەلپۇنىشى ئۆچمىگەن. ئاخىرى پورىئوسانىڭ جاڭ ماشىنىسىىڭ رۇلىغا ئولتۇرىشى بىلەن بۇ ئارزۇ  ئۈچۈن قەدەم ئېلىش پۇرسىتى بولغان.

كائىناتتىكى جانلىقلار ئىنسالار، ھايۋانلار، ئۇچارلىقلار، بېغىرلىغۇچىلار دەپ نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىنمۇ ئىنسانلار  مىللەت پەرقى، ئىتىقاد پەرقى، جىنىس پەرقى سەۋەپلىك ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.  يېغىنچاقلىغاندا جانلىقلار قانداقلا تۈرلەرگە بۈلۈنۈپ كەتسۇن ئۇلار ھەقىقەت ئالدىداا ئىككىلا تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرخىلى ھەقىقەتنى ياقىلىغۇلار  ھازىرقى زامانغا تەدبىقلىغانلا مەزلۇملار يەنە بىر خىلى ھەقىقەتنى نابۇت قىلغۇچىلار يەنى زالىملاردۇر. زالىملار ئالدىدا مەزلۇملار ھەرقانداق پەرىقنى يۇقىتىپ بىرگەۋدە بولالايدۇ.
ئۇلار پەقەت جانلىق بولسىلا،  ئىنسان بولسۇن ياكى ھايۋان.

كىنودىكى مۇھىت ۋە ئادەملەرنىڭ جەڭ قۇراللىرى، ماشىنلىرى، جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ قانچىلىك ۋەھشىلىشىپ كىتىشى پەقەت تەرەققىياتقىلا باغلىق بولمايدىغانلىقىنى، پەن تېخنىكا بولمىسىمۇ ئىنسانلار ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۆزىنى ۋەھشى ئىستەكلىرىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. جەڭ مەيدانىنىڭ ۋەھشىلىكىنىڭ ئۆزنىلا بىزنى ھەيران قالدۇرۇشقا يىتەتتى ئەمما كەينىدىن كەلگەن بۇران كىنونىڭ ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرگەندىن باشقا يەنە مۇنداق ئۈچ نەرسىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

1- تەبىئەت ئورمانلاردىن ئايرىلغاندىن كىيىن بىرىنچى بۇلۇپ يوقلاپ كىلىدىغىنى ئەنە شۇنداق زىمىننى تۈزلىۋىتەلەيدىغان بۇران-چاپقۇن بۇلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مۇھىتنى يەر شارىنى قوغدىشى پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغدىغانلىق. ئۇ ھېچبىر ئادەمگە ياكى تەبىئەتكە قىلىپ بەرگەن ھەركىتى ئەمەس. ئۆزى ۋە ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن قىلغان ھەركەتتۇر.

2- جەڭنىڭ ۋەھشىلىكىدىن جىددىيلىشىپ ئولتۇرغان كۆرەرمەنلەرنىڭ ھېسياتىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق چاقماقلىق بوراننى ئورۇنلاشتۇرغان.

3- بەزەن كىچىكرەك ماشىنلارمۇ ساق چىقىپ كىتەلمىگەن بوراندىن مەكىسنىڭ ماشىننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ساق چىقىپ كەتكىنىدىن مەكىسنىڭ جېنىنىڭ قانچىلىك چىڭلىقىنى بىلىپ يىتلەيمىز.
شۇنداق قىىپ بۇ بوران چاپقۇن كىنونىڭ ۋەقەلىكىنى يىغىپ ئۈچ قەھرىماننى بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى.

ھاياتلىق قىيىنلاشقانسىرى ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك كۈچىيىپ كىتىدۇ.  شۇنداقلا بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. رەھىم-شەپقەت، مىھىر-مۇھەببەت دىگەنلەرنىمۇ بېسىپ كىتىدۇ.

بۇنداق ۋاقىتتا ھەربىر ئادەمدە ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك خاھىشى باش كۆتۈرىدۇ.  پورىئوسا، مەكىس بىلەن دەسلەپكى ئۇچراشقان ۋاقىتتا گەرچە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ئارزۇلار ئورتاق بولسىمۇ بىرى-بىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن ھەم ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك سەۋەبىدىن بىرى-بىرىنى ئۆلتۈرۋېتىش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرىشىدۇ. ئەمما ئۇلار ھايات قېلىش ئۈچۈن بىرى-بىرىگە يول قويمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بىرلەشكەن بۇلىدۇ.

بىزنىڭ ماقال-تەمسىللىرىمىزدىكى « ئۇرىشمىغۇچە تېپىشماس » دىگەن ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ قويدى.

مەكىس ماشىنىغا چىقىۋېلىپ ئاياللارنى تاشلاپ كەتمەكچى بولغاندا پورىئوسا مەكىسنىڭ يېنىغا « سەن ئۇ ئەبلەخنى ساڭا رەھمەت ئېيتىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ بۇ ئىككى مىڭ ئات كۈچىگە ئىگە جەڭ ماشىنىسى، يۈزۈڭدىكى ئاۋۇ نەرسىنى ئېلىۋېتىشنى خالىمامسەن » دەيدۇ. مەن بولغام بولسام « سەندە ۋىجدان يوقمۇ؟ سىنىمۇ ئەركىشى دىگىلى بولامدۇ؟ مۇشۇ بەش ئاجىزەنى تاشلاپ كىتىشكە كۆڭلۈڭ قانداق ئۇنايدۇ» دېگەندەك دۇنياۋى ھەقىقەتلەرنى سۆزلىگەن بولاتتىم. ئىشىنىمەنكى پورىئوسانىڭ ئورنىدا ھەرقانداق ئۇيغۇر بولغان بولسا يۇقارسى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى دىمىسىمۇ بىرە جۈملىسىنى ئىشلىتەتتى.

چۈنكى بىز ئەمەلىيىتىمىز قانچىلىك ئېچىنىشلىق بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر غايىۋانە قەھرىمانلىق، ئۇلۇغلۇق چۈشىگە مۇپتىلا بولغان ئادەملەر. بىز بۈيۈك بىر ئىتىقاد ئىگىسى ئەمما تەقىرىمىز ئىتىقادسىز ياشاۋاتقانلاردىنمۇ بەتتەر چۈنكى بىز ئىتىقادنى ساقلاپ قالغان بىلەن ئادىمىيلىكنى يۇقىتىپ قويغان شۇنىڭ بىلەن ئىتىقاد قە؛بىمىزگە ئورنىمىغان ئۇ ئېغىزىمىزدا شەكىلدىلا قېلىپ قالغان.

يۇقارقى دىيالوگدىكى پەرىق بىرى ئادىمىيلىك تەقەززا ۋە شەخسى مۇددىئانى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا يەنە بىرى  ئىتىقاد، پەزىلەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن لېكىن بىزنىڭ بۇنداق ئىتىقاد قاراشلىرىمىزنى باشقىلارغا تېڭىشىمىز دائىم ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ.

بىز ئاۋۋا ئادىمىيلىكىمىزنى تاپالىغان بولساق ئىتىقاد ئاندىن قەلبىمىزدە كۆكلەپ بىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن بولاتتى.

شۇنداق قىلىپ مەكىس بىلەن پورىئوسا بىر كىمە چىقتى كەينىدىن جەڭ ئوغلانى خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

جوۋغا نىسبەتەن پورىئوسانىڭ ئاسىيلىق قىلىشى، باشقا خوتۇنلىرىنىڭ قېچىپ كىتىشىدىنمۇ بەكىرەك  ئانگارادنىڭ قۇرسىقىدىكى بالا مۇھىم ئىدى. ئەنە شۇنداق بۇلغانغان مۇھىت ئىچىدە بىر بۇۋاقنىڭ ساغلام دۇنياغا كۆز ئېچىشى جوۋغا نىسبەتەن ھاكىمىينىڭ كەم دىگەندە 50 يىل ئوزارغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

بۇ يەردىكى بىر كۆرۈنۈش دەسلەپ كۆرگەندە قەلبىمنى لەرزىگە سالغان ئىدى.
يەنى ئانگاراد زەنجىرنى كىسىۋېتىپ ماشىنىغا چىقماقچى بولغاندا تاشقا سۇقۇلۇپ كەينىدىن ئىشىككە ئېسىلغاندا ئىشىك ئاجراپ كىتىپ چۈشۈپ كىتىپ جوۋنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەندە جوۋ ئۆزىنىڭ ۋە ماشىندىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ئويلىماستىن ماشىننى ئۆرىۋىتىدۇ.

بۇ كۆرنۈشنىڭ قەلبىمنى لەرزىگە كەلتۈرىشىدىكى سەۋەپ جوۋ سىرتقى دۇنياغا قانداقلا ئادەم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر دادا، بالىسىغا بولغان مىھرىبانلىقى بىر پەيغەمبەرنىڭ، بىر مۆمىننىڭ، بىر تەقۋادار كىشىنىڭ بالىسىغا بولغان مىھرىبانلىقى بىلەن ھېچ بىر پەرقى يوق ھەتتا ھەرقانداق كىشىنىڭ مىھرىبانلىقىدىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن. چۈنكى بالىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكەلەيدىغان ئاتىلار قانچىلىك چىقار... ۋەھشى زالىم، قانخور، قاتىل جوۋنىڭ بۇيەردىكى ھەركىتى ئىختىيارسىز ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

ئانگارادتىن ئايرىلىش ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىز كەلدى چۈنكى ئۇلارنىڭ يەنى جوۋنىڭ باشقا خوتۇنلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچى، يىتەكلىگۈچى مەنىۋى ئىنىرگىچە بەرگۈچىسى شۇ ئىدى.  باشقا خوتۇنلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆيگەن مەشئەللەرنىڭ ئۇتى ئانگارادنىڭ قەلبىدىن تۇتاشقان ئىدى.

ئانگارادنىڭ بىر ھامىلدار ئاياللا ئەمەس قەھرىمان ئىكەنلىكى مەكىسنىمۇ قايىل قىلغان ئىدى.

ئانگاراد ئۆلگەندىن كىيىن جوۋنىڭ غالجىرلىقى تېخىمۇ چەككە يەتتى. جەڭ ئوغلانى بولسا ئانگارادنۇ قۇتقۇزىدىغان ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپ يىغلاپ ياتتى.
ۋېيشىندا مۇنداق بىرجۈملە گەپ ئۇچۇپ يۈرگەن ئىدى. « كىچىككىنە مىھىر-مۇھەببەت، كىچىككىنە چۈشىنىش، كىچىككىنە ئەپۇ قىلىشلارنىڭ كەملىكىدىن ئىنسان ئاجايىپ قىممەتلىك نەرسىللىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ» بۇ بىرجۈملە گەپ كىنونىڭ مۇشۇ يىرىدە ئىسپاتلاندى. قىزىل چاچلىق قىز جەڭ ئوغلانىنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇنىڭ جىسمىنى ئەمەس ئۇنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. مۇشۇ قىزنىڭ مۇھىمى كىچىككىنە مىھرى-مۇھەببەت سەۋەبىدىن بۇرۇنقى ئەرۋاھلار سارىيىغا بېرىشنى ئويلايدىغان قۇربانلىقتىن ھەقىقەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلالايدىغان قەھرىمانغا ئايلاندى.

ماشىننىڭ مۇزغا پېتىپ قېلىشى بۇ ئاداشنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.  دىققەت قىلدىڭلارمىكى لاررىي بىلەن بارري دەپ دۇۋلىسىدىكى ئىككى دانە تۈشۈكچىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى شەرىئەتتە بەك تەكىتلەيدىغان كىرامەن كاتىبەيىندەك بۇ يەرلىرىمۇ ئادەمگە تەسەۋۋۇپنى ئەسلىتىپ قۇيىدۇ.

ئاخىرى بۇلار بىر تەرەپكە ئۆتتى، باشتا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئۇلارنىڭ كەلگەن يىرى، سالاھىيتى، ئالاھىدىلىكى قانداق بۇلشىىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى بىر تەرەپكە يەنى ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىلار تەرەپكە ئۆتتى.

بۇلار دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئەھدى-ۋاپا ھەققىدە ئەقلىيە سۆز، ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلەرنى سۆزلىمەي ھەممىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ دوستلۇقنىڭ ۋەزنىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ قۇيىدۇ.

جەڭ جەريانىدا بىرى-بىرىنى قۇتقۇزىشى، جەڭ ئوغلانىنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى، پورىئوسانىڭ مەكىسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يارلىنشىى، مەكىسنىڭ پورىئوسا ئۈچۈن قان بىرىشى قاتارلىقلار بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئېلىنمىغان دوستلۇقنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

كىنونى كۆرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن خىياللار بەك كەڭىرى بولسىمۇ سەل قىسقارتىپ يازدىم  ھەجىمىنى بەك كېڭەيتىۋېتىپ ئاخىرىنى چۈشۈرۈشكە ھېرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىم.
ئەمدى كىنودىكى ئارتىسلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سۆرىتىنى كۆرەيلى







ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-7 01:16:54 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-7 01:20  

ئاۋۋال پورىئوسانىڭ بىلىكىنىڭ ئەسلى شۇنداق ئۈزۈكمىدى ياكى بىلىكى ساق بىرىنى ياساپ مۇشۇنداق رولغا چىقارغانمىدۇ دىگەن خىيال بولغان ئىدى. بىراق كىنودا قانچە قاراپمۇ بىلىكىنى تىقىۋالغان يەرنى تاپالماي ئىھتىمال رول ئىھتىياجى بىلەن مۇشۇنداق بىلىكى يوق بىر ئايالنى تېپىپ ئىشلەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.


كىيىن ئايان بولدىكى بۇ ئەسلى بىلىكى ساق بىر ئايال ئىكەن. رولغا چىقارغاندا بىلىكىگە قانداق ھۆنەر ئىشلىتىپ بۇنداق چانمىغۇدەك يۇشۇردى بۇنى بىلمىدىم. ئىھتىماك كومپىيوتىر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندۇ. ھىندىستاننىڭ ئەزىمەت فىلىمىدە ئاخىردا بىرىنىڭ قۇلىنى كىسۋېتىپ تاشلىۋەتكەندە ئۇنىڭ كىسىلگەن قۇلىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالغىنى چېنىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا بىلىكىنى تىقىۋالسا ھامان چېنىپ قالىدۇ دەپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قاپتىكەنمەن.
ئەسلى بىلىكى مۇنداق ساق ئىكەن ئەمەسمۇ ...

ئاۋۇ جەڭ ئوغلانىنىڭ چىرايىنىڭ سەتلىكىنى دىمەيلا قوياي ھە دىسىلا مەن شەھىت بۇلىمەن دەپ ئېغىزىغا چاچقان بىر نىمىسى كۆڭلۈمنى بەكلا ئېلىشتۇرغان ئىدى. ئۈزى پاكىزە بالىكەن بولمىسا

جوۋنىڭ رۇلىنى قانداقراق ئادەمنىڭ ئوينىغانلىقىغا بەكلا قىززىققان ئىدىم. ئۇ ئادەمنىڭ گۈزىلىم دەپ توۋلايدىغان بۇغۇق ئاۋازى ئىسىمدە بەكىرەك تۇرۇپ قاپتىكەن. ئەسلى مەن تۇنىمايدىغان بىر قېرى ئارتىس ئىكەن.

ئانگاراد ئاجىپ چىرايلىق كۆرۈنگەن ئىدى. نىمانچە چىرايلىق نىمە بۇ دەپ قالغان ئىدىم. قۇملۇقتا ئۇنداق كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس ئىكەن.

مەكىس ... ساقال بۇرۇتنى شۇنداقمۇ قۇيۋالامدۇ ئەچكۈنىڭ قۇيرۇقىدەك ئېغىزلىرىنى يۆگىۋاپتۇ

بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزنى قوزغىغان ئىككى ئارتىس


رىزىسسور ۋە ئىككى باش رولچى


ئۇششاق رولچىلار

ھەممەيلەن

ئەركاننىڭ جاپا كۆرمەي تەرجىمە قىلىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغىنىغا، ئاق بۈركۈتنىڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىگىنىگە ۋە ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت خەير-خوش كىيىن كۆرشەمىز دەيدۇ. ئىككى قەھرىمان

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-8-6 11:56:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قايتا بىر كۆرسەم بولغۇدەك خوتۇن دىگەن قىرى بەك قورقۇنۇشلۇقكەن ۋايجان دەپ تۇلا كوتۇلداپ ئوبدان كۈرەلمەپتىكەنمەن ما مۇھاكىمىنى ئۇقۇپ قايتا كۈرۈش نىيتىگە كەلدىم  
گېلەم
ۋاقتى: 2015-8-6 11:50:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە مۇھاكىمە تۈسىنى ئالغان بىر تەسىرات يازغىنىڭلاردىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم..... داۋامىنى ساقلاپ ئولتۇرۋاتىمەن مۇشۇ تاپتا..... مەن مەكىسنى كۆرگەندىكى ھىسياتىمنى دېسەم ناھايىتى قىزىقارلىق..... مەن تۇنجى قېتىملىق كۆرگىنىمدە مۇشۇ فىلىمنى شۇنداقلا بىر كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسىدا كۆرۈپتىكەنمەن..... شۇنىڭ بىلەن فىلىم ۋەقەلىكى ۋە جىددىي تۈس ئالغان جەڭ مەيدانلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ھالدا خۇددى ئاشۇ جەڭ مەيدانىدا مەن باردىكىدەك ھاياجانلىق ئىچىدە كۆرگەن ئىدىم.... تۈنۈگۈن تېخى قايتا بىر كۆرەي دەپ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى چۈشۈرۈپ بىردەم كۆرۈپلا ئاۋازنىڭ پىرسوناژلار خاراكتىرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە تازا چۈشمىگەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ كۆرمىگەن ئىدىم. بۈگۈن ئەمدى سىلەرنىڭ بۇ تەسىراتىڭلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ فىلىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش نېيتىگە كىلىپ قالدىم...... بۇ تېمىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.... شۇنداقلا كىنوخۇمارلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ كىنو كۆرگەندىن كېيىنىكى خۇمارىنى بېسقىتۇردىغان بىر چايخانىسىغا ئايلىنىپتۇ.... مۇمكىن بولسا، مۇشۇنداق تەسىراتلار مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن......
كىگىز
ۋاقتى: 2015-8-6 20:43:17 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى ئۆزتىلنى چۈشۈرۈپ ، ئوتكۈزۈپ كۈرۈپ بىقىڭ ، ھىلىقى ھالاكەتلىك ئۈچقۇر ئۈلۈم ماشىنى «3بۈلۈملىك ، جاسۇن سىتھام چىقىدىغانچۇ » شۇنىڭغا ئوخشاش فىلىم ئوخشايدۇ دەپ كۆرمەي تاشلاپ قويغانتىم ، بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى چىققاننى كۈرۈپ ، خەتلىك فىلىمگە بولغان قىزىقىش تۈپەيلى چىداپ ئولتۇرۇپ كۈرۈپ باقاي دەپ فىلىمنى باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە شۇندا ھاياجان ئىلكىدە كۆردۈم ، فىلىم ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلەنگەن فىلىم ئىكەن ، شۇنىڭدىن كىيىن ، بۇ فىلىمنىڭ كىيىنچە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى چىقىپ قالارمىكىن دەپ خەتسىز سۈزۈك نۇسخىسنى ئىزداۋاتقان شۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ ئالدىنقى 3بۈلۈمنىڭ بارلىقىنى ، بىلىپ شۇلارنىمۇ چۈشۈرۈپ كۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ، بىرىنچى بۈلۈمى دىگەندەك ياقمىغان بولسىمۇ ، ئۇنى چىداپ كۈرۋەتتىم ھەرنىمە دىگەن بىلەن فىلىمنىڭ باش لىنىش نوقتىسىدە ، 2-3 بۈلۈملىرىنى كۈرۈپ بۇ بۇلۇملىرىنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم .
فىلىمنى كۈرۋىتىپ ئىھتىيارسىز ، « تىرىك مۇردىلار » دىگەن فىلىم يادىمغا كىلىپ قالدى ، گەرچە بۇ فىلىم  بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى بولمىسۇمۇ ، بىراق بۇ فىلىمدە بىر ئورتاقلىق بار ، ئۇ بولسىمۇ ھايات قىلىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن قىچىش ۋە ئۈزىنى قوغداش ۋە شۇنداقلا باشقىلارغا قارا قولىنى سۇنۇش ئىدى .
يەنە ئەگەر ئىنساننى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان قانۇن ، ھۆكۈمەت ، مۇھىمى ئىتىقات بولمايدىغان بولسىدى ، بۇ دۇنيادا ياشاش  تولىمۇ تەس ئىشقا ئايلىنىپ قالار بولغىيمىتى دەپ قالىمەن .
مەيلى قاندالىكىن بولمىسۇن ، بىر فىلىمنىڭ ئارقىسىدا سىز ھىس قىللايدىغان ياكى دەمەللىققا ھىس قىلاممايدىغان ، بىرخىل مەزمۇن ، ياكى ئەمىلىيەت ۋە ياكى بىرساۋاق مۇجەسسەملەنگەن بولىدىكەن ، مۇمكىن بولسا ، مۇشۇنىڭدەك تىمىلار كۆپلەپ يوللانسا ، فىلىمنى كۈرۈپ قويۇپلا ئەجەپ ئىسىل كىنوكەن دەپلا كىنونى چۈشەنگىنىمىز بويىچە كۈرمەي ، مۇشۇنىڭدەك بىز ھىسقىلاممىغان ئىنچىكە نوقتىلارغىمۇ تۇلۇق چۈشەنسەك ، شۇ فىلىملەردىن مەلۇم دەرجىدە بىلىم ۋە باشقا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىرەر ئوقۇمغا ئىرىشىپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئىدى .
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-6 22:25:12 | ئايرىم كۆرۈش
  ئۆمرۇمدە كۆرگەن ئەڭ تەپسىلىي بولغان كىنو چۈشەنچىسى بولاپتۇ ماۋۇ كىنودىگەنگە ئەسلى مۇشۇنداق نۇقتى نەزەرلەرنى ئىلىپ تۇرۇپ كۆرگەندە ھەركەتلىك يىرىدىنلام ھۇزۇرلانغاندىن سىرت ئادەم تەبىييتىنى،زىمىن تەبىيتىنى،تەبىئەتنىڭ يۇقالغاندىن كىيىنكى ئاقىۋېتىنى ھىسقىلىپ يىتىۋالغىلى بولىدىكەن ئەمەسۇ...قۇل قۇيدۇم بارىكاللا زىھنىمنى كاللامنى ئىچىپ قۇيداڭلار....مەن كۆرەپ كىنودا كىملە با،كىملە ئۆلدى شۇنىڭغا شاھىت بولاپ، ئىت تالاتۇرۇشنى قۇياپ بەرگەننى كۆرگەندەك كۆرەپتىكەنمەن ئەمەسما...
داق يەر
ۋاقتى: 2015-8-7 17:57:23 | ئايرىم كۆرۈش


ماۋۇ سۈرەتنى ئىككى باش رولچى ۋە رېژىسسور دەپسىز . ئوڭ تەرەپتىكىسى ۋەتەنپەرۋەر ، قەيسەر يۈرەك ناملىق فىلىملەردىكى يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغان باشرولچى ، بىشارەت فىلىمىنىڭ رېژىسسورى مېل گىبسون (mel gibson)[url]http://www.imdb.com/name/nm0000154/[/url] غۇ . ئو كىشى بۇ فىلىمدە چىقمايدىغۇ ؟!
مىخ
ۋاقتى: 2015-8-7 23:23:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمدە شەيتاندىنى پۇرىقى ئىنتايىن ئېغىر غالجىرلاشقانلارنىڭ روك موزىكىسىنى بولىشىغا چىلىپ مىڭىشى ئۆلىۋاتقاندىمۇ زۇلمەتنى تىلغا ئېلىپ ماڭا شاھىت بول دىيىشلىرى بۇ فىلىم رىژىسورىنىڭ بىر شەيتان دىنى مورتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
9#
ۋاقتى: 2015-8-9 12:04:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمنى سىتىۋىلىپ كۆرەلمەي، مۇشۇنداق مۇھاكىمە تىمىلىرىنى كۆرەپ ئولتۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولماس ئاق بۈركۈتتە

باھا سۆز

بەيدۇ بوشلۇقىدا بارئىكەنغۇ نىمدەپ چۈشۈرەلمىگەنسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-8-9 12:23
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-9 12:11:29 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىنىڭ مەزمۇنى قالايمىقان بۇلۇپ كىتىپتىكەن  ئىنكاسلاردىكى مەزمۇنلارنىمۇ تىمىغا يۆتكىۋەتتىم
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-9 12:23:12 | ئايرىم كۆرۈش
بەگزادە يوللىغان ۋاقتى  2015-8-9 12:04
بۇ فىلىمنى سىتىۋىلىپ كۆرەلمەي، مۇشۇنداق مۇھاكىمە تىمى ...

بەيدۇ بوشلۇقىدا بارئىكەنغۇ نىمدەپ چۈشۈرەلمىگەنسىز
12#
ۋاقتى: 2015-8-9 13:59:53 | ئايرىم كۆرۈش
خوتەندە بەيدۇ بوشلىغى نورمال ئەمەس...ئۆزەمنىڭ بەيدۇ توردىسكام نورمال ئىچىلىدۇ بىراق سىلەر كىنو چۈشىرىۋاتقان بەيدۇ  تور دىسكىسى ئىچىلمايدۇ
13#
ۋاقتى: 2015-8-10 00:09:52 | ئايرىم كۆرۈش
بەگزادە يوللىغان ۋاقتى  2015-8-9 11:59
خوتەندە بەيدۇ بوشلىغى نورمال ئەمەس...ئۆزەمنىڭ بەيدۇ تو ...

مىنى قىتىۋىلىڭ تور دىسكامدىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:07 , Processed in 1.291034 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش