Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1918|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھالقىش فىلىملىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقمايلىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
مىلادى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايسىيادىن بېيجىڭغا ئۇچقانmh370 نۇمۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى بوشلۇقتا ئىز دېرەكسىز غايىپ بولدى، تا ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى ياكى قالدۇقى تېپىلمىدى، ھەرخىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، نۇرغۇن كىشىلەردىن گۇمان قىلىشتى، ھەتتا ئەلقائىدىگىمۇ بۇ ئايروپىلاننى تاڭماقچى بولۇپ باقتى، كاساپەت ئايروپىلان نەگىمۇ كەتتى؟
سۇمرۇغ تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ئاق بۈركۈت تورىدىكى شاممۇ ئايروپىلان يوقاپ كېتىشكە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان، يەنى شام ئۇچقۇچىلارغا ئەرزان باھادا مەجۈن تەمىنلىگەن، ئۇچقۇچىلار مەجۈن يەپ كەيىپ بولغاندىن كېيىن ئايروپىلاننى ئۇدۇل دېڭىزنىڭ ئاستىغا ھەيدەپ كىرىپ كەتكەن. بىراق ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى تېپىلماستىن بۇرۇن بۇنى جەزىملەشتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە، يەنە كېلىپ شامنىڭ تېزەك بىلەن موخۇركىنى ئارلاشتۇرۇپ ياسىغان ساختا مەجۈنسى قانداقمۇ خەقنى كەيىپ قىلالىسۇن؟يېقىنقى پاراڭغا قارىغاندا ئايروپىلاننى ئامرىكا ۋىيتنام ھەربىي مانىۋىرىدا ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن دېگەن پاراڭمۇ چىقتى، كەينىدىن يەنە ئىنكار قىلىشتى، راست يالغانلىقى تېخى نامەلۇم.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئايروپىلاننى ۋاقىت تونىلىغا كىرىپ كېتىپ كەلگۈسىگە كەتكەن دېگەن قاراشقا مايىللاشماقتا، بۈگۈن مۇشۇ پەرەزنى قانات يايدۇرغان ئاساستا ھالقىش فىلىملىرى ھەققىدە پاراڭ سوقىمىز.
1990-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋېنسۇئېلا كاراكاس كونترول سۇپىسىدا كىشلەر تۇيۇقسىز ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىتىشتىن توختىغان «داگلاس» ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بايقايدۇ. ئەمما بۇ ئايروپىلان رادارغا چۈشمىگەن بولۇپ، بۇ ئايروپىلان قونغان ھامان ھەربىي تەرەپ، ساقچىلار قورشاۋغا ئالىدۇ. ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچى ۋە خادىملار ئەتراپقا توپلانغان تانكا، بىرونىۋىك، پاراخوت (سىتوپ! نەنىڭ پاراخوتى؟ ئايرودىرومغۇ بۇ؟) ھە راست، پاراخوت يوق. ھەربىي ۋە ساقچىلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە:«زادى نېمە ئىش بولدى؟ بۇ يەر قەيەر؟» دەيدۇ. بۇ ۋېنسئوئېلا سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟! ئۇچقۇچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن :« بۇ قانداق ئىش؟ بىز ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 914-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولىمىز، ئەسلىدە نىيۇرۇكتىن فىلورىدا شىتاتىغا قاراپ ئۇچقان قانداق بولۇپ ۋىنسوئېلاغا كېلىپ قالدۇق؟ ئۇچۇش يۆنىلىشى 2000كىلومېتىر پەرىق بار تۇرسا!؟ » ھەمدە دەرھال ئۇچقۇچىلىق خاتىرىسىنى كۆرسەتتى: خاتىرىدە 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇچقانلىقى ئېنىق خاتېرلەنگەن. ئايدروم خادىملىرى:مۇمكىن ئەمەس! ھېكايە توقۇدىڭلار! بۇ ئىشقا ئىشەنمىدى ھەمدە دەرھال يۇقىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى . تەكشۈرۈش ئارقىلىق 914-نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەقىقەتەن 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى نىيۇرىكتىن فىلورىداغا ئۇچقان  چاغدا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، ئىزچىل ئىز-دېرىكىنى بولمىغانلىقى چىقىدۇ. ئايروپىلاندىكى 50نەپەر يولۇچى ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش، ئۇلار ئەينىۋاقىتتىكى ياش ھالىتى پېتى تۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان باللىرى قېرىپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە ئالىملار بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيتى ۋە سالامەتلىكىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ توقۇلما ئەمەس بەلكى راست ئىش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
1981-يىلى 8-ئايدا ، ئەنگىلىيەنىڭ « دېڭىز شامىلى » ناملىق ساياھەت كىمىسى ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك __ بىرمۇدا دېڭىز رايۇنىدا غايىپ بوپ كەتكەن ، ساياھەت كېمىسىدىكى 6 ئادەمنىڭمۇ ئىز - دىرىكى بولمىغان. ئەجەبلىنەرلىكى ، 8 يىل ئۆتكەندىن كىيىن " دېڭىز شامىلى " ناملىق ساياھەت كىمىسى بىرمۇدا دېڭىز رايۇنىدا مۆجىزىلەرچە پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ ، كىمىدىكى 6 ئادەمنىڭ ھەممىسى ساق - سالامەت ئىكەن .
تىۋايىمات! بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟ ۋاقىت تونىلى ھەقىقەتەن مەۋجۇتما؟

ئېنىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسى بويىچە جىسىمنىڭ سۈرئىتى نۇر تېزلىكىگە يەتكەندە ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقاندا ۋاقىتنى كونتىرول قىلغىلى بولارمىش، يەنى زامان ھالقىپ ساياھەت قىلغىلى بولارمىش، بۇ گەپنى چۈشىنىش سەل تەسرەك، سۈرئەت تېز بولسا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى باسىدىغان مۇساپەڭ كۆپ بولىدۇ، بىرلىك مۇساپىنى بېسىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت ئاز بولىدۇ، تېخى يۈز بەرمىگەن ياكى يۈز بېرىپ بولغان زامانغا بېرىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىراق يۇقارقىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىز ئەقىلگە سىغمايدۇ دەۋاتقان ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. يا ئېنىشتىيىن دېگەن ھاڭۋاقتى گەپنى ئوچۇق قىلىپ شەرھىيلەپ بېرىپمۇ كەتمىدى، مەنچە بولسا ئېنىشتىيىننىڭ جەسىتىنى كولاپ چىقىرىپ بىزنڭ قەشقەرنىڭ ساقچىلىرىغا 15مىنۇت سوراق قىلغۇزساق ھەممىنى ئوچۇق دەپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەمدى گەپ تېمىسىنى ھالقىش فىلىملىرىگە يۆتكەيلى، بىز تەرجىمە قىلغان 12مايمۇن، دەۋرىيلىك ئەلچىسى، قارا گاڭسەرلىكلەر3 ئەنە شۇ ھالقىش فىلىملىرىگە تەۋە.
داۋامى بار.....

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2014-5-22 18:22:14 | ئايرىم كۆرۈش
يا ئاللا سۈرخانكا  ما پاراڭلىرىڭىز ئەجەپ قاملىشىپتۇ ، ئالامەت قىزىقچى ئادەمكەنسىز جۇمۇ
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-5-22 18:24:07 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىم دەيلى.  ھەراس ئاشۇ 12 مايمۇن دىگەن كىنونىۈۇ پەقەت چۈشەنمىگەن مەن. سۈرخان مەجۈننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەنگە بىلدۈرۋەتتىڭلامانا . ئەمدە بازىرىم ئېچىلپ كىتىدىغان بولدىدە (چاق چاق ھە ھاراممۇ ئۇچۇق ئاشكارە ھالال مۇ ئوچۇق ئاشكارە)
گېلەم
ۋاقتى: 2014-5-22 20:46:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ ۋاقىت تونىلى ھەققىدىكى تارىخىي ۋەقەلەردىن پەقەتلا خەۋىرىم يوقكەن ، تىمىنىڭ داۋامىغا ئىنتىزارمىز .
كىگىز
ۋاقتى: 2014-5-23 20:57:22 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ گەپ قىززىقكەن،      داۋامىغا ئىنتىزارمىز...
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-5-24 13:50:37 | ئايرىم كۆرۈش
دەھشەت كەپتۇ ما تەھلىل ئەمدى پات ئارىدا FBIدىن سىزنى دۇنياۋى چوڭ دىلولارنى تەھلىل قىلىشقا تەكلىپنامە كېلىشى مۇمكىن ....ئىدىيىدە تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭ ھە
داق يەر
ۋاقتى: 2014-5-25 12:15:23 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىدىن ما قەشقە ساقچىلىرىنىڭ گىپى بەك كەپتۇ !!!!! چۈنكى مەنمۇ قەشقەرلىك بولغاچ ~~~
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 14:01:54 | ئايرىم كۆرۈش
nur719 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 12:15
ھەممىدىن ما قەشقە ساقچىلىرىنىڭ گىپى بەك كەپتۇ !!!!! چۈنك ...

مېنى نەلىككىن دەپ قاغانتىلە؟
9#
ۋاقتى: 2014-5-27 20:47:47 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 14:01
مېنى نەلىككىن دەپ قاغانتىلە؟

قاراجىم ئۆزلىرىمۇ شەلىكمىتىلە ، بىلەممەي قاپتۇق غوجوئوئوئوئوئوم خاپۇممايلا
10#
ۋاقتى: 2014-5-31 11:14:32 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان ئەپەندىم ھالقىش دېگەن نىمدېگەن گەپ چۈشىنەلمىدىم
11#
ۋاقتى: 2014-6-2 13:28:04 | ئايرىم كۆرۈش
uytapakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 11:14
سۈرخان ئەپەندىم ھالقىش دېگەن نىمدېگەن گەپ چۈشىنەلمىدى ...



مۇشۇ رەسىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ
12#
ۋاقتى: 2014-6-3 17:38:46 | ئايرىم كۆرۈش
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 13:28
مۇشۇ رەسىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ

ھە چۈشەندىم
13#
ۋاقتى: 2014-8-8 21:23:48 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان ئەپەندى  راسلا بەك قىززىقچى ئىكەنسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:09 , Processed in 1.343400 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش