Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالەم چېگرىسىغا ساياھەت [ھۆججەتلىك فىلىم]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-20 15:34  


فىلىم نامى: Journey to the Edge of the Universe
ئۇيغۇرچە نامى: ئالەم چېگرىسىغا ساياھەت
ۋاقتى:2008
ژانىرى: ھۆججەتلىك فىلىم
رايونى: ئامرىكا
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
رازمـېــرى: 1280x720
سىـغـىــمى:   578MB
فــورمـاتى:rmvb
ئۇزۇنلىقى: 90مىنۇت
IMDb نومۇرى: tt1363109
IMDb ئۇلىنىشى:  http://www.imdb.com/title/tt1363109/
كەسمە سۈرەتلەر:














قىسقىچە مەزمۇنى:

ھۆججەتلىك فىلىم قۇياس سېستىمىسىنى چۆرگىلەپ ئايلىنۋاتقان سەييارىلەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگەن نەچچە ئون مىليون
ھەتتا نەچچە مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكىيۇلتۇزلار سېستىمىسى ۋە پەتەك يۇلتۇزلار ،سۇپىرنوۋا ،خېپىرنوۋا لارھەركىتى تەسۋىرلەنگەن
بولۇپ كۆرسىڭىز كاللىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ئېچىپ قويىشى مۇمكىن.

پېقىرنىڭ كائىنات تورغرىسىدا چۈشەنگەنلىرىم  بەك يۈزەكى ھەم ئاز بولسىمۇ يەنىلا بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ  ئاغزىمنىڭ پېيىنى بوشىتىۋالغۇم كېلۋاتىدۇ .

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ  كائىنات بىلىملىرى سۆزلەنگەن كىتاپ ژۇرنال ياكى توردىكى يازما ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەردىن ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسى

ۋە ئۇلارنىڭ ماسسىسى چوڭ كىچىكلىكى ، قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى،شارائىتى  قاتارلىق ئازدۇر كۆپتۇر ساۋاتلارنى ئىگىللىگەن بولىشى مۇمكىن  ،
بىراق يۇقارقىلاردىن باشقا قارا ئۆڭكۈر ۋاقىت تونىلى توغرىسىدا ئويلىنىپ باققانلار ئاز بولمىسا كېرەك .

تولۇقسزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا فىزىكا مالىممىزنىڭ تىرناقچىلىك قارا ئۆڭكۈر يەرشارىغا چۈشسە ئا تەرىپىدىن تېشىپ ما تەرىپىدىن چىقىدۇ

دېگىنىنى ئاڭلاپ ئاغزىمنى 45گىرادۇس ئېچىپ ھەيران قالغىنىمنى ئەسلىيەلەيمەن ، كېيىن كىتاپخانىلاردىن تازا چۈشەنمىسەممۇ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە

كىتاپلارنى كۆرۈپ قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەرشارىغا چۈشۈشى ئەمەس بەلكى يەرشارىدىن چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى
ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم .

ئۇنداقتا قارا ئۆڭكۈر زادى نىمە؟
مېنىڭ قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا چۈشەنگىنىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن . خاتا كەتكەن يېرى بولسا تەڭ ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنازىرلەشسەك.

قارا ئۆڭكۈر بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ماسسىغا ئىگە ئاسمان جىسىمى بولۇپ، تىرناقچىلىك كېلىدىغان يېرىنىڭ ماسسىسى نەچچە يۇز مىليون توننىغا باراۋەر.
تارتىش كۈچى بەك كۈچلۈك بولۇپ ھەتتا نۇرنىمۇ سۈمۈرۋالىدۇ .(قانداق گەپ ئۇ سۈمۈرۋالىدۇ دىگەن؟)
ئادەتتە  بىر يۇلتۇزنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ئىككى خىل كۈچ بولۇپ بىرى ئۆز ماسسىنىڭ تارتىش كۈچى يەنە بىرى ئىچىدىن سىرتىغا ھەركەت قىلىدىغان فورزۇن پارتىلاشلىرى
بولۇپ،بۇ ئىككى خىل تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا ( ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا)
ماسسىسىنىڭ تارتىش كۈچى ئېشىپ كېتىپ ئىچىگە قاراپ چۆكۈشكە باشلايدىكەن، چۆككەنسېرى سىقىلىپ سىقىلغانسېرى ماسسىسى ئارتىپ ئاقىۋەتتە بىزنىڭ ھېسابلاش
دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن ماسسىغا ئىگە بولىدىكەن.
ئەمىسە قارا ئۆڭكۈردىن نىمىشقا نۇرنىمۇ سۈمۈرۋالىدۇ؟

مەسلەن : بىر راكىتا يەرشارى ئۇچۇپ چىقماقچى  (يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلماقچى )بولسا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ سېكىنۇتىغا 11.2كىلومىتىرلىق
مۇساپىنى بېسىشى كېرەك.  بۇيەردىكى11.2كىلومىتىر ھەرسېكىنۇتنى <<قۇتۇلۇش تىزلىكى>> دەپ ئاتايدىكەنمىز،  (چۈنكى مۇشۇ سۈرئەتكە يەتكەندىلا ئاندىن يەر شارىنىڭ تارتىش
كۈچىنىدىن  قۇتۇلۇپ ئالەم  بوشلۇقىغا چىقالايدۇ)  قۇتۇلۇش تېزلىكى شۇ ئاسمان جىسىمىنىڭ دىئامىتىرى ۋە ماسىسى تەرىپىدىن بەلگىلىندىكەن.

دىمەكچى قۇياشنىڭ يېرمىچىلىك پىلانىتىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن كەم دىگەندا سېكىنۇتىغا 60-70كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسقاندىلا ئاندىن تارتىش كۈچىنى يېڭىپ

ئالەم بوشلۇقىغا چىقالايدۇ .  مۇنداق پەرەز قىلىپ باقايلى:  دىئامىتىرى 1000كىلومىتىر بولغان پلانىتا بار ،ماسسىسى ئادەم ئەقلى يەتمىگىدەك دەرىجىدە ئېغىر بولسا،

ئۇنداقتا قۇتۇلۇش تېزلىكى سېكىنۇتىغا 300 مىڭكىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە   تارقاتقان نۇرمۇ ئۇ پىلانىتىدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.
(قۇتۇلۇش تىزلىكى نۇر تىزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ)  بۇ خۇددى تەكشى يەريۈزىدە تۇرۇپ قۇدۇق تېگىنى كۆرەلمىگەندەكلا بىر ئىش  .ئالەم بوشلۇقىدا
ئاستى بىلەن ئۈستىنىڭ پەرقى بولۇپ،  يەنە كېلىپ نۇر قايتۇرمىغاچقا مەيلى قايسى تەرەپتىن كۆزەتسڭىزمۇ ئۇنىڭ ئىچىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز،


قارا ئۆڭكۈرنىڭ پاسىل ئىچى سىرتىنىڭ زامان پەرقى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەگەر بىر ئۇچقۇچى قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى دائىرىسى چېكىگە يېتىپ قالسا ئۇچقۇچىنىڭ قول سائىتى 1 سېكىنۇت ماڭغان بولسا بىزنىڭ قولىمىزدىكى
سائەت 8سىكىنۇتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن چۈنكى ئۇ يەردە زامان ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .پاسىلدىن تولۇق ئۆتكەندە بولسا زامان شۇ ئۇچقۇچىغا نىسپەتەن قېتىپ قالىدۇ .

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كەلگۈسىنى كۆرەلىشى مۇمكىن .

بۇ توغۇرلۇق مۇنداق بىر كۆزقاراش بار : تاغ چوققىسدا بىر ئادەم بار تاغ باغرىدا بىر ئادەم بار بولسا ،تاغ باغرىدىكى ئادەم تاغ چوققىسىدىكى

ئادەمدىن سەل ياشراق كۆرۈنىدۇ . بۇ پەرىق مىليوندىن بىر بولغاچقا بىز ئۇنى ھېس قىلالمايدىكەنمىز.


بەزىدە ئىشىك ئالدىدىكى سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىدا پەيدا بولغان قاينامغا  قاراپ ئۇ قاينامغا يېقىنلاشقان دەرەخ يوپۇرمىقى ئۇششاق ياغاچ
پارچىلىرىنىڭ قاينام ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىىم  . قاينامنىڭ دائىرىسىگەن كىرگەن نەرسىلەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى
بىراق قاينام يېندىن ئېقىپ ئۆتكەن ئۇششاق لەيلىمىلەردە ئازراق سىلجىدىيۇ لېكىن ئىچىگە كىرىپ كەتمەي ئېقىپ كەتتى .
قارائۆڭكۈر پاسىلىغا ئۆتكەن ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭغا كىرىپ كېتىدۇ. پاسىلنىڭ سىرتىدىكىلىرى بولسا ئۇنىڭ تەسىرىگەن ئۇچرايدۇ .
بىز تۇرۋاتقان سامانيولىمۇ غايەت چوڭ قاينام بولۇپ مەركىزىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قارا ئۆڭكۈر ھامان بىر كۈنى پاسىل ئىچىدىكى بارلىق
جىسىملارنى يۇتۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا نەچچە يۇزمىليون يىل ياكى نەچچە يۈز مىليارد يىل كېتىشى مۇمكىن.


بەزىدە كۆرگەن چۈشلىرىمدىن  مەن تۇنۇيدىغان شەيئىلەردىن باشقا يەرشارىدا يوق ئاجايىپ غارايىپ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ
خۇددى <<جون كارتىر .مارىستىكى جەڭ >>فىلىمىگە ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ بىرنەچچە كۆپەيتىلمىسى باشقا بىر كائىنات باشقا بىر ۋاقىت بوشلىقىدا تۇرۋاتقانداق ھېس قىلىمەن.
( ھىم  فانتازىيىلىك كىنولارنى جىق كۆرۈپ كەتكەن ئوخشايمەن )
قىسقىسى مۇشۇنداق ئالەم بىلىملىرگە مۇناسىۋەتلىك كىنو ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ئۆچ ئادەم بولمىسا كېرەك .
قالغىنىنى تورداشلارغا قالدى ئەمىسە .بولسا ھۆججەتلىك فىلىملەرمۇ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنسا. كۆرۈپ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالسا ......

مەزكۇر فىلىم <<ئالەم چېگرىسىغا ساياھەت>> ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم نەچچە يىل بۇرۇن  ئىنتىل ،بىلىك ،قۇتيار تورلىرىدا ھەقسىز تارقىتىلغان .
كېيىن باشقا تور بەتلەر قايتا تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ پېقىر يەنىلا ئەردەۋىل ئەپەندىنىڭ مۇشۇ  تەرجىمىنى ياقتۇرغاچقا ساقلاپ قويغان ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

چۈشۈرۈش ئورنى:
ۋېييۈن بوشلۇقى

(كېڭەيتىلگەن نامىنىrar قىلىنىپ بوشلۇققا چىقىرىلدى. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن  rmvb غا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.)


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
ئابې + 20 دەششەت !
Alpbilge + 10 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى3 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت بۇرادىرىم        دوللار بوغان بولسا مۇكاپات بىرەدىم سىلىگە
بىراق ئەنسىرمەڭلا دوللار تۇلۇقلىغاندا بىرەي سىلنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم
يىكەنداز
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alpbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-17 13:42  

  ۋاي  ۋاي   ئەجەپ ياخشى بولدى  بۇفىلىمنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان كىرىشتۇرگەن كىرۇشتۇرگۇچىگە تەشەككۇر   ..... خەتلىك بولسىمۇ   بۇنى كۇرۇپ تۇرۇڭلار   .....  مەن بۇنىڭ تەرجىمە قىلنىشنى  بەكمۇ ئۇمۇد قىلىمەن .  بۇرۇن ھەقسىزتى   ھازىر  VIP ئەزا بولمىسا بوممايدىكەن. شۇندابولسىمۇ يولۇدۇم   

远古外星人(英语/)纪录片  

گېلەم
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رار ھۆججەت چۈشتى بىراق پىرىستىن يىشىل مىدى ياكى بىۋاستە ئاچقىلى بولمىدى.بىرە خاتالىق بارمۇ قانداق؟
كىگىز
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ياقار يوللىغان ۋاقتى  2017-6-17 19:14
رار ھۆججەت چۈشتى بىراق پىرىستىن يىشىل مىدى ياكى بىۋاست ...

rar  نى rmvb غا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز نورمال قۇيۇلىدۇ .
داق يەر
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم .
مىخ
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ھەيرانلىقتا كاللام قېيىپ كەتتى. بىر تىرناقچىلىق يادرونىڭ نەچچە مىليون توننا ماسسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كاللامغا سىغدۇرالمىدىم. ئېسىل تەرجىمىلەركەن، بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كائىناتقا دائىر ماتېرىياللار تەرجىمە قىلىنسا ھەمدە بۇرۇنقىلىرىنى ئايرىم بىر يازما قىلىپ توپلاپ قويۇلسا
9#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىلەگە
10#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى ! قولۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن
11#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
لىكىن بىلىمىڭىزگە يامان قايىل بولدۇم ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:59 , Processed in 1.359852 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش