Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2646|ئىنكاس: 32
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاندېرنىڭ ئويۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 19:01  


ئىسمى:        ئاندېرنىڭ ئويۇنى
خەنزۇچە ئىسمى:            安德的游戏     ئېنگىلىزچە:   Ender's Game
دۆلىتى:        ئامېرىكا
تىلى:        ئېنگىلىز
تۈرى:        ھەركەتلىك، فانتازىيە، تەۋەككۇلچىلىق، قورقۇنۇچلۇق
فورماتى:    م ك ۋ
ۋاقتى:        2014-01-07
يېزىقى:        ئۇيغۇرچە
رازمېرى:            1280*720
سىغىمى:          1.53 گىبايىت
ئۇزۇنلىقى:        114 مىنۇت
رېژىسسور:        گاۋېن خود 加文·胡德 Gavin Hood
بۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھەممىڭلار بىلىدىغان «تۈرمىدىن قېچىش»
باش رولچىلار:        ئاسا بۇتتېرفېلد 阿沙·巴特菲尔德 Asa Butterfield
بۇنىڭ بىز بىلىدىغان كىنوسى: «يوللۇق كىيىم كىيگەن بالا»

خاررىسون فورد 哈里森·福特 Harrison Ford
بۇنىڭ ئاساسلىق كىنولىرى: «پىلانېتلار ئۇرۇشى» نىڭ 1-2- قىسىملىرى. «پىدائىلار» نىڭ 2-قىسىمى.

ھاللىي سىتېنفېلىد 海莉·斯坦菲尔德 Hailee Steinfeld

تەرجىمە قىلغۇچى، مۇقاۋىدا: ئاققىر

فىلىم كەسمە سۈرەتلىرى:












قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:        «ئاندېرىسنىڭ ئويۇنى» ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فانتازىيە رومانى بولۇپ، ئاپتورى ئامېرىكىلىق داڭلىق فانتازىيە يازغۇچىسى Orson Scott Card .
بۇ رومان 1985-يىلى ئېلان قىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، «ھىيوگۇ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (ھىيۇگۇ مۇكاپاتى فانتازىيە ئاتىسى Hugo Gernsback نىڭ نامىدا ئاتالغان مۇكاپات تۈرى بولۇپ، دۇنيا فانتازىيە ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن تارقىتىلىدۇ) ئىككىنچى قىسىمى «ئۆلگۈچىنىڭ ۋاكالەتچىسى» تۇمان مۇكاپاتى ۋە ھىيۇگۇ مۇكاپتىغا ئېرىشكەن.

"ئاندېرنىڭ ئويۇنى"  دىكى ۋەقە كەلگۈسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر شارى ئىككى قېتىم قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، "خەلقئارا فلوت" دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەقىللىق، زېرەك بالىلارنى يىغىپ، خەلقئار فلوتنىڭ بالىلارنى تەبىيلەش مەركىزى "جەڭچى مەكتىپىگە" ئەكىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپ مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ھەربىي تالانتلىقلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقساق، ئىنسانلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بالىلار يەر شارىدىن ئايرىلىپ "جەڭچى ئىنىستىتوتى" دەپ ئاتالغان سۈنئى ھەمراھقا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە شەپقەتسىز ھەربىي تۈزۈم ۋە پىلانېتلار ئارا ئۇرۇشقا تەقلىدلەشتۈرۈلگەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق مەشىق ئېلىپ بارىدۇ... قاتتىق تەربىيلەنگەن بالىلار تاشقى پىلانېتلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى چېكىندۈرەلەمدۇ...ھەربىي تەرەپنىڭ زادى مەخسىدى نېمە....قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار مەزكۇر فىلىمدە بولسۇن....
360 تىن چۈشۈرۈش:    ander games.360.zip (204 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 3754)   
360 تىن چۈشۈرۈش2 :   andiris.360.2.rar (106 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 5975)

بەيدۇدىن چۈشۈرۈش:    ander game.baidu.zip (227 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 1312)

چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ چۈشۈرۈش

بېلەت كىرىمى: 148
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى1 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-21 10:59:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 11:11  
kokbora001 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 00:47
بۇ كىنو تازا داڭلىغانغا چۈشلۇق چىقمىدىمۇ قانداق ، ئۆيد ...

بۇ تېخى روماننىڭ 1-قىسىمى، باشلىمىدىلا چىچا-پىچا چىقسا بولامتى...قايتا چۈشىنىپ كۆرۈپ بېقىڭ..ئەسكەرمۇ ئەسكەر بولۇپلا دۈشمەن بىلەن ئېلىشماس... مۇقەددىمە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ...ئەمما تېخنىكىغا قول قويماي تۇرالمايمەن...3 ئۆلچەملىك كىنوخانا بولسا ئىدى،  قانداقراق ھېسسىياتتا بولاتتىڭىز...راستىمنى دېسەم بىز تېخى جاھاننىڭ كەينىدە قالدۇق...
ھازىر ھوللىۋودلۇقلار ۋەقەلىكىگىلا ئەمەس كۆرۈش ئۈنۈمىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئۈنۈمنى ھېس قىلاللمىغان بولسىڭىز، يەنىلا 90-يىللاردىكى كىنونى كۆرۈڭ.ھازىر ھەممەيلەن كومپىيۇتېر، توردا ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىمىز..ئاساسەن مۇشۇ خىل ئويۇننىڭ مەستانىلىرىغا ئايلىنىپ بولدۇق... بۇ كىنونىڭ باشقا كىنولارغا ئوخشىمايدىغان يېرى كەل
گۈسىدىكى تور ئويۇن، كومپىيۇتېر ئويۇنلىرىدىن بىشارەت بەرگەن. سىز تېخى ياش، تەييارلىقىڭىز بولمىسا ئاشۇنداق ئويۇنلارنى چۈشەنمەي، ھاڭۋاققان پېتى ئېغىزىڭىزنى ئېچىپ قالىسىز دېگەن گەپ، بۇ كىنودىكىك تاشقى پىلانېتلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇش فانتازىيەدەك قىلغان بىلەن ئاۋۇ بالىلار ئوينىغان ئويۇن يېقىن پۇرسەتتە ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۈمكىن،. ھازىرقى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ...كىنو كۆرگەندە مۇشۇنداق تەسەۋۇر بىلەن كۆرگەندە كىنونىڭ ھەقىقى ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز...بولمىسا بۇ كىنودا راست ھېچقانچە ۋەقەلىك يوق، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدىكى بىر خىل خەۋپ، ياكى تەرەققىياتنى بىشارەت بېرىدۇ..

بىز كىچىكىمىزدە "كەلگۈسى دۇنيا" دېگەن بىر كىنونى كۆرگەن، (بۇ كىنونى ماشىنا ئادەم فانتازىيىلىك كىنولىرىنىڭ بوۋىسى دېسەك بولىدۇ) بۇ كىنو 70-يىللاردا ئىشلەنگەن بولۇپ، بىز 80 نەچچىنچى يىللىرى كۆرگەن، ئەمما بۇ كىنودىكى ۋەقەلىكلەرگە ھېچكىم ئىشەنمىگەن. ھازىر قارايدىغان بولساق، ئاشۇ كىنودىكى ئىشلار تامامەن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى.
بۇ كىنونىڭ رومانى 1985-يىلى ئېلان قىلىنغان، مۇشۇ بويىچە بولغاندا بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىلا تەسەۋۇر قىلىنىپ بولۇنغان دېگەن گەپ، بۇ نۇقتىنى بىلسىڭىز يەنە تايىنى يوق تۇيۇلارمۇ؟

تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-22 01:04:16 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 00:11
ھەقىقەتەن نادىر فانتازىيەلىك فىلىمكەن. بولۇپمۇ كىيىن ...

بۇ كىنونىڭ تەرجىمىسى ئەمەلىيەتتە خېلى قول تۇتتى..ئالدى بىلەن كىنونىڭ 3 جىلىق ۋە 5 جىلىقىن چۈشۈردۈم، فىئىم ئىسمىدىن قارىغاندا ھەر ئىككىسى ئۆلچەملىك دەپ باركەن، ئەمما ئالدىنقىسىنىڭ ئاۋازى ياخشى ئەمەس...
خېتىدىمۇ 720 پ ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىمۇ ئۆلچەملىك ئىكەن، ئەمما خەنزۇچ تەرجىمىسى بىر سۆز تىزمىسىلا ئىكەن، ھەم ئىنتايىن قالايمىقان....مۇشۇ خەتنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان، ئەمما كىنو بىلەن پەقەت ماسلاشماي ئېنگىلىزچىسىنى چۈشۈرۈپ، ماشىنىنىڭ ياردىمى بىلەن جەمئى 800 جۈملە (خەت ئەسلىدىكىسى 1200 جۈملە، كېيىن چۈشۈرگەن ئۆلچەملىك نۇسخا 1490 جۈملە) تەرجىمە قىلىپ بولغاندا خەتنىڭ ھەقىقى ئۆلچەملىك نۇسخىسى تېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىنى كىيىنكى خەت بويىچە تەرجىمە قىلىپ، ئاۋال تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بۆلىكىنىڭ بەزى ماسلاشمىغان يەرلىرىنى بولسا تەھرىرلەش جەريانىدا  كىيىنكى نۇسخا بويىچە تەھرىرلەپ  دېگەندەك بۇ كىنو پۈتتى. خەت  ئىملا تەكشۈرگۈچكە سېلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەھرىرلەنگەچكە كىيىن ئۆزگەرتكەنلىرىمدە ئازدۇر-كۆپتۈر ھەرپ چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قاپتۇ. (مەن پەقەت ئىككى يەردىكىسىنى بايقىدىم)

كىنو ئەسلى 1280*536 لىك بولغاچ چېكىت پەش قويۇلسا، پىرىسلىغاندا چېكىت-پەشلەرنىڭ ئورنى ئۆزگىرەپ كېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىكەن، شۇڭا چېكىت پەشنىڭ ئورنىغا بوشلۇق قويۇپ تەھرىرلدىم. خەلىك فىلىمنىڭ ئەسلى قائىدىسى شۇ، ئۇيغۇرچە خەتلەر پىرىسلانغاندىن كېيىن يېقىن كېلىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالغاچا ئۇنىڭ ئورنىغا چېكىت پەش قويۇش يولغا قويۇلغان ئىدى..

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
Ablazewolf + 10 ھارماڭ ئاققىركا!

باھا خاتىرىسى

گېلەم
ۋاقتى: 2014-2-20 20:44:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنونى كۆرۈۋېتىپ ئاندىن ئۆيگە كېتەي... چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام قىززىقتەك قىلىدۇ. قاچانراق بوشلۇققا چىقىپ بۇلا...
كىگىز
ۋاقتى: 2014-2-20 21:22:00 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر نادىر فىلىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتۇق مانا. بۇ فىلىمنىڭ داڭقىنىمۇ خېلى ئاڭلىغان. ھېلىقى يوللۇق كىيىم كىيگەن بالا بەك تەبىئىي ئاپتىكەن رولنى. قېنى، بۇ فىلىمدا قانداقراق ئالدىكىن؟
ئاققىركا، خېتىنى سەل-پەل ئاستىدىكى قارا تەگكە تەڭشەپ شۇ يەردە چىقىدىغان قىلىپ كىرىشتۈرگەن بولسىڭىز بەك بەلەن بولاتتىكەن.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-2-20 21:52:33 | ئايرىم كۆرۈش
مۇمكىن بولسا ، مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى تېخمۇ چوڭ ھالەتتە ئەڭ سۈزۈك قىلىپ پىرسلاپ بەرسەڭلار،  ھۇزۇرمۇ باشقىچە بۇلدىكەن.
داق يەر
ۋاقتى: 2014-2-20 21:59:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا كۆپ جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز.....رەھمەت
مىخ
ۋاقتى: 2014-2-20 22:30:04 | ئايرىم كۆرۈش
ما كىنونىڭ داڭقىنى بەك ئاڭلاپ كەتكەن بۈگۈن كۈرمەي تۇرۇپ كۆزگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغاندەك تۇرۇدۇ  
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 22:40:57 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 21:22
يەنە بىر نادىر فىلىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتۇق مانا. بۇ فىلى ...

خەتنى سەل چوڭراق تەڭشىدىم، شۇڭا ئاشۇنداق چىقىپ قالدى،
10#
ۋاقتى: 2014-2-21 00:13:59 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ ! سۈرەت بەك تىزغۇ ، تىخى يىقىندا كىنوخانىدا قويغان بۇنى . دەرھال چۈشۈرۈشنى باشلاي .
11#
ۋاقتى: 2014-2-21 00:47:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنو تازا داڭلىغانغا چۈشلۇق چىقمىدىمۇ قانداق ، ئۆيدىن تالاغا چىقمايلا ئىشلىۋىتىپتۇ بۇ كىنو نى .
12#
ۋاقتى: 2014-2-21 12:36:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:59
بۇ تېخى روماننىڭ 1-قىسىمى، باشلىمىدىلا چىچا-پىچا چىقسا ...

بۇ فىلىمگە مۇقاۋا ئىشلىمەپتۇققۇ ، ئىشلىگەن بوساق ياخشى بۇلاكەن
13#
ۋاقتى: 2014-2-21 21:01:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 22:40
خەتنى سەل چوڭراق تەڭشىدىم، شۇڭا ئاشۇنداق چىقىپ قالدى ...

بەك ياخشى فىلىمكەن بۇ ئاققىركا ، ئىلىمى فانتازىيلىك كۈرۈشكە ئەرزۈگىدەك ، خەتنى مۇشۇنداق چوڭلۇقتا چىقارغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ كىچىك بۇلۇپ قالسا يىراقتا تۇرۇپ كۆرسە خەتنى ئوقۇپ بوغىچە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ، بۇنىڭدەك خەت چوڭ بولسا ئىتتىك ئوقۇغۇلى بۇلدىكەن ۋە كۆزگىمۇ تەسىرى يوق
14#
ۋاقتى: 2014-2-22 00:11:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:59
بۇ تېخى روماننىڭ 1-قىسىمى، باشلىمىدىلا چىچا-پىچا چىقسا ...

ھەقىقەتەن نادىر فانتازىيەلىك فىلىمكەن. بولۇپمۇ كىيىنكى يېرىمىنى كۆرۈپ، ھەي ئىسىت، بۇ يەردىمۇ چوڭ كىنوخانا بولغان بولسا، ئۈچ ئۆلچەم كۆرۈنىشىدە كۆرگەن بولسامكەن دەپ قالدىم. زامانىۋىي ئويۇن بىلەن جەڭ ۋەقەلىكىنى ئاجايىپ ياخشى كىرىشتۈرۈپتۇ. بولۇپمۇ ئاخىردا مانىۋېر(ئويۇن) دەپ قارالغان ھەقىقىي جەڭدە يەڭگەندىن كىيىن، باش قەھرىمان رولىدىكى بۇ بالا رولنى ئاجايىپ تەبىئىي ئاپتۇ. كۆزلىرىدىن تەبىئىيلا دومىلاپ چۈشكەن ياش...راستىنلا ئارتىسلىق تالانتى باركەن. كىيىنكى بۆلۈمىنى قاچانلاردا كۆرۈشكە نېسىپ بولاركىن...
فىلىم تەرجىمىسىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. پەشنىڭ ئورنىغا بوشلۇق ئىشلىتىش بىر يېڭىلىق بولدىمۇ قانداق؟ كۆرۈش جەريانىدا تەرجىمە ۋە ئىملا توغرلۇق بىر قانچە نۇقتىدا ئويلىغىنىم بار. ئاققىركامنىڭ ۋاقتى يەتسە، ئورتاقلىشىمەن.
15#
ۋاقتى: 2014-2-22 01:05:59 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 00:11
ھەقىقەتەن نادىر فانتازىيەلىك فىلىمكەن. بولۇپمۇ كىيىن ...

ھەقىقەتەن ياخشى كىنوكەن بۇ، گەرچە بۇ كىنودا ھايىت-ھۇيىت، ئۇر-چاپ دېگەندەك جايلار بولمىسىمۇ، ئەمما فىلىمدە ئىلمىي فانتازىيە ناھايىتى ياخشى چىققان. كىشلەرگە كەلگۈسىدىكى ئىلىكترون دەۋرىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنىڭ ئىلىم-پەن، ئۇچۇر دەۋرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم يۇرۇتقان. ئاندېرنىڭ ئەقىللىقلىقى پولكوۋنىك باشقا بالىلار ئالدىدا تەكىتلەش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا قورال- ياراقلارغا تاينىشلا ئەمەس بەلكى ئەقىلگە تاينىش زورۈرلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھازىر نۇرغۇن كىشلەر كومپىيوتىر ئويۇنى كىشلەرنىڭ روھىتىنى بۇغۇپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ ئەلۋتتە بۇنىڭ ئاساسى بار چۈنكى كۆپىنچە ئۇيۇن ئوينىغۇچىلار ئۇيۇننى قارغۇلارچە ئوينايدۇ، ئۇيۇننىڭ ماھىييىتىنى چۈشەنمەيدۇ. مېنىڭچە ئەگەر ئۇيۇننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنسە ئۇيۇن كىشلەر روھىتىنى بۇغۇپ قويماستىن بەلكى زېھىننى ئاچىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا قانداق ئۇيۇنلارنى ئويناشقا باغلىق، ئەخلەت ئۇيۇنلارمۇ ئاز ئەمەس....
  بۇ فىلىمدىكىدەك ئەقىل ئىشلىتىشنى ئاساس قىلدىغان فىلىملەرنى ئەلۋەتتە ئۇرۇش كىنولىرنى ياخشى كۆردىغانلار ياقتۇرمايدۇ. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئۇزاققا بارماي مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ قالغۇسى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 16:03 , Processed in 1.388712 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش