ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«دېڭىز قاراقچى شاھى» مانا مۇنداق ئىشلىنىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1682 10
شەمسى ۋاقتى: 2012-6-14 20:15:41 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
2010  - يىلى ياپونىيىنىڭ مەلۇم بىر تېلىۋىزىيە پروگراممىسى ئەينى ۋاقىتتا توكيو تېلىۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن قويۇلۇپ بالىلار ئارىسىدىلا ئەمەس چوڭلار ئارىسىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم«دېڭىز قاراقچى شاھى» نىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى سۆرەتكە ئالغان. فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە بىر قىسىم كارتون فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككى يۈز ئادەم كۈچ چىقىرىدىكەن. ئەمىسە بىز بۇلار بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم كارتون فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەر ئىشلىنىدىغانلىغىغا قاراپ باقايلى...

  ئاۋال تونيا (东央) كارتون ستودىيىسىدە تىزىس تۈزۈش، دېكراتسىيە لاھىيىلەش، ھەرىكەت لاھىيىلەش، كىرىشتۈرۈش دېگەندەك مەن چۈشەنگەن، چۈشەنمىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. بىر قىسىم كارتون فىلىمنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن يەتتە سەككىز ئادەم تەخمىنەن ئەللىك كۈن سەرپ قىلىدىكەن، جەمئى سەكسەندىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ ئون ئادەم بىر گۇرۇپا بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن، ئۈچ مىڭدىن تۆت مىڭگىچە قول سىزما رەسىم ئىشلىتىلىدىكەن. قولدا سىزىلغان رەسىملەر بىر-بىرلەپ سكاننېرلانغاندىن كېيىن كومپىوتېردا رەڭ بېرىلىپ ھەرىكەت كىرىشتۈرۈلىدىكەن. تەخمىنەن ئۈچيۈز پارچە دېكراتسىيە رەسىمى سىزىلىپ ئاخىرىدا دېكراتسىيە بىلەن كارتون بىرىكتۈرۈلىدىكەن.
  كارتون ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن TAVAC دەيدىغان ئۈنگە ئېلىش مەركىزىدە ئاۋاز بېرىلىدىكەن... «دېڭىز قاراقچى شاھى» غا ئاجرىتىلغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە تۆت دانە ھاۋا تازىلىغۇچ قويۇپ قويۇپتۇ، كىچىككىنە ئۆيدە ئوننەچچە ئادەم تۆت سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن بىر قىسىم كارتون فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ بولىدىكەن... ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەقلىدى ئاۋاز، مۇزىكا دېگەندەكلىرىگە يەنە قانچىلىك ۋاقىت، ئادەم كېتىدۇ ئۇنى بىلمەيلا قويايلى بولدى.

  مەنبە: ئىسلامبەگ بلوگى
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 10

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار10

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2012-6-15 01:20:59 | ئايرىم كۆرۈش
ياپۇنلانىڭ كارتون ئىشلەش تىخنىكىسى يۇقىرى جۇمۇ
يىكەنداز
يېڭسارى ۋاقتى: 2012-6-15 06:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
ياپۇنلارنىڭ كارتون تېخنكىسى دېسنىدىن قېلىشمايدۇ جۇما
گېلەم
سىرلىق ۋاقتى: 2012-6-15 08:47:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ  تىخنىكىسى  ھەقىقەتەن  قالتىس  جۇمۇ
كىگىز
kokqin ۋاقتى: 2012-6-15 11:32:35 | ئايرىم كۆرۈش
نوچى كارتون بۇ  مەن بەك ئامراق بۇلاپ قالدىم  
ئورۇندۇق
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-6-15 13:48:27 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ۋاي... رەسىمنى بىرمۇ -بىر قولدا سىزىپ قانداقمۇ ئىشلەپ بولىدىغاندۇ ؟ بۇ بىر قىسىم كارتون فىلىمنى ئىشلەش بەزىدە بىرەر كىنو ئىشلەشتىنمۇ قىيىنكەن جۇما.
داق يەر
ھسد ۋاقتى: 2012-6-15 16:27:19 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ  تىخنىكىسى  ھەقىقەتەن  قالتىس  
مىخ
كىروران ۋاقتى: 2012-6-15 20:56:32 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹ياپۇنلارنىڭ كارتون ئىشلەش تىخنىكىسى نىمە ئۈچۈن ئامرىكىنىڭكىگە يەتمەيدۇ؟››تۇغۇرلۇق مەلۇم بىر تور بەتتە  بىر ماقالە ئۇقۇغان ئىدىم.تازا ئىسىمدە قالماپتۇ،مەن يەنىلا ئامرىكا ئىشلىگەن كارتون فىلىملەرنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى دەپ قارايمەن.مەسلەن:قەيسەر ئات،  مۇزدەۋرى-1،2،3،  تىن-تننىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتى، جانباز مۈشۈكئېيىق-1،2-، قاچقۇن توخولار، گىنرال كەپتەر، مۇشۇك بىلەن چاشقان،شەپەرەڭ پالۋان،رامبو............قاتارلىق خەلقئارالىق كىنولىرىنىڭ سەۋىيە جەھەتتە ياكى كۇرۇرمەنلەر سانىنىڭ كۇپلىگى بىلەن بولسۇن يەنىلا ئالدىنقى رەتتە تۇرىدۇ.

9#
Nejmi ۋاقتى: 2012-6-15 21:55:46 | ئايرىم كۆرۈش
يەنىلام ئامرىكىنىڭكىگە يەتمەيدىكەن..ئۇلار ئىشلىسە ئادەم ۋە كارتوننى پەرىق ئەتكۈسىز قىلىدۇ ....
10#
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-6-17 00:15:48 | ئايرىم كۆرۈش
كىروران يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 20:56
‹‹ياپۇنلارنىڭ كارتون ئىشلەش تىخنىكىسى نىمە ئۈچۈن ئامر ...

دۇنيا بويىنچە كۆرۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقرى بولغان كارتون فىلىملەر يەنىلا ياپونىيىنىڭمىكى ، چۈنكى بۇلار بىر كارتون فىلىم ئىشلىسە ئاز دىگەندە 15-20يىلدا تۈگەيدۇ .ھەم كۆرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بەك كۆپ .
11#
razzak ۋاقتى: 2012-6-17 01:59:36 | ئايرىم كۆرۈش
ياپۇنلار كارتۇن فىلىمنى بەك كوپ قىسىملىق قىلىپ ئىشلەيدۇ كۇرەپ ئاخىرىنى چىقاماق بەك تەس يانىلا ئامىركىنىڭكىگە يەتمەيدۇ ئاز ھەم ساز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1