كىنو ئىسمى: كەلگۈسى دۇنيا
خەنزۇچە ئىسمى: 未来世界
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Futureworld
ئىشلەنگەن يىلى: 1976-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: فانتازىيە
تىلى: ئېنگىلىز تىلى
خېتى: ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاققىر
IMDB باھاسى: 5.7/10
IMDB ئۇلىنىشى:
http://www.imdb.com/title/tt0074559
رازمىرى: 1980*1040
سىغىمى: 1.45گ
ئۇزۇنلۇقى: 108 مىنۇت
رېژىسسور: Richard T. Heffron
ئاساسلىق روللاردا: Peter Fonda Blythe Danner Arthur Hill Yul Brynner
قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ ئامېرىكىدا 1976-يىلى سۈرەتكە ئېلىنىپ ئىشلەنگەن ۋە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خېلى جىق مەبلەغ سېلىنغان، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر بىرەر مۇكاپات ياكى شان شەرەپكە مۇيەسسەر بولالمىغان...1979-يىللىرى دۆلىتىمىزگە كىرگەن بولۇپ، بۇ ئىشكىنى ئەمدىلاتىن سىرىتقا ئېچىۋېتىش باشلانغان مەزگىل بولغاچقا جۇڭگودا ئاجايىپ داغ-دۇغا قوزغىغان كىنو ئىدى. مەزكۇر كىنونى كۆرسىڭىز ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىي قالغان كىنو ئىشلەش سەۋىيسىنى كۆرەلەيسىز...ئېلىكتىرون لامپىلىق كومپىيۇتېرلاردىن ھوزۇرلىنالايسىز...مەزكۇ كىنو دەل 21- ئەسىرنى تەسەۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، قايسى بىر ماتىريالدىن بۇ كىنودىكى تەسەۋۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىپ بولۇندى دەپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە....
كىنودا بىرسى مۇخپىر جاكقا ئۆزىدە "كەلگۈسى دۇنيا" كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەتچىلىك شىركىتىگە دائىر ئۇچۇر بارلىقىنى ھەق تاپشۇرسا دەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفون قىلىدۇ..جاك دېيشىكەن جايغا بېرىشى ھامان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلۈگۈچى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ...جاك ۋە ئايال مۇخبىر كىرىسىنا مەزكۇر ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەلگۈسى دۇنيا كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا بارىدۇ... بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئورنى ئەسلى ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئارقىلىق دۇنيغا ئىگە بولۇش مەخسىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەت ئىدى.....