Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 388|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«شاننارا رىۋايىتى» نىڭ داۋامى بۇ يىل سېنتەبىردە قويۇلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



شاننارا رىۋايىتى- بىرىنچى بۆلۈمى ئون قىسىم بولۇپ 2016-يىلى 1-ئايدا قويۇلغانىدى، بىرىنچى بۆلۈمى قويۇلۇپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، فىلىم گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ داۋامىنى ئىشلەشكە تۇتۇنغانىدى.
بىرىنچى بۆلۈمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:      
     ھىكايە ۋەقەلىكى ئىنسانلار مەدىنيىتى بىر قېتىم ۋەيران بولغاندىن كىيىنكى مىڭ يىلدىن كىيىنكى ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ ، زېرەكلەر ( يەنى ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمىدىكى ئېلىۋىسلار ياكى ھۆر زاتلار دەپ ئاتالغان ئۇچلۇق قۇلاقلار) نىڭ بىر قېتىملىق ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، تاللانغان ئىلاھى جەڭچىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئېلكىرىيىس دەرىخىنىڭ ھاياتلىقىنى قوغداش بولۇپ بولۇپ ناۋادا بۇ دەرەخ قۇرۇپ كەتسە زۇلمەتكە پالانغان ئالۋاستىلار قايتىدىن تىرىلىپ زېرەكلەر ، ئىنسانلار ۋە باشقا مەۋجۇداتلارغا زىيان كەلتۈرەتتى ، دەرەخ بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ ھاياتى چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ دەرەخنىڭ بىر يوپۇرمىقىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالۋاستىلارنىڭ تىرىلىپ كۈچىيىشىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى ، ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسىگە پادىشاھنىڭ مەلىكىسىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە تاللىنىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دەل شۇ چاغدا ئېللىكرىيىس دەرىخى مەلىكىگە كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ ، مەلىكە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قاراپ ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىدۇ ، يولدا ۋېل ، ئېرىتىرىيا ۋە ئەللانون قاتارلىق ئادەملەرگە ئۇچىرايدۇ ، ئەللانون ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلات سىھرىگەرى بولۇپ ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشتا ئالۋاستىلارنى يوقاتقان ۋە زۇلمەتكە پالىغانلاردىن ئىدى، ئۇ ۋېل بىلەن سىھرىگەرلەر ماكانىغا بېرىپ بىر قەدىمى كىتاپتىن ئېللىكرىيىس دەرىخى ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىپ كىلىدۇ ، كىتاپتا يىزىلىشىچە ئەسلىدە بارلىق مەۋجۇداتلارنى قۇتقۇزىدىغان بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە مەلىكە ۋە ۋېل قاتارلىقلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى ، ئۇلار بۇ تەقدىردىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايتى ، ۋېل بولسا شاننىرانىڭ ئاخىرقى بىر ۋارىسى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك سىھرى بارلىقىنى بىلمەيتى ، دەل موشۇ پەيىتتە زۇلمەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ شاھىمۇ تىرىلىپ بىر ئۆزگىرىشچان تەنلىك ئايال ئالۋاستىنى زېرەكلەرنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزىدۇ ، ئوردىدىكى ئىلاھى جىڭچىلەر ئۇ ئالۋاستى تەرپىدىن بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ ....

بىرىنچى بۆلۈم نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى، مانا ئەمدى بۇ يىل سېنتەبىردە(9-ئاي) بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى قويۇلىدۇ، ئىككىنچى بۆلۈمىمۇ ئون قىسىم بولۇپ ھەر بىر قىسمى 42 مىنۇت ئەتراپىدا چىقىدىكەن، بۇ فىلىمنى ياقتۇرغا مەستانىلەر 12-34 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئىكەن.
MTV شىركىتى بۇ فىلىمنى سېنتەبىردە تېلېۋىزىيەدە قويۇشقا باشلايدۇ، تۆۋەندە فىلىمدە چىقىدىغان يېڭى چىرايلارنى كۆرۈپ باقايلى!

فىلىم گۇرۇپپىسى:



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
يامان ئۇز ئايال ئارتىسلار رول ئالاتتى ھەي     ئاجايىپ فانتازىيەلىك فىلىمدە بۇ  
يىكەنداز
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ 1-بۆلىمى توپلام قىلىندىمۇ؟
گېلەم
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياقتۇرغاتىم بۇ كىنونى 2-بولۇمىنىمۇ تولۇق كوروشكە نىسىپ بولا
كىگىز
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى فىلىم بۇ ئىككىنچى بۈلۈمنى تەقەززالىق بىلەن ساقلايمىز.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ كىنونىڭ تەرجىمە قىلغان قىسىملىرىنى توپلام قىلىپ يوللىغان بولساڭلار چۈشۈرۋالساق بولاتتى ، مەن ھەممىنى بىراقلا كۇرمەن دەپ بىر قىسىممۇ كۇرۇپ باقمىدىم ، مۇمكىن بولسا ئويلۇشۇپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !
داق يەر
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئەركاكا گىگانىتلار زەربىدە قاندا بولدى تەرجىمە قىلىۋاتامسلەر؟
مىخ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام  قايسىڭلادا  نارۇتونىڭ 110 ئاخىرىبا ( ئۇيغۇرچە خەتلىكى)
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئەلدوس01 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-18 16:53
ئەركاكا گىگانىتلار زەربىدە قاندا بولدى تەرجىمە قىلىۋا ...

ھە ئە قىلىۋاتىمىز، پات ئارىدا ئېلان قىلىمىز....
10#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇنى ئاۋۇ قىشتا ئاقبۈركۈتنىڭ ئەپ دېتالىدا ئىككى كېچە ئۇخلىماي كۆرۈپ چىققان. كېيىنكى بۆلۈم بارمىدۇ، دەپ ئىزدىسەم ياخشى باھالارمۇ ۋە يامان باھالارمۇ كۆپ بولغاچقا ئاخىرىنى ئىشلەشنى قارار قىلالماي، گاڭگىراپ قېلىشىپتىكەن. بۇمۇ ياخشى بولغىنى. ئىككىنچى بۆلۈم ۋايىقەلىرىنىڭ تېخىمۇ پەچەت چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
11#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ھەي راس گەپنى قىلسام بۇفىلىمنىڭ مىنى ئانچە بەك قىزىق تۇرالمىغان لىكىن فىلىمدىكى چىرايلىق قىزلار بەكراق قىزىقتۇرغان ئاشۇ يەرلىرنى دەپ كۈرىمەن دە لىكىن فىلىم ئۈنۈملىرى بىرخىل كونىچە ھېلىقى سىھرى كۈچ ئىشلەتكەن يەرلىرى
12#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
پونىيو يوللىغان ۋاقتى  2017-6-18 17:40
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام  قايسىڭلادا  نارۇتو ...

110 نىڭ ئاخىرى تەرجىمە قىلىنمىدى ئىزدەپ سوراپ ۋاختىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ …
13#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
barchuq يوللىغان ۋاقتى  2017-6-18 19:35
110 نىڭ ئاخىرى تەرجىمە قىلىنمىدى ئىزدەپ سوراپ ۋاختىڭىز ...

كوزنەكنىڭ تەرجىمە قىلغىنى بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن
14#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
پونىيو يوللىغان ۋاقتى  2017-6-18 17:40
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام  قايسىڭلادا  نارۇتو ...

يوق ئاخىرى تەرجىمە قىلىنمىدى 110دا توختاپ قالدى
15#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
توپلام قىلۋەتكەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:41 , Processed in 1.363606 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش