بېكەتنى تېخىمۇ پۇقراچە قىلىش، قىسقىسى دوللار پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاق بۈركۈت بانكىسى ئەمدى بىۋاستە بېلەت ياكى دوللار تارقاتمايدۇ!
چۈنكى ھازىر تەرجىمانلارنىڭ قولىدا تۈمەن تۈمەنلەپ دوللار بېسىپ ياتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن دوللار تېپىش يولى بۇرۇنقى بېكەت بانكىسىدىن بىۋاستە تارقىتىشتىن، تەرجىمانلار ئۆزى سېتىشقا ئۆزگەرتىلدى، مەندىن سېتىۋالساڭلارمۇ مەن بىۋاستە ئارقا بەتتىن قاچىلاپ بەرمەستىن ھېساباتىمدا بولغاننى يۆتكەپ بېرىمەن تا ئۆزۈمنىڭ تۈگىگىچە، ئۆزۈمنىڭ تۈگىگەندە قانداق قىلىمەن، تېما يوللاپ ياكى تەرجىمە ئەسەرلىرىم ئارقىلىق دوللار تېپىپ يانچۇق چىڭدايمەن، مەندىكى باھا بۇرۇنقى ئۆلچەملىك باھا بىلەن ئوخشاش، يەنى 1 يۈئەنگە 10 دوللار، باشقا تەرجىمانلارمۇ ئۆزىنىڭ قولىدىكى دوللارنى ئۆزى باھا بېكىتىپ بازارغا سالسا بولىدۇ، باھاسىنى ئەلۋەتتە ئۆزى بېكىتىدۇ.
مېنىڭ ئالىپاي ھېساباتىم تۆۋەندىكىچە:
1. dilmurat.t@qq.com
2.
تەرجىمانلارمۇ يۇقارقى ئۇسۇللاردىن باشقا ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋېلىش، يانفونغا بىۋاستە قاچىلاپ بېرىش ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئۆزى قولايلىق كۆرگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ قولىدىكى دوللارنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
ئەمدى بېلەت مەسىلىگە كەلسەك، بېلەتنى دوللارغا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، بېلەتنى باشقا چىقىم قىلىش ياكى كىرىم قىلىش يولى بولمايدۇ، فىلىملەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىن دوللار بىرلىكىنى ئاساس قىلىدۇ ياكى ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
ئاخىرىدا مۇراجىئەت قىلىدىغىنىم، دوللار ئۈچۈن بولسىمۇ تورداشلار بېكەتنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ قويساڭلار، شۇڭا بېكەتنىڭ ئاساسى لىنىيىسىگە يات بولغان سەھىپىلەرمۇ قوشۇقلۇق، قايسى سەھىپىدە ئىقتىدارىڭلار بولسا، شۇنىڭ ماس جارى قىلدۇرۇۋېرىڭلار، دوللار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
يۇقارقىدەك بولغاندا تەرجىمانلارغا ئۇۋال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بېكەت ئاۋات بولمىسا ماڭا ئۇۋال بولۇپ قالىدىكەن، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، باشقا يېڭى پىكىرلەر بولسا ئاڭلىساق بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
دىلمۇرات
ئاق بۈركۈت مالىيە ئىشخانىسى
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى
|