ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

توپا ياغدى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  360 قا نېمىشقا پارول قوشۇلۇپ قالدى؟؟؟
  چۈنكى بۇ 4-ئاي، ھەر يىلى 4-ئايدا تەۋەيىمىزدە قۇم بوران چىقىپ توپ يېغىشقا باشلايدۇ، تورداشلارنىڭمۇ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇنداق 4-ئايدىن ئاق بۈركۈتمۇ نەچچە قېتىملىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھەرخىل ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە خېلى ئازار بېرىشلەر بولغان...
  
  4-ئاينىڭ 16-كۈنى Qvod شىركىتى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆزىنى پاكلاش شوئارىنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، مۇلازىمىتېرىنىڭ چۈشۈرۈش ۋە توردا كۆرۈش مۇلازىمەتلىرىنى توختىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرى زور تۈركۈمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ فىلىم سېتىۋېلىپ ياكى مىكرو فىلىملەرنى ئىجاد قىلىدىغانلىقىغا قەسەملەر ئىچىشكەن بولسىمۇ يەنىلا توپا يېغىۋەردى...






ئەجىبا ئۇلار قەسەمنى كېچىكىپ ئىچىپ قالغانمىدۇ؟؟؟

توپا يېغىش بۇنىڭلىق بىلەن توختايغاندەك قىلمايتتى...




شۇنداق قىلىپ سۆيۈملۈك سىنانىڭمۇ كېنىشكىسىنى توپا باستى...

  مەزكۇر تېمىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندەك كۆپچىلىكمۇ 360 غا نېمە بولغانلىقىنى، بەيدۇنىڭ نېمىشقا ئالدى-كەينىگە دەسسەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ بولدىغۇ دەيمەن، توغرا ياغقان توپىغا تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ئىشىكنى مەھكەم تاقاشقا توغرا كېلەتتى... ئەمما توپا دېگەن نى-نى يوچۇقلاردىن كىرىپ كېتىدىغان نەرسە، شۇڭا ئىشىك تاقىغانلارنىڭمۇ كۆڭلى جايىدا ئەمەس...
  مۇشۇنداق سەت ھاۋارايى ھەر يىلى كۆرۈلۈپ، ھەر 4-ئايدا توپا يېغىۋىرەمدۇ؟ ئامال يوق... چۈنكى تەۋەيىمىز بايرامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان، شەكىل ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بايرامنى چوقۇم كۈتۈۋېلىشقا توغرا كەلگەچكە ھەريىلى مۇشۇ ئايدا ھاۋارايىدا قاتتىق ئۆزگىرىش بولۇپ، توپا ياغىدىغان ئادەتنى تېپىۋالغان...
  شۇڭا كۆپچىلىك سوغاققانراق بولايلى، مانچە دوللارغا مىڭ بىر جاپادا سېتىۋالسام پارول قوشۇلۇپ قاپتۇ، ئاق ئېتەي، كۆك ئېتەي دېگەندەك گەپلەرنى سەل-پەل ئويلىنىۋېلىپ تۇرۇپ دەيلى، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ھازىرچە خەق پارول قوشۇپ تۇرۇپ بولسىمۇ يەنىلا ھەرقايسىمىزغا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، كىم بىلىدۇ بىر كېچىدىلا سائەت-سائەتلەپ چىقار فىلىملەر كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، گېزى كەلگەندە ھېچقايسىمىز ھېچنېمىگە ئارا تۇرالمايمىز، ئۆزىمىزگىمۇ ئاز، خەقنىڭ بەرگەن بوشلۇقى جىقكەن، سۈرئىتى تېزكەن دەپ ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي، چۈشۈرۈش سۈرئىتىدىن قاقشاپ، ئۇ يەرگە بۇ يەرگە ئۈسۈپ يۈرۈپ تۇرۇپ ھېلى يۇيۇۋاتسا ھېلى چىقىرىپ كۆنۈپ قالغاندىكىن... ئەمدى ھەممىسى نۆلگە چۆرۈلۈپ كەتسىمۇ كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپلا قالىمىز خالاس... ئۇف
  
ھاۋامۇ ئېچىلىپ قالار، قۇم بورانلىق 4-ئايمۇ چىقىپ كېتەي دېدى، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئىشلىرىڭىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن
---- كەمىنە دىلمۇراتتىن

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار18

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2014-4-26 13:56:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۇتتە توپا ياغمىسلا بولدى
يىكەنداز
Ablazewolf ۋاقتى: 2014-4-26 14:18:07 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ توپىنى خوتەندىلا ياغامدىكىن دېسەم، ھەر يەرلەردە يېغىۋاتقان چېغى. ئەمما بۈگۈن ھاۋا خېلى ئېچىلغان چىراي.
گېلەم
مەردان428 ۋاقتى: 2014-4-26 14:48:47 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا تور دېسكىسىدىكى ماتىرياللارنى  ۋاقتىدا  چۈشۈرۋالساق بولغۇدەك. بولمىسا ھەش ـپەش دېگۈچە ھەممە ماتىرياللاردىن ئايرىلىپ قالدىغان ئوخشايمىز.
كىگىز
gitlr ۋاقتى: 2014-4-26 16:38:30 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ شەكىلۋازلىق بۇلمىسا رەھبەرلىك بىزنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەنلىگىزنى قانداق بىلىدۇ   يۇلداش مۇخبىرلار نېمىنى خەۋەر قىلىدۇ
ئورۇندۇق
mihman73 ۋاقتى: 2014-4-26 23:39:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەيدۇ ياكى 360 بوشلۇقى توختاپ قالسا ئىچىدىكى 10T (  ئون توننا توپا ) نەرسەم ئۇچۇپ كىتەرمۇ دەپ بەك ئەنسىرەيمەن
داق يەر
hakkerboy ۋاقتى: 2014-4-27 15:12:48 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭىما توپا بەك يىغىپ كىتىپ سۈرخانىڭ ‹‹ھاۋارايى مەلۇماتى››دىكىدەك يامغۇرلار تۈزۈك ياغالمىغان چىغىكەن!
مىخ
teshna417 ۋاقتى: 2014-4-27 16:08:15 | ئايرىم كۆرۈش
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=29759 بەك نۇمۇسسىز خەخكەن  بۇ .ئاقبۈركۈتنى ئالپ دەپ ئۆزگەرتىپلا...............
9#
شۇڭقار ۋاقتى: 2014-4-27 20:01:07 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭا مەنمۇ ھازىر تور دىسكىسىغا يوللايدىغان نەرسە بولسا  115 تور دىسكىسىغا يوللاۋاتىمەن
10#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2014-4-27 23:43:52 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 20:01
شۇڭا مەنمۇ ھازىر تور دىسكىسىغا يوللايدىغان نەرسە بولس ...

115 مۇ تەۋەيىمىزدە، بوران چىقسا تەڭ توپا قونىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەمىمىز سۈرئەتنى ئاستا دېمەي بىر يەرگە يىغىلغان بولساق، مەنبە ئۆزىمىزدىلا بولاتتى.
11#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2014-4-27 23:45:15 | ئايرىم كۆرۈش
teshna417 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 16:08
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=29759 بەك نۇمۇسسىز خەخكەن  بۇ .ئا ...

ئۇف... توپا قونمىغان ماۋۇ تېماممۇ قالماپتۇ ئەمدى، شۇڭا دەيمەن فىلىم خېتىنى تەمىنلەشكە بىز تېخى يۈز يىل يىراق...
12#
تاڭنۇرى ۋاقتى: 2014-4-28 00:59:19 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 23:45
ئۇف... توپا قونمىغان ماۋۇ تېماممۇ قالماپتۇ ئەمدى، شۇڭا ...

سەت كۈلۈۋەتتىم ھە ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ،
13#
musajan88 ۋاقتى: 2014-4-28 13:59:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ توپا داۋاملىق ياغىدىغاندەك قىلىدۇ،360شىركىتى يەنە ھەمبەھىرلەنگەن كىنو لارنى تەستىقلايدىغان بولۇپتۇ،تەسىتىقتىن ئۆتمىسە ئاپتۇماتىك ھەمبەھىر ھالىتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولۇپتۇ،ھەي......
14#
سەردار. ۋاقتى: 2014-4-30 14:32:53 | ئايرىم كۆرۈش
teshna417 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 16:08
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=29759 بەك نۇمۇسسىز خەخكەن  بۇ .ئا ...

مەن يوللىغان بولماپتىمۇ؟ ئالىىپتىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆزلەر بولغاندىكىن،ئالىپداشلارمۇ بىلىۋالسۇن دەپ يوللىدىم.
15#
يارۇق ۋاقتى: 2014-4-30 17:36:05 | ئايرىم كۆرۈش
سەردار. يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 14:32
مەن يوللىغان بولماپتىمۇ؟ ئالىىپتىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆزلە ...

يوللىغىنىڭىز بۇپتۇ، لېكىن ئاقبۈركۈتنى ئالىپقا ئۆزگەرتىپ يوللىغىنىڭىز، شۇنداقلا مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگىنىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بوماپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1