كىنونىڭ ئەسلى ۋەقەلىكى تۈلىمۇ ئاددىي بىر ئشنى مەزمۇن قىلىنغان. ئۇنى بىر ئەسەر قىلىپ ىشلىگۈچىلىكى يوق بىر ئىش...
مۇستەملىكتە قالغان، مۇنقەرىز ياشاۋاتقان، ئۇرۇش ئۇتى ئىچىدە قالغان قايسى بىر خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدا جېئاننىڭ بېشىدىكىدەك ئىش يۈز بەرمەيدۇ؟
سىنارست جېئاننىڭ ۋەقەلىكىنى ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ بىر مۇكەممەل بىر ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىققان.
ئاۋۋال ۋەقەلىكنى قىسقا بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى
جىئان خىيالى تۇيغۇغا باي، تەسەۋۇرى كۈچلۈك، تەقۋادار خىرىستىيان ئەقىدىسىدە، سەھرانىڭ مۇھىتىدا قۇشلاردەك ئەركىن چوڭ بولغان بىر قىز. ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقىدا ئامراق ئاچىسى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن كۆزئالدىدا ئۆلتۈرلۈپ ئاندىن باسقۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ.
بۇ ئىش جىئانغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ئۆڭلۇق بىلەن ساراڭلىق ئارلىقىدا يۈرىدۇ ۋە ئۆچ ئېلىش خاھىشى ئىنتايىن كۈچىيىپ كىتىدۇ.
شۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئېلاھ بىلەن ئۇچىرىشىدۇ دە ئېلاھنىڭ تاپشۇرىغىنى ئېلىپ فىرانسىيەنىڭ ۋەلى ئەھدىسىنى ئىزدەپ بېرىپ قۇشۇن سورايدۇ، ئوردىدىكىلەر تازا ئىشىنەلمىسىمۇ باشقا ئارتۇق تاللىشى بولمىغانلىقتىن ھەم جېئاننىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ سىناپ باقماقچى بۇلۇپ بىرقىسىم ئەسكەر قۇشۇپ بىرىدۇ.
فىرانسىيە قۇشۇنلىرىنىڭ ئاللا بۇرۇن جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ پەقەت جاننى ساقلاپ قېلىشنى ئىزدەيدىغان ھالغا كىلىپ قالغاندا جېئاننىڭ ساراڭلارچە ھەركەت قىلىشى نەتىجىسىدە خېلى كۆپ ئەسكەرنى قۇربانلىق قىلىپ بىرقىسىم غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ ۋە قايتىدىن جانلىنىپ ئورلىئاننى قايتۇرۇپ ئېلىپ فىرانسىيەنىڭ ۋەلى ئەھدىسىنى رەسمىي شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. كىيىن يەنە پارىژنى قايتۇرۋالىمىز دەپ ئۇرۇشقا چىقماقچى بولغاندا فىرانسىيە شاھى توختىتالماي ئاخىرى ئەنگىلىيە تەرەپتىكىلەرگە سېتىۋىتىدۇ ۋە ئەنگىلىيە تەرەپ دىنىي جەمىيەتنىڭ جىئاننى كاپىرلىققا پەتىۋا بەرگەندىن كىيىن كۆيدۈرۋىتىدۇ.
ئادەمنىڭ ئېڭى ئىللى خىلغا بۆلىنىدۇ. بىرى يۇشۇرۇن ئاڭ يەنە بىرى ئاشكارا ئاڭ.
ئاشكارا ئاڭ باشقىلار كۆرگەن ھەم ئۆزىمىز ھېس قىلغان ئاڭ بۇلۇپ بىز ھەمىشە ئاشكارا ئاڭنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا بۇلىمىز. يۇشۇرۇن ئاڭ بولسا ئاشكارا ئاڭنىڭ يىلتىزى بۇلۇپ ئۇنى بىزمۇ بەك ھېس قىلىپ كىتەلمەيمىز باشقىلار تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن ھەربىر تاللاش، قارار چىقىرىشتەك مۇھىم نوقتىلاردا يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ تەسىرى بۇلىدۇ.
جېئان تەقۋادار خىرىستىيان مۇرىتى ئۇ ئېلاھنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىقىنى، ئەتىراپىدا ئېكەنلىكىنى خىيال قىلىدۇ. ئاچىسى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئاچىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلاھ ئۇنىڭغا بىشارەت بەرگەندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. ھەتتا خىيالى تۇيغۇ ھاسىل بۇلۇپ ئېلاھ بىلەن ئاشكارا كۆرۈشكىنىگە، پاراڭلاشقىنىغا ئۆزى ئىشىنىدۇ.
ئورمانلىقتىن بىر قېلىچ تېپىۋېلىپ قېلىچنى ئېلاھ ماڭا جەڭ قىلىش ئۈچۈن بەرگەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
بىزنىڭ چۈشەنچىمىز بويچە ئېيتقاندا ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنداقلا دىنى جەمىيەت ئالدىدا مەن ئېلاھ بىلەن كۆرۈشتۈم ئۇ مىنىڭ جەڭ قىلىپ فىرانسىيەنى قۇتقۇزۇشۇمنى تەلەپ قىلدى دەيدۇ.
گەرچە دىنى جەمىيەت ئۇنىڭ دىگەنلىكىگە ئىسپات بۇلىدىغان بىرە نەرسىنى كۆرمىسىمۇ، ئىشەنمىسىمۇ يەنىلا ئۇنى باش قىلىپ قۇشۇن چىقىرىدۇ.
ئەنگىلىيە تەرەپ تۇتۇۋېلىپ سۇلاپ قويغاندا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا تەرۋىنىش بۇلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بىلەن زىددىيەتلىشىپ بەزى ئىشلارى ھېس قىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ ئۇ ئەقىدىسىن قەتئي ۋاز كەچمەيدۇ. ئەنگىلىيە دىنىي جەمىيەت تەرەپنىڭ ئۇنى ساقلاپ قالغۇسى بولسىمۇ ھۈكۈمەت تەرەپنىڭ سۈيقەست ئىشلىتىشى ۋە جېئاننىڭ جاھىللارچە تۇرۋېلىشى بىلەن ئاخىرى كۆيدۈرلىدۇ.
بۇ راست بولغان ۋەقەمۇ ياكى سىنارستنىڭ ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنىڭ كۈچىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۇقۇپ چىققان تۇقۇلمىمۇ بۇنى بىلمىدىم. ئەمما، بۇنداق ۋەقەلىك جەمىيەتتە كۆپ يۈز بىرىدۇ. دەسلەپ كاللىغا مۇنداقلا كىلىپ قالغان خىيال كاللىغا بەك تەسىر قىلسا ئاخىرى ئادەم ئۆزنىڭ قۇرۇق خىيالىغا ئۆزى ئىشىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ مەن ھەقىقەت ئىچىدە، توغرا قىلىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇ غاكىلىپ قالىدۇ ھەتتا ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا جېئاندەك ئۆزىنىڭ خىياللىرى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ھالىتىگە بارىدۇ.
كىنودىكى جېئاننىڭ ئوبرازى ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ. كىنونى بىر كۆرۈپ قۇيۇشقا يارايدۇ.
|