ئالدىنقى ئايدا «يېڭى فىلىم ئامبىرى» قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 48 پارچە فىلىم ئامبارغا رەتلەندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 فىلىمنى abdusala تولۇقلىغان، بۇ يەردە ئالاھىدە رھمەت ئېيتىمىز، تۆۋەندە فىلىم ئامبىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. فىلىمنى بىۋاستە كۆرۈش، مەيلى كومپىيۇتېر ياكى يانفون ۋە ياكى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور بولسۇن يېڭى فىلىم ئامبىرىنىڭ تۆۋەندىكى كۆزنىكى ئارقىلىق فىلىمدىن بىۋاستە ھوزۇرلىنالايسىز.
2. مەنبە تولۇقلاش، ھازىرقى تور دېسكىلىرىنىڭ ئەلپازى ھەممىمىزگە ئايان، بىرىمىز تولۇقلىغان مەنبە خالىغان ۋاقىتتا ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا تورداشلارنىڭ قولىدا مەنبە بولسا يېڭى فىلىم قوشۇپ يۈرمەستىن، مەنبە بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.
يۇقاردا قوشۇلغان فىلىملەردىن كۈندە بىرى تاللىنىپ ئۈندىدار سۇپىمىزغا يوللىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۈرۈشلۈك فىلىملەر ئالدىن تاللاندى، مەسىلەن، ئەرۋاھ ريونى، ئەجەل پۈتۈكى، كايجى قاتارلىق، يۈرۈشلۈك فىلىملەر ئىچىدە تولۇق بولمىغانلىرى ۋاقتىنچە تاللانمىدى، مەسىلەن: تەۋەككۈلچى پېنسىيۇنېرلار دېگەندەك، چۈنكى بىزدە بارى 2-بۆلمىكەن، بىر يوق، شۇڭا يوللىساق باشتىن يوللايلى بولمىسا تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ ئويلىغان.
4-ئايدا ئۈندىدار سۇپىسىغا جەمئىي 25 فىلىم يوللانغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئىككىلىك كودى ئايرىم-ئايرىم تەمىنلەنگەن، يانفون ئابونتلىرى ئىككىلىك كودنى سايىلەپلا كۆرۈش مەقسىتىگە ئاسانلا يېتەلەيدۇ دېگەن گەپ.
5-ئايلىق پىلان-- ئامان-ئېسەنلىك يار بەرسە، مۇنبەرنىڭ ئۆزىگىمۇ سىناق تەرىقىسىدە بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ بىۋاستە كۆرۈش مەنزىلى ئېچىلىدۇ، ئەمما فىلىم ئامبىرىدا بىۋاستە كۆرۈش ئىشقا ئېشىپ بولغاندىكىن مۇنبەردە يوللاشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، شۇڭا بۇ ھەقتە كونكرېت لايىھەمۇ يوق، بەلكىم بۇرۇن دېيىشكەندەك، يېڭى چىققان فىلىملەرنى ئاۋۋال بىۋاستە قويۇشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، تېمىنى سېتىۋېلىپلا ساخاۋەتچىلىك قىلىپ، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى باشقىلارغا تەمىنلەيدىغان ۋە ياكى بەيدۇ تور دېسكىسىدا ئېلىپبە ئوينايدىغان ئىشلاردىن ساخلىنىپ قالغىلىمۇ بولۇشى مۇمكىن، ھەم نەق كۆرۈپ ئالغان تەسىراتلارنىمۇ نەق مۇنازىرە قىلالىشىمىزمۇ مۇمكىن، شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭلار بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ ئورتاقلاشقايسىلەر.
ئاق بۈركۈت تورى تېخنىك بۆلۈمى
2016.04.28
|