- UID
- 50
- تىزىملاتقان
- 2010-7-31
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگىنىم ئەمەس، گوگۇل،مىكروسوفتتەك شىركەتلەر بۇنداق ئىشقا كەلگەندە ئالدى كەينىنى دەڭسەپ ئاندىن ئىش كۆرىدۇ، بىر تىلنىڭ سۆزلۈكىنى قوشتى دېگەنلىك مىليوندىن ئارتۇق سۆزلۈك ئامبرىغا ئىھتىياج چۈشتى دېگەنلىك، بۇنى جۇغلاشقا ئادەم كۈچى، ئىقتىساد كېتىدۇ، شىركەتلەر مۇشۇ تىلنى لۇغىتىمگە قوشسام، لۇغەت بازارغا سېلىنسا لۇغەتنىڭ مۇشۇ تىلنى قوللىنىدىغان رايونىدىن كەتكەن چىقىمنى تىرىلدۈرۈپ پايدا ئالالامدىم دېگەننى ئويلىشىدۇ، بىكارغا، ھەقسىزگە كۆنۈپ قالغان بىزلەر ۋاقتى كەلگەندە شۇ لۇغەتنى سېتىۋالامدۇق؟ ياكى يېشىۋەتكەن نۇسخىلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتەمدۇق؟
بۇ بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسىگە بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەڭلار، ئازار يەپ قالىسىلەر، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پالانى يەرگە كىرىش ئۈچۈن دېگەندەك بېلەت تاشلاشلار، تەشەببۇسلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، ھەممىمىز مىللى ھېسياتىمىز ۋە غۇرۇرىمىز بىلەن غالجىرلارچە بېلەت تاشلىدۇق، تەشۋىق قىلدۇق بەزىلىرى ئوڭۇشلۇق بولغانمۇ بولدى، بەزىلىرىدە كۆڭلىمىز ئازار يېگەنمۇ بولدى. ئەنە شۇ قوزغالغان مىللى غۇرۇرنى، مىللىي ھېسياتنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ، ئەنە شۇنداق دۇنياۋى كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى، ئۈمىدنى خەققە باغلىماي، ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەيلى. گوگۇل لۇغىتىگە ئۇيغۇر تىلى قوشۇلسىمۇ ئۇ يەنىلا سىرگى بېرىن دېگەن ئورۇسنىڭ شىركىتى، ۋىندوۋىسقا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتىلسىمۇ ئۇ بەرىبىر بىلگېيتىس دېگەن يەھۇدىنىڭ شىركىتى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ بولمايدۇ. بىزدە قاچانكى مىللى ئىقتىساد، مىللى كارخانا ئېڭى ئويغانغاندا شۇ كۈندىن باشلاپ بىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن قەدەم ئالغان بولىمىز.
ۋاقتىڭلار ئوشۇق بولسا بۇنداق ئۈنۈمى بار بىلەن يوقنىڭ ئوتتۇرىدىكى بېلەت تاشلاشلارنىڭ ئورنىغا پروگرامما تىلى ئۆگىنىپ قويۇڭلار، ئەنە شۇنداق لۇغەتلەرنى، مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى بىز ياسىساقمۇ بولىۋىرىدۇ، بىز ياساپ كۆك كۆزلەرگە ساتساقمۇ بولىۋىرىدۇ. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|