Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

ئىگىسى: wiiros
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېۋېن 3

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
ۋاقتى: 2016-3-21 10:54:59 | ئايرىم كۆرۈش
dolqun يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 10:25
بۇ يەردىكى مەزمۇن ، جۈملە باغلاشمىغاندەك ،  يا ماڭا ش ...

كۆز دىگەن باركەن ھە
32#
ۋاقتى: 2016-3-21 11:09:18 | ئايرىم كۆرۈش
شۇرايىم يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 09:12
4 دوللار بېرىپ تۇرۇڭلا   باللا.قايتۇرىمەن

رەھمەت.دوللار تۇلۇقلاپلا،قايتۇرىمەن...
33#
ۋاقتى: 2016-3-21 11:11:19 | ئايرىم كۆرۈش
بەك كۆرگۈم بار ئىدى مۇشۇ كىنونى،رەھمەت سىزگە.........
34#
ۋاقتى: 2016-3-21 12:30:28 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ خاتا سۆزلەر ۋە باغلاشمىغان جۈملىلەرنى دەپ باقاي،
1.سۈرىتىم تىز-سۈرئىتىم تىز. 2.تۇخۇمنىڭ قېپى-شاكىلى 3.چاپتىكەش-چېپىلغاق 4.سېتىۋاتىمەن-سېتىۋىتىمەن(بالىلارنى تۇتقۇن قىلغاندا) 5.مەن سىز ئاش ئەكىلىپ بىرەي-سىزگە 6.مەن بەك خوشال ئەمەس-ئانچە خوشال ئەمەس 7.كېسەل-كىسەل 8.مانا ماۋۇ مىنىڭ كۆرگۈم بار يىۋىن-ماۋۇنى ياكى بۇنى كۆرگۈم بار 9.دوختۇر ئەڭ ياخشىسى دوختۇر خانىدا قېلىڭ دەيدۇ-دوختۇر خانىدا قالسۇن دەيدۇ
مەن بايقىغان بەزى خاتا سۆزلەرنى باشقىلارمۇ بايقاپتۇ شۇڭا يازمىدىم، تىنىش بەلگىلىرىدىكى خاتالىقلارنىمۇ يازمىدىم ،يازغانلىرىمنىڭ تەرجىمانغا پايدىسى بولاردىگەن ئۈمۈتتىمەن.

35#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 12:46:26 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى بەك تېز چىقىرىشقا تىرىشىمەن دەپ، جىق يەرلىرىنى كۆرمەيلا ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، شۇڭا ئىملا خاتالىقىمۇ جىق چىقىپ قاپتۇ، بۇنى كىرىشتۈرۈپ بولۇپ كۆرگەن ۋاقتىمدا ئىككى ئۈچ يەردە كۆرگەن، مەيلى دىپ ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىدىم، كىيىنكى فىلىملەردە بۇنداق ھادىسە كۆرۈلمەسلىككە تىرىشىمەن
36#
ۋاقتى: 2016-3-21 12:52:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolqun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 13:39  
wiiros يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 12:46
فىلىمنى بەك تېز چىقىرىشقا تىرىشىمەن دەپ، جىق يەرلىرىن ...

ئەركان  ئىملا خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىڭلار دەپتىكەن،
شۇڭا  مەنمۇ كۆرگەن يەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
تىز تەرجىمە قىلىپ تىز يوللاپ ياخشى قىلدىڭىز.


ئىنسان دىگەن خاتالىقتىن خالىي ئەمەس،
مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس.
37#
ۋاقتى: 2016-3-21 13:05:39 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بەيدۇغىمۇ بىر يوللاپ قويغان بولساڭلار
38#
ۋاقتى: 2016-3-21 14:05:33 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 14:21  

مەن تېخى فىلىمنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم لېكىن، ھازىرچە كەسمە رەسىمدىن تاپقاچ تۇراي.
1. رەسىمدە، << يېۋېن دېگەن سەنمۇ >> دېگەن جۈملىدە << يېۋېن دېگەن سەنمۇ؟ >> دەپ، سوراق بەلگىسى قويۇلسا توغرا بولىدۇ. ياكى بولمىسا، << يېۋېن دېگەن سەن شۇمۇ؟ >> دەپ ئالسا بىر ئاز تەبئىي چىقىدۇ.
2. رەسىمدە، << يېۋېن سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ مەن سودا قىلىۋتىمەن خالاس >> دېگەن جۈملىدە شۇ مۇھىتنىڭ ئۆزىدە يېۋېن بار تۇرسا، يېۋېن سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ ئېلىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. ئەگەر يېۋېن شۇ مۇھىتتا بولمىسا ئىدى. ئاندىن ئىسىمنىڭ كەينىگە پەش قويۇپ ئالسا لوگىكىغا ئۇيغۇن بولاتتى. جۈملىنىڭ توغرا ئېلىنىشى << بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ مەن پەقەت سودا قىلىۋاتىمەن خالاس >>
3. رەسمدە << ئۇنداق ياخشى كۆڭلۈك بولسا مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوي >> بۇ يەردە << ئۇنداق ياخشى كۆڭلۈك بولسا >> دەپ بىر كىچىك مەزمۇن بۆلىكى ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئارلىقىغا پەش قويۇلسا توغرا بولىدۇ. دەپ ئويلايمەن.....

مۇمكىن بولسا، تەرجىمە پۈتكەندىن كېيىن، مۇقىم بىر مۇھەررىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭلارنى، مۇھەررىنى ئالدىراتماي، فىلىمنى سۈپپەتلىك ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن كىرىشتۈرۈپ ئېلان قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەر قېتىم ئەركان ۋە مەن قاتارلىق بىر نەچچەيلەن ئىملا جەھەتتىن تەكلىپ بەرگەندە، تەرجىمانلار بىزدىن باتنىغاندەك خۇددى ئارتۇقچە ئىشقا ئارلاشقاندەك بىزدىن رەنجىگەن يېرىمۇ بولدى. بۇ يەردىكى مەسلە، ھەرگىزمۇ سىلەرنى كەمسىتىش ئەمەس بەلكى، بىزگە تېخىمۇ ئېسىل سۈپپەتتە فىلىم تەقدىم ئەتسىكەن دېگەن ئۈمۈدلا بار خالاس....
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى كۆپەيتىش ئەمەس بەلكى سۈپپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئاز قىلىپ ساز قىلش ئاساسىي مەقسەت.....بىز چوقۇم ئانا تىلىمىزنى ئەڭ سۈپپەتلىك ھالدا فىلىم ئاستىغا كىرگۈزشىمىز، ئۇيغۇرتىلىنىڭ گۈزەللىكنى ۋە پاسائىتىنى نامايەن قىلىشىمىز. ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى، ئۇلارنى ئەۋلادلارغا توغرا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى يالغۇز ياشلارلا كۆرمەيدۇ. بىزدىن چوڭ ئالىي مەلۇماتلىق ۋە كۆپنى كۆرگەن چوڭلارمۇ كۆرىدۇ. ئۇلار تەرجىماننىڭ قولىدىن چىققان سۈپپەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ، - ئەۋلادلىرىمىز قالتىسكەن !دېگەن تۇيغۇدا بولسا، بالا-چاقللىرىمىز كۆرۈپ - پاھ! ئۇيغۇرتىلى نېمە دېگەن گۈزەل... دېگەن تۇيغۇغا كەلسە، ئاندىن تەرجىمان ھە ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە دېگەن ئويغا كېلەلىسە ئاندىن، قلىغان ئەمگەكنىڭ قەدرى بولىدۇ، قىممىتى بولىدۇ....ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشۈنەيلى ئويلىنايلى... بۇ ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.....
مەن كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. بۇنى يالغۇز سىلەرگە قارىتىپ دېمىدىم ياكى سىلەرنى تەنقىدلەش ئويۇممۇ يوق..... پەقەت بارلىق تەرجىمان ۋە تەھرىر، بارلىق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى، كاللىسىنى چايقىۋېتىپ ئويلىنىپ باقسۇن دېمەكچى..... ئارلىقلاردا نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ قايتا ئېلان قىلىنىشى باشقا مەقسەت ئەمەس. ئەركان قاتارلىق بىر نەچچەيلەن فىلىمدىكى چوڭ خاتالىقلارنى بايقاپ، جاپا چەكسەكمۇ ئىملانى توغرىلاپ سۈپپەتلىك قىلايلى دېگەچكە ئاندىن قايتا ئېلان قىلىنغان.
ئاندىن تورداشلار تەرجىمان، تەھرىرلەرگە پالانى فىلىمنى قاچان ئېلان قىلىسىلەر؟ كۆزۈم تۆت بولدى؟ سەككىز بولدى دېگەن گەپنى قىلماڭلار؟ گەرچە، بۇ سۆزۈڭلار فىلىمگە بەرگەن مايللىقىڭلار بولسىمۇ، لېكىن، ئەسلى ماھايەت جەھەتتىن، ۋالاق-ۋۇلۇق چىقارمامدىغاندۇ بۇ لامزەللىلەر دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان تەرەپلەرمۇ شۇ بىر ئېغىز جۈملىدە ئىپادىلىنىپ قالىدۇ دە... بۇ سۆز تەرجىمانغا شۇ زامات ئەكس-تەسىر بىرىپ، مۇھەررىنى ئالدىرتىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق ئېسىل فىلىم بولسىمۇ، سەۋر-تاقەت بىلەن ساقلايلى!!! فىلىمنى سۈپپەتلىك كۆرەيلى..... سۈپپەتلىك كۆرمەي، خەتلىك بولسىلا كۆرىمىز دەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرمىگىنىڭلار ياخشى، بىر تىلنىڭ ھۇزۇرىنى بىلمەي تۇرۇپ، شۇ تىلنىڭ فىلىمنى كۆرىمەن دېيىش تازا دانالىق ئەمەس...


ئاندىن تەكلىپىم، مەزكۇر فىلىمدىكى لوگىكا، ئىملا، پەش، چىكىت قاتارلىقلارنى تۈزۈتۈشنى مۇقىم بىر تەرجىمانغا سۇنۇپ، ئاندىن قايتا ئېلان قىلساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمەن. چۈنكى، بۇ فىلىم بۇ يىللىق دۆلىتىمىز فىلىملىرى ئارىسىدا خېلى شۆھرەتكە ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ قالدى. شۇنداقلا، بۇ فىلىمنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆرىدۈ ۋە ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلار ساقلاپ كېيىنكىلەرگە قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ تەكلىپنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چوقۇم ئويلىشىڭلار؟ ئەگەر ۋاي ھاجىتى بارمۇ دەيدىغانلار بولسا، خەت ھۆججەتنى تەرجىمان ماڭا ئەۋەتىپ بەرسە، مەن ئۆزۈم ئۆلچەملىك تەھرىرلەپ، بىرەر كىرىشتۈرگۈچىگە تاپىلاپ، ئاندىن فىلىم ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىمەن. مۇمكىن بولسا، ئاققىر، ئەركان، دىلمۇرات قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرسىڭلار بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈڭلىگە ئالالىساڭلار تېخى ياخشى، ئەگەر قولۇڭلار بىكار بولمىسا، مەن ئۈستۈمگە ئالاي......



باھا سۆز

سىلىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلسىلا ،سۈپپەت ئەمەس ‹سۈپەت› ئۈمۈد ئەمەس ‹ئۈمىد› باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-21 19:47
39#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 14:38:24 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 14:05
مەن تېخى فىلىمنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم لېكىن، ھازىرچە ...

چچ نومۇرىڭىزنى بېرىڭە، سىزگە تاپشۇرۇپ بىرەي، قايتىدىن قىلايلى، قاراپ باقسام 10نەچچە يەردە خاتالىق باردەك قىلىدۇ
40#
ۋاقتى: 2016-3-21 15:03:33 | ئايرىم كۆرۈش
wiiros يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 14:38
چچ نومۇرىڭىزنى بېرىڭە، سىزگە تاپشۇرۇپ بىرەي، قايتىدى ...

جۈملە باغلاشماسلىق خىلىلا ئىغىردەك قىلىدۇ مەنچە....يەنە كىلىپ بەزى يەرلىرىدىكى بەزى گەپلەر چۈشۈپ قىلىپ بىرەر قىسقا جۈملە قىلىپ قالغاننىڭ گىپى بارغۇ.....؟ بولسا تەھرىرلەپ قايتا يوللىسىڭىز بەلەن بولغۇدەك
41#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 15:17:25 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 15:03
جۈملە باغلاشماسلىق خىلىلا ئىغىردەك قىلىدۇ مەنچە....يە ...

قايتا قىلىپ، قوش خەتلىك قىلىپ تارقىتىدىغان بولدۇق
42#
ۋاقتى: 2016-3-21 16:25:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 16:27  

小朋友----بۇنى كىچىك دوست دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن تىلىمىزدا كىچىك دوست دىگەن سۆز كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە بۇنى بالا دەپلا ئالساق دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ بۇ فىلىمنىڭ بېشىدا بالا دەپلا ئالساق مۇۋاپىق كەلگۈدەك.
9:47 يېرىدە "ھامان بىر كۈنى ئۇستاز ئۇنىڭدىن بەكرەك نام چىقىرىدۇ " دىگەن جۈملە باركەن. بۇ يەردە ھېلىقى بالىنىڭ ئۇستازى ئۆزىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق دەپتۇ. شۇڭا بۇنى "ھامان بىر كۈنى مەن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك داڭق قازىنىمەن"دىسەك تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولاتتى. كەينىدە بالا دىگەن گەپتىمۇ يەنە شۇنداق " يې ئۇستاز ئىككىڭلاردىن قايسىڭلار يامان" دەپ ئالغان ياخشى.
11مىنۇتلۇق يېرىدە ھېلىقى تاقىرباش قىزنى بىردەم سەن بىردەم سىز دەپتۇ. كېيىنكى قېتىم كىرىشتۈرسەڭلار دىققەت قىلىپ قويۇڭلار
14:19يېرىدە "سىز ئاجىڭنى مەكتەپكە ئالغىلى بېرىڭ"----"مەكتەپكە بېرىپ ئاجىڭنى ئېلىپ كېلىڭ

پەقەت 15مىنۇت كۆرۈپ تۇردۇم ھازىرچە. قۇسۇر تېپىش مەقسىتىدە ئەمەس،  بەلكى كېيىنكى تەرجىمە ئەسەرلەردە يەنىمۇ دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ كۆرسەتتىم. ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ. يەنە بىر تەكلىپ بەرسەم قۇبۇل قىلارسىزمىكىن بىلمىدىم . تەرجىمە جەريانىدا بەك سۆزنىڭ مەنىسىگە ئېسىلىۋالماڭ. دىمەكچى بەزى سۆزلەرنى ئەينەن چىقىرىمەن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىپ ئاخىردا تىلىمىزدا ئادەتتە دىيىلمەيدىغان گەپلەرگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. ئادەتتە تەرجىمە ئىشلىرىدا كۆپرەك شۇغۇللىنىپ تۇرغاچقىمۇ بۇنداق نۇقتىلارغا بەك دىققەت قىلىپ تۇرىمەن، شۇڭا خاتا چۈشىنىپ قالماڭ بۇرادەر. تەرجىمىڭىزگە رەھمەت. تەرجىمە فىلىملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +4 يىغىش سەۋەبى
شۇرايىم + 4 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسى

43#
ۋاقتى: 2016-3-21 17:32:08 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسىدا خاتالىق كۈرۈندى  تېزدىن ئوڭشاپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
44#
ۋاقتى: 2016-3-21 17:34:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر05 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 16:25
小朋友----بۇنى كىچىك دوست دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ...

سىزگە دوللارنى قايتۇرۇپ بىرەي..رەھمەت.
45#
ۋاقتى: 2016-3-21 18:17:07 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى كىنوكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 13:37 , Processed in 1.356293 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش