بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-6-18 18:30
بۈگۈن يەنى ئاتىلار بايرىمى كۈنى بولۇپ دوستلار چەمبىرىكى پۈتۈنلەي ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش تىلەكلىرى، شېئىر ناخشا ئىشقىلىپ شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تولۇپتۇ، مۇنبەرگىمۇ ئاتا مېھرى تەسۋىرلەنگەن يۇقىرى نومۇرلۇق نادىر فىلىمدىن ئوننى بايرام ئۈچۈن تونۇشتۇرايلى! ۋاقتى بار ئاتىلار كۆرۈپ ھۇزۇرلانسۇن!ئاتىلار مېھرى تەسۋىرلەنگەن ئون نادىر فىلىم!
1. گۈزەل ھايات
(美丽人生 La vita è bella (1997
دۆلىتى: ئىتالىيە
پۇرچاق نومۇرى: 9.5
قىسقىچە مەزمۇنى: يەھۇدىي ياش گۇيدو چىرايلىق ئايال ئوقۇتقۇچى دورا بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئۇ ناھايىتى سىلىق سىپايە ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭغا : « خەيرىلىك سەھەر مەلىكە» دەپ سالام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدۇ ھەم بەختلىك بىرگە ياشايدۇ بىراق بەخت ئۇزاققا بارمايدۇ، فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، گۇيدو ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي يەھۇدىلار جازا لاگېرىغا ئاپىرۋېتىلىدۇ، ئايالى دورا يەھۇدىي بولمىغاچقا ئۇ باشقا لاگېرغا سولىنىدۇ، ئەقىللىق ئۈمىدۋار گۇيدۇ ئوغلىنى ئالداپ بەزلەپ بۇ بىر ئويۇن مۇكاپاتى تانكا دەيدۇ، ئوغلى ناتسىستلارنىڭ ئىس تۈتەكلىرىدە خۇشال خورام ياشايدۇ، گەرچە لاگېر تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، گۇيدۇ ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ ھەتتا ناتسىستلارنىڭ رادىيو ئۇزىلىدىن ئايالىغا سالام يوللايدۇ يەنى ھېلىقى بۇرۇنقىدەكلا« خەيرلىك سەھەر مەلىكەم»....
2. بەخت ئىشىكنى چەككەندە(当幸福来敲门 The Pursuit of Happyness (2006
پۇرچاق نومۇرى: 8.9
دۆلىتى: ئامېرىكا
قىسقىچە مەزمۇنى:
كىرىس گاردنېر يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا تونۇشتۇرۇپ ساتىدۇ، بىراق ئۈسكۈنىنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا كۆپ ئادەم ئالمايدۇ، ئۇ شۇنچە كۆپ تىرىشسىمۇ ئايالى ۋە بالىسى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرەلمەيدۇ، ئاخىرىدا ئايالى لىندا ئايرىلىشنى تاللايدۇ ئاندىن كىرىس ئوغلى كىرىستېفېر بىلەن بىللە ئۆز-ئارا يار يۆلەك بولۇپ ياشايدۇ، كىرىس مىڭ تەسلىكتە بىر پايچېك مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە پراكتىكا پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، ئىش ھەققى بولمىسىمۇ، ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتى ئاران بەش پىرسەنت بولسىمۇ ئىشلەيدۇ، ئۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ، ئوغلى ئۇنىڭغا كۈچ قۇۋۋەت بولىدۇ، ئۇ ئوغلى بىلەن مېترو بېكىتىنىڭ ھاجەتخانىسىداا، چېركاۋنىڭ يىغىۋېلىش ئورنىدا مۆكۈپ جان ساقلايدۇ...شۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ بەختنىڭ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى كۈتىدۇ....
3. سو ۋون\ئۈمىد
(素媛 So-won /소원 (2013
دۆلىتى: كورىيە
پۇرچاق نومۇرى: 9.1
قىسقىچە مەزمۇنى:
سوۋون ئۆزى ئاددىي بىر كىچىك قىز، ئاتا-ئانىسى بىلەن دوقمۇشتىكى بىر ئۆيدە تۇرىدۇ، ئاپىسى سوۋوننىڭ ئىسمى بىلەن ئېچىلغان مىلىچ مال دۇكىنىنى كېچە-كۈندۈز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈرۈشتۈرىدۇ، دادىسى زاۋۇتتا ئالدىراش ئېغىر-يېنىك ئىشلارنى قىلىپ كۈن كەچۈرىدۇ، يامغۇرلۇق بىر كۈنى سەھەردە سوۋون ئۆزى يالغۇز كۈنلۈك كۆتۈرۈپ مەكتەپكە بارىدۇ،
مەكتەپكە ئاز قالغاندا ئۇ رەزىل تەلەت، ئەپتىدىن ھاراق ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان تاغاشقا يولۇقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تېراگىدىيە سەپىرى مۇشۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ....
يۇمران نازۇك گۈل جۇدۇندا نابۇت بولىدۇ، يارىلانغان شاخ يوپۇرماقلا بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ غۇبارسىز غەمسىز پاك قەلبى ئىدى، ئىنساپسىز تاراتقۇلار بۇ ئىشنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغاچقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سوۋون ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنى ئۇيات نومۇس ۋە يات نەزەرلەر قورشاۋىدا قالغاندەك سېزىدۇ...
ئاپىسى قاتتىق ئەلەم ئىچىدە ئېلىشىپ قالايلا دەپ قالىدۇ، دادىسى قىزىنى قوغدىماقچى بولىدۇ بىراق بۇ دىلى ئازار يېگەن پەرىشتە ھەتتا دادىسىنىمۇ يېنىغا يېقىن يولاتمايدۇ، جىنايەتچىنى سوراق قىلىش پەرىشتىنىڭ ساقىيىش سەپىرىگە ھەمراھ بولىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ گۈزەل پەرىشتىنىڭ چېھرىدە بالىلارغا خاس ئىللىق تەبەسسۇم قايتا جىلۋە قىلالامدۇ-يوق؟ بۇنى فىلىمدىن بىلگەيمىز.
4. كېپىنەك
(蝴蝶 Le Papillon (2002
دۆلىتى: فرانسىيە
پۇرچاق نومۇرى: 8.6
5. يەتتىنچى نومۇرلۇق كامېر
(7号房的礼物 7번방의 선물 (2013
7-beon-bang-ui seon-mul
دۆلىتى: كورىيە
پۇرچاق نومۇرى: 8.7
قىسقىچە مەزمۇنى:
1997-يىلى، ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەر لى يوڭگو ئوماق قىزى يېسوڭ بىلەن بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشايتتى، تۇرمۇشى ئاددى-ساددا غورىگىل بولسىمۇ بىراق بەختلىك ئىدى، بىر كۈنى يوڭگو قىزىغا سومكا ئېلىپ بېرىمەن دەپ بىر باسقۇنچىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالىدۇ، ئۇ ئەقلى كەمتۈك ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇ دېلودا ئۆلگۈچى ساقچى باشلىقىنىڭ قىزى چىقىدۇ، نادان ھەم دۆت يوڭگو بىلىپ بىلمەي تۈرمىگە سولىنىدۇ، يەتتىنچى نومۇرلۇق كامېرغا ئەتكەسچى، باسقۇنچى، بۇلاڭچى، قورقۇتۇپ كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلغۇچىدىن ئىبارەت ھەر خىل جىنايەتچىلەر سولىنىدۇ، يوڭگونىڭ بالىلارچە پاك قەلبى بۇ بىر كامېردىكى «ئەسكى» لەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار خەتەرگە قارىماي يوڭگو ئاتا-بالىنى كۆرۈشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.....
6. ئوۋچى
(狩猎 Jagten (2012
پۇرچاق نومۇرى: 9.0
7. ئۆسمۈرلۈك چاغلار\بالىلىق
(少年时代 Boyhood (2014
پۇرچاق نومۇرى: 8.5
8. كىچىك بالا
(小男孩 Little Boy (2015
دۆلىتى: ئامېرىكا
پۇرچاق نومۇرى: 8.1
9. دادا ۋە ئوغۇل
(我的父亲,我的儿子 Babam ve Oğlum (2005
پۇرچاق نومۇرى: 9.1
دۆلىتى: تۈركىيە
قىسقىچە مەزمۇنى: مۇخبىر سادىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن كۈنى، يەڭگىشكە ئاز قالغان ئايالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرالماسلىق سەۋەبىدىن كۆپ قانسىراپ كېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى دېڭىز بىلەن ئۇ تۈرمىگە قامىلىپ ئېغىر كۈلپەتلەرگە دۇچار بولىدۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن سادىق بالىسى ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ بارىدۇ، بىراق سادىقنىڭ دادىسى ھۈسەيىن سادىقنى گېپىمگە كىرىپ دېھقانچىلىق ئۆگەنمىدى دەپ ئۇنى كەچۈرمەيدۇ، ئاپىسى ئاتا-بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئارىدا پايپېتەك بولىدۇ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازابلارنى ئۇنتۇپ ئەمدى بىر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەي دېگەندە قۇرۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك ئىش بولىدۇ.....
10. چاڭجىياڭ 7-نومۇر
(长江七号 (2008
دۆلىتى: شىياڭگاڭ
پۇرچاق نومۇرى: 6.3
قىسقىچە مەزمۇنى: شىياۋخو ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان بىر نامرات بالا، گەرچە ئۇ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بولسىمۇ بىراق بايلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەسخىرىسى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، شىياۋخو دادىسى بىلەن بىر ئەسكى تاشلاندۇق ئۆيدە تۇرىدۇ، دادىسى بالىسىنىڭ ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياخشى كۈنگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، ئادەتتە شىياۋخو بەك گەپ ئاڭلايدىغان ياۋاش بالا، تەنتەربىيە دەرسىدە تەنھەرىكەت ئايىغى بولمىغانلىقتىن دائىم ئوقۇتقۇچىدىن جازا يەپ تىل ئاڭلايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ دادىسىدىن پەقەت ئاغرىنمايدۇ، بىر قېتىم ھەممە بالىلار ئوينىغان ئويۇنچۇقنى دەپ دادىسىغا خاپا بولىدۇ، دادىسى ئۇ ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرەلمىگەچكە ئەخلەت دۆۋىسىدىن بىر شارنى تېپىپ ئەكېلىپ بېرىدۇ، كىم بىلسۇن بۇ ئادەتتىكى شار توپ بولماستىن بەلكى ئۇ شوخ ، ئوماق، ئۆزگىرەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ئالەم بوشلۇقى ئىتى چىقىپ قالىدۇ، شىياۋخو خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭغا «چاڭجىياڭ 7-نومۇر» دەپ ئىسىم قويىدۇ،
بۇ فىلىملەردىن تاللانما:
|