ئىسمى: | ئۇرۇش يىللىرىدىكى باندىتلار، يەنە بىر ئىسمى: باتۇر بولىبار | خەنزۇچە ئىسمى: | 战国群雄 | دۆلىتى: | رۇسىيە | تۈرى: | ھەركەتلىك، ۋەقەلىك، ئۇرۇش | تىلى: | رۇس | يېزىقى: | ئۇيغۇرچە | فورماتى: | RMVB | ۋاقتى: | 2009-يىللار | IMDb: | يوق | رازمېرى: | 396*720 | سىغىمى: | 647m | ئۇزۇنلىقى: | 131 مىنۇت | باش رولچىلار: | رىژېسسور: Vladimir Bortko
ئارتىستلار: Bogdan Stupka ... Andriy
弗拉基米尔•弗多维琴科 Vladimir Vdovichenkov ... Ostap
Mikhail Boyarsky ... Moisei Shilo
Vladimir Ilyin ... Kurennoy | قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: | كازاكلار شەرقى ياۋروپا (ئوكرائىنا،جەنۇبى رۇسىيە) يايلاقلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.تارىختا باتۇر جەڭچى ۋە كامالەتكە يەتكەن چەۋەنداز دىگەن نامى بار. | كازاكلار شەرقى ياۋروپا (ئوكرائىنا،جەنۇبى رۇسىيە) يايلاقلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.تارىختا باتۇر جەڭچى ۋە كامالەتكە يەتكەن چەۋەنداز دىگەن نامى بار.
كازاكلار 17-ئەسىردە رۇسىيە ئىمپىريىسىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى بىلەن شەرققە كېڭەيگەن. ۋە شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچۇلۇقنىڭ ئاساسى كۈچىگە ئايلانغان.13-ئەسىردە بىر قىسىم سىلاۋيانلار( رۇس سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى) موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ داۋامى بولغان قىپچاق خانلىقى (ھازىرقى تاتار،ئۇزبېكلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى) نىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىقىدىن قېچىپ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دون دەريا ھاۋزىسلىرى،دېنپىر دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كەڭ رايۇنلارغا كۆچۈپ كەلگەن.15-16-ئەسىرلەردە قىپچاق خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن يەنە بىر قىسىم شەھەر نامراتلىرى،يانچى بولۇشنى خالىمىغان رۇسلار ۋە ئوكرائىنا دىخانلىرىمۇ جەنۇبى رۇسىيەگە كۆچۈپ كەلگەن.مانا بۇ كىشىلەر «كازاك» دەپ ئاتالغان. بىزچە «ئەركىن ئادەملەر» دىگەن مەنىدە.كازاكلار روسىيەنىڭ جەنۇبىدا بىرنەچچە يەرلىك ھاكىميەتلەرنى قۇرغان. شەرقى ياۋروپادا تۈزلەڭلىك كۆپ،تاغ ئاز بولغاچقا كازاكلار شۇ يەردىكى دەريالارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.مەسىلەن: دون كازاكلىرى،ئۇرال كازاكلىرى(ھەممەيلەن ئۇرال تاغلىرىنىڭ تۈركى مىللەتلەرنىڭ يەنە بىر ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز).دىگەندەك. رۇس تارىخىدا كازاكلار باتۇر جەڭچى دەپ ئاتالغان.شۇڭا چار پادىشاھ يۇقۇرى تەبىقە كازاكلىرىدىن پايدىلىنىپ، كازاكلارنى باشقۇرغان ۋە چار پادىشاھنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئاساسلىق ئۇرۇش قورالى سۈپتىدە پايدىلىنىلغان.(چۈنكى رۇس،كازاكلار ئۆزىگە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۈرۈك،تاتارلارغا ناھايتى ئۆچ). رۇسلار سىبىريەگە كېڭىيىشىدىمۇ كازاكلارغا تايانغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن، ئاز بىر قىسىم كازاكلار بولشىۋېىك ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئارمىيسىگە قاتناشقاندىن سىرىت، كۆپ قىسىملىرى ئەكسىيەتچى ئاقلار ئارمىيسىگە قاتناشقان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كازاك ئەسكەرلىرى ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىتالىنگىراد ئۇرۇشىدا ناھايتى زور جاسارەت كۆرسەتكەن.يەنە بىر قىسىملىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئارمىيسىگە ئاسىلىق قىلغان. ھازىرقى كازاكلار ئايرىم بىر مىللەت ھىساپلانمايدۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى ئورتاق گەۋدىسىنى ساقلاپ قالغان. 2005-يىلى رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن «رۇسىيە كازاكلىرىنىڭ مەجبۇرىيتى» تەكلىپ لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، كازاكلارنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغدىماقچى بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى شولوخوۋنىڭ داڭلىق رومانى « تىنچ دون» ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىنكى دون كازاكلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋېرلىگەن رومان.
كازاكلار ئۇيغۇرلارغا ئانچە ناتونۇش ئەمەس. شىنجاڭنىڭ سىياسى سەھنىسىدىمۇ بۇ مىللەت ئالاھىدە ئارتسىت سۈپتىدە رول ئالغان. مەيلى ياڭ زىڭشىننى ئاغدۇرۇش ئويۇنى بولسۇن، ياكى «ئاپرىل» ئۆزگىرىشى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن شنجاڭغا قېچىپ چىققان كازاكلارنىڭ قولى بار ئىدى. يەنە مەخمۇت مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە قېچىشى، ئابىدىنىياز-ماخۇسەن بىرلەشمە قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇشتىمۇ ئالتايىسكىلار (سوۋېت ئارمىسيسىنىڭ شىڭشىسەيگە ياردەم بەرگەن قىسىمى) بىلەن كازاكلارنىڭ مۇھىم «تۆھپىسى» بار.
![]()
![]()
![]()
![]()
1.چۈشۈرۈش
2.چۈشۈرۈش
3.توردىلا كۆرۈش:
qvod://678975606|89D9BB5BA246ED3A56F557D3CFF1DB4E9434885B|Taras bulibar-akburkut.com.rmvb| |