بەزىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ كىنو كۆرسىڭىز، دادىڭىز ياكى سىز ئاستا قوپۇپ چىقىپ كېتىسىز، ياكى بۇ كىنونى ئۆچۈرۈۋېتىسىز، ئۇنداقتا كىنونى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ھەلەق ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە كۆرگىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ
كىنو نەچچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ؟ قايسى دەرىجىدە بولسا ھەلەق كىنوغا ھېساب، قايسى دەرىجىدە بولسا ھەممىباب كىنولار تۈرىگە كىرىدۇ؟
بىزدە رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو تەستىقلاش ھەيئەتلىرى بار، ئامېرىكىدا ئۇلارنىڭمۇ تەستىقلاش تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگىنى بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى (The Motion Picture Association of America)، قىسقارتىلىپ MPAA دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا بىر مەخسۇس كىنونى دەرىجىگە ئايرىيدىغان ھەيئەت بار
لېكىن ئۇنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ، بىزنىڭ تەستىق ھەيئەتلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغىنى-- بىزدىكىلەر تاماشىبىننى ھېچنېمىنى كۆرگىلى قويمايدۇ، ئامېرىكا ھەيئەتلىرى 17 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇننى كۆرگىلى قويمايدۇ
شۇڭلاشقا MPAA كىنونى دەرىجىگە ئايرىشقا مەسئۇل، ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارغا قانداق كىنونى كۆرسىتىشنى بەلگىلىشىگە ياردەم قىلالايدۇ
ئۇلارنىڭ دەرىجە ئايرىش سىستېمىسى مۇنداق بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ-- G,PG,PG-13,R,NC-17قاتارلىقلار
(G(General Audiences
ھەرقانداق تاماشىبىننىڭ كۆرۈشىگە ماس كېلىدۇ، مەزمۇنى پاكىز، زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى يوق دېيەرلىك ئاساسەن كارتون شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بەلكىم بۇنداق فىلىملەردىكى ئەڭ قوپال سۆز قالايمىقان ئوسۇرما دېگەن سۆز بولۇشى مۇمكىن
ئاشپەز چاشقان دەل شۇنىڭ مىسالى
(PG(Parental Guidanc
ئاتا-ئانىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا كۆرىدىغان كىنولار، بەلكىم يېنىك مەينەت سۆزلەر بولۇشى، كاسىسى ئوچۇق، ھەم كاسىسىغا تەپكەندەك يېنىك زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى بار كىنولار
PG-13
13 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا كۆرىدىغان كىنولار، ئاجايىپ مەينەت گەپ سۆزلەر، فاك دېگەندەك، ھەم زوراۋانلىق قىلمىشى بالىلارغا يېتەكلەش ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ قالىدىغان
(R(Restricted
چەكلىنىدىغان دەرىجە، 17 ياشتىن تۆۋەنلەر چوقۇم ئاتا ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا كۆرۈشى كېرەك، بەلكىم جىنسى مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر بار بولغان، بەدىنى ئوچۇق ھەم قورال تۇتۇپ دۇچۇكۇ دۇچۇكۇ قىلىپ ئېتىشىدىغان زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى چىقىشى مۇمكىن
رەسىم بەرمىسەممۇ ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلىپ چۈشۈنىۋېلىڭلار
(NC-17(No Children 17 Or Under
كىنوخانىلاردا قويىدىغان ئەڭ قاتتىق دەرىجە، 17 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېلىتىنى سېتىشقىمۇ بولمايدۇ، ئەمدى بۇنىڭدا ئاجايىپ ھەلەق كۆرۈنۈشلەر بار، ئۇ ئىشنى قىلىدىغانلار ئىككىلا ئەمەس، بەلكى تۆت بەش كىشى بىر بولۇپ.......، ئانىڭدىن كېيىن ئادەم ئادەم يەيدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ تۈردىكى كىنولارغا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى يېقىن يولاتساق بولمايدۇ
دېمەك ئۆيدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ كىنو كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئاستا كومپيۇتېرنى ئېچىپ توردىن ئاقتۇرىمىز، بۇ قايسى دەرىجىگە تەۋە كىنو دەپ، ئانىڭدىن كېيىن بىللە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا قورساق ئاغرىمىسىمۇ ھاجەتخانىغا يۈگۈرەيدىغان ئىشتىن خالى بولالايمىز
|