Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

ئىگىسى: ئاققىر
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاققىردىن 20 كىنو (6)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
76#
ۋاقتى: 2016-2-12 15:58:27 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت!!!
77#
ۋاقتى: 2016-2-12 16:28:21 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ياخشى .....
78#
ۋاقتى: 2016-2-12 17:22:48 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت                          
79#
ۋاقتى: 2016-2-12 18:24:53 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ ‹چەتئەللىك تۇتقۇ› ‹قۇياش سىرىك ئۆمىكى› ئىككى كىنونىڭ 9 مىنۇتلۇق يىرىلا چۇشۇدىكەن
80#
ۋاقتى: 2016-2-12 18:45:30 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
81#
ۋاقتى: 2016-2-12 22:11:05 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىكالىق كىنو
82#
ۋاقتى: 2016-2-12 23:20:47 | ئايرىم كۆرۈش
ھىندىستاننىڭ كىنوسىمۇ باركەن دە
83#
ۋاقتى: 2016-2-13 02:22:01 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇلۇت ئاتلىسى دىگەن كىنونى كۆرگەندىن كىيىنكى تەسىراتىمنى شۇ كىنو ئىلان قىلىنغان كۆزنەكنىڭ 8-بېتىگە يوللاپ قويغان ئىدىم،بۇكىنونى كۆرگۈچىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ياردىمى بولار دىگەن ئۈمۈتتە بۇيەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويدۇم.
ئەسەردىكى بىرپۈتۈن ۋەقەلىك زاكىرى نىڭ بالىلارغا سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ھىكايەزامان تەرتىۋى بويىچە 6 بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان.1-ھىكايە 1849-يىلى جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندىكى مەلۇم ئارالدا باشلىنىدۇ.خاسكىمور نىڭ كۈيئوغلى ئادام(يىۋىن ئەپەندى)قېيناتىسىنىڭ قورۇقىنى كۆزدىن كەچۈرىۋىتىپ بىرقۇلنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقنى كۆرىدۇ ۋە شۇۋاقىتتا ئايلىنىپ كىتىدۇ.ئۇنى دوختۇر قۇتقۇزىۋالىدۇ ۋە قۇرۇت چېقىۋالغىنىنى دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارغاندا خەتەر يوقلۇقىنى ئېيتىپ خاتىرجەم قىلىدۇ.ئادام كىمە بىلەن ئۆيگە قايتىدۇ.دوختۇرمۇ بىللە ماڭىدۇ .ئادام قۇرۇت ۋەھىمىسىدە تۇرغاندا ئۇنىڭ ياتىقىغا يوشۇرنىۋالغان قاچقۇن قۇل ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قۇتۇلدۇرۇۋىلىشنى ئۆتىنىدۇ.ئادەم ماقۇل بولىدۇ.بۇقۇلمۇ قۇتۇلۇپ قالىدۇ ئۇ دەل ھېلىقى جازالانغانغا قۇل ئائۇتا بولۇپ قورۇقتىن قېچىپ چىققان ئىدى بۇشەكسىز ئۆلۈمگەلايىق جىنايەت ھىساپلىناتتى ئادام ئادۇۋكات تۇرۇپ يەنىلا ئۇنى قوغداپ قالدى.ئادام داۋالانغانسرى سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كىتىدۇ، دوختۇر ئەسلىدە ئۇنى داۋالىماي.ئاستا-ئاستا زەھەرلەپ .ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىۋىلىش قەستىدە بولغان بولۇپ قاچقۇن قۇل ئائۇتا بۇنى سىزىپ قالىدۇ،دوختۇرنى ئۆلتۈرۈپ ئادامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئادام ئۆيگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ.قەيناتىسىنىڭ قۇل سودىسىنى ياقتۇرمىغاچقا ئۇيەردىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولىدۇ.قەيناتىسىنىڭ توسقىنىغا قارقماي ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئۇنىڭ قەلبىدە قۇللۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىستىگى تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ شۇكۆرەشكە ئاتلىنىدۇ.ئەگەر ئۇ ئائۇتانى قۇتقازمىغان بولسا ئۆزىمۇ ھايات قالمايتى.دىمەك باشقىلارنى قۇتقۇزغىنىڭ ئاخئىرىدا ئۆزەڭنى قۇتقۇزغىنىڭدۇر.2-ھىكايە 1936-يىلى كامبىرىج دا يۈز بىرىدۇ.سېكسمېت بىلەن فىرۇبىشىر جىنىسداش ئاشىقلار،فىرۇبىشىرنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى بىكار كىلىنغان ئىدى ئۇ باقىلارنىڭ تونۇشتۇشى بىلەن ئىدىنبورگ قا بېرىپ قېرى مۇزىكانت ۋېيۋەن ئېلس قا مۇزىكا كاتىپى بولۇپ ياللىنىدۇ.يەنى ئۇھىس قىلغان مىلودىيەنى نوتىغا ئېلىپ بىرىدۇ.ئۇنىڭ بۇيەرگە كىلىشى دادىسىغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش شۇنداقلا مۇزىكىدىكى قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئىدى ئۇ بۇ مەخسىتىگە يىتدۇ ‹‹بۇلۇت ئاتلىسى››دىگەن سىمپونىيە نى يېزىپ چىقىدۇ.ئەخلاقى ناچار بولغاچقا خوجايىننىڭ ئايالىنى ئاشنا تۇتىدۇ،خوجايىن بۇنى بىلىدۇ بىراق ئېغىر ئالمايدۇ ھەتتا ئايالىنى ‹‹ئۇ بىزنىڭ››دەپ بۇئىشنى قوبۇل قىلىدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇزىكىدىنى باشقىسى مۇھىم ئەمەس ئىدى.بۇلۇت ئاتلىسىنىڭ ئاپتۇرلۇق مەسىلىسىدە كىلىشەلمەي فىرۇبىشىر خوجايىننى ئېتىپ ئۆتۈرۈپ قويىدۇ.قېچىپ بىر مىھمانخانىغا يوشۇر نىۋالىدۇ.ياتاق باشقۇرغۇچى ئۇنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ.ئۇئاخىرى چۈشكۈنلىشىپ خوجايىننى ئۆلتۈرگەن تاپانچىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.سېكسمېت ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاننىدىن تاپىدۇ.قاتتىق قايغۇرىدۇ.بۇھىكايىدە قابىلىيەت بولسىمۇ ئەخلاق-پەزىلەت بولمىسا چۈشكۈنلىشىپ ۋەيران بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.3-ھىكايە 1973-يىلى سانفىرانسىسكودا يۈز بىرىدۇ،تېلىسكوپ ژورنىلىنىڭ سىتون يازغۇچىسى لوئىزا رىي لىپىتتا سېكسمېت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ سېكسمېت فىزىكا ئالىمى ئىدى.ئۇ رىي نىڭ دادىسى لەستىر رىي نىمۇ تونۇيتى شۇڭا رىي غا ئۆزىدە بىر ماتىريال بار لىغىنى بىراق خەتەرنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ،توك كىلىپ ئۇلار لىپىتتىن چىقىپ ئايرىلىدۇ،كىيىن سېكسمېت رىي غاتىلفۇن قىلىپ ماتىريالنى بىرىمەن كىلىڭ دەيدۇ رىي كەلگۈچە خوگىس ياللىغان قاتىل سىموك ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ماتىر يالنى ئېلىپ كىتىدۇ،رىي فىرۇبىشىرنىڭ سېكسمېت قا يازغان خەتلىرىنى تېپىۋالىدۇ،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن خەۋەر تاپىدۇ.ئەسلى بىر شزكەت ئاتۇم ئىنىرگىيىسى پىلانىنى يوق قىلىپ ئۆزىنىڭ نىفىت،تەبىگاز سودىسىنى جانلاندۇرماقچى بولۇپ سېكسمېت نى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئاتۇم تەتقىقات نەتىجىسىنى يوق قىلىۋىتىش ئۈچۈ بۇلاپ كەتكەن ئىدى.رىي بۇشىركەتنى تەكشۈرىۋىتىپ بىر قىسىم ئەھۋالنى بايقاپ قالىدۇ،ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا ئىدى.تەلىيىگە ئۇنى شىركەتتىكى چاچ قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ.چاچ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ شىركەتنىڭ بىرقىسىم ئەھۋالىدىن مەلۇمات بىرىدۇ،بىراق چاچ مۇ قەسىتكە ئۇچرايدۇ.رىي قەسىتكە ئۇچىغان بولسىمۇ ئامان قالىدۇ.دادىسىنىڭ دوستى ئۇنى قۇتۇلدۇرغىلى كىلىدۇ ئاخىرى سېكسمېت نىڭ جىيەن قىزى تەمىنلىگەن ماتىر يالنى ئاشكارىلاپ شىركەتنى مەغلۇپ قىلىدۇ.بۇھىكايىدە رەزىللىك كۈچلۈكتەك كۆرىنسىمۇ،ۋەھىمىلىك بولسىمۇ ھەققانىيەت ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقى بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقىسىم كىشىلەر قۇربان بىرىدىغانلىقى ھەققانىيەت يولىدا قۇر بان بىرىشكە ئەرزىيدىغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ.

4-ھىكايە 2012-يىلى لوندۇندا يۈز بىردۇ.مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تىموتى بىلەن دىرموت ئۇچرىشىدۇ،تىموتى دىرموت يازغان ‹‹ساندىۋىچ››ناملەق كىتاپنىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلغىنىنى بىراق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتىبارىغا ئىرشەلمىگىنىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،دىرموت بۇنى ئوبزۇرچى فىرىكىر فىنىچ نىڭ ئەسىرىگە ياخشى باھا بىرىپ قوللىمىغان لىقىدىن كۆرىدۇۋە ئۇنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلتىرىۋىتىدۇ.بۇئىش يۈز بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ كىتابى بازارلىق كىتاپقا ئايلىنىدۇ،تىموتى باي بولۇپ كىتىدۇ،ئۇ ئارزۇيۇمغا يەتتىم دەپ تۇرغاندا باشقىلار ئۇنى 50مىڭ فونتسىتىرلىڭ بىرىشكە قىستايدۇ،ئۇ بۇپۇلنىبەرمەكچى بولىدۇ بىراق بەتخەجلىك قىلىپ بانكىدىكى پۇلىنى تۈگۈتۈپ قويغاچقا پۇلنى بىرەلمەي ئاكىسىدىن ياردەم سوراپ قۇتقۇزىۋىلىشنى ئېيتىدۇ. ئاكىسى پۇل بەرمەيدىغانلىقىنى بىراق ئۇنى يوشۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى دەيدۇ،ئۇ نائىلاج ماقۇل بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.پويىزدا كىتىۋىتىپ قىز دوستى ئورسۇلا بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ،ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ بىراق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئۆيگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي ئاكىسى ئورۇنلاشتۇرغان قۇتۇپ نۇرى مىھمانخانىسىغا بارىدۇ.بۇ مىھمانخانا ئەسلىدە شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمە ئىدى.ئۇ نىڭ پەقەت ئەركىنلىكى بولمايدۇ.تىلفۇن قىلىپ ئاكىسىدىن ياردەم سورايدۇ،بىراق ئاكىسى ئۇجاينى ئۆزى مەبلەغ سالغان جاي ئىكەنلىكى ئەمدى ئۇنىڭ ئەركىنلىكى يوق ئىكەنلىكى سەۋەبى ئايالى بىلەن بولغان ئىشىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.ئەسلىدە ئۇ ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەنمۇ يۈرگەن ئاكىسى بۇنى بىلىپ قالغان ئىدى.ئۇ نائىلاج ياتاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيەردىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ.بۇيەردىكى تىموتى ئاجىز تىپ بولۇپ ھىچبىر ياخشى ئىش ياكى يامان ئىشنى مۇستەقىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،پەقەتلا باشقىلارنى كۇشكۇرتۇش ئارقىلىق ئۆز مەخسىتىگە يىتىدىغان ئادەم ئۇنىڭ ھىچقانداق كۆرەش نىشانى يوق،دوسلۇق قېرىنداشلىق،ئاشىقلىق ھىسياتىمۇ سۇس ئۆزى خوشاللىق تاپسىلا بولدى.
5-ھىكايە 2144 يېڭى سىئولدا يۈز بىرىدۇ.ئارخىپچى بىلەن سۇڭ ئاتا مىھمان سارىيىنىڭ كۈتكۈچىسى شىڭمىي نىڭ سۆھبىتىن بىز شىڭمىينىڭ كىلون ئادەم بولۇپ زامانىۋى دۇنيادا بارلىققا كەلگەن قۇل ئىكەنلىكنى ئۆزىنىڭ ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ كۆرەش قىلىپ ئاخىرى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكنى بىراق ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئىددىيىسىنىڭ ئارخىپچىنى قايىل قىغانلىقنى بىلىمىز.دىمەك بۇيەردە ھاياتتىكى مەخسەت ھاياتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى بايان قىلنىدۇ.
6-ھىكايە ئىنسانىيەت خاراپلاشقاندىن كىيىنكى 106- يىلى ھاۋايدا يۈزبىرىدۇ.زاكىرى بولسا جىلغىدا قوي باقىدىغان پادىچى كۆڭلىدىكى ئالۋاستى قېرى جىك نىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالماي قورقۇنۇچتا ياشۋاتقان ئادەم ئىدى.بىر كۈنى قوي بېقىۋاتسا سىڭلىسىنىڭ ئىرى ئادام ۋە ئوغلى جونا ياۋايى قەۋىم كورنىرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ ئوزۇقىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.زاكىرى ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى خالىسىمۇ قورقۇپ مۆككەن جايىدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىگە كۆزىنى پاقىرىتپلا قاراپ تۇرىدۇ.جىلغىدىكى كىشىلەر ئادام بىلەن ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى زاكىرىدىن كۆرىدۇ،بۇنىڭغا پەقەت روسسى بىلەن كەنجىتلا ئىشەنمەيدۇ.ئەۋلىيا سۇپىسىنى ئىزدىگەن شىڭمىي يادرۇ يېقىلغۇلۇق ئۇچار كىمىنى ھەيدەپ بۇيەرگە كىلىدۇ مەخسىدى يول باشلىغۇچى تېپىش ئىدى.زاكىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ زاكىرى نىڭ ئۇنى بۇيەردە تۇرغۇزغۇسى كەلمىسىمۇ كائىننىڭ سۆزى بىلەن ئۇنى ئېلىپ قالىدۇ بىر قاتار بىشارەتلەر توغرا چىقىدۇ.كەنجىتنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىغاندا زاكىرى شىڭمىينى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ ساقايتالىسا ئۆزى يول باشلىغۇچى بولىدىغانلىقىنى دەيدۇ،كەنجىت ساقىيىدۇ،زاكىرى يول باشلاپ خەتەرلەرنى يېڭىپ ئەۋلىيا سۇپىسىنى تاپىدۇ بۇئىنسانلارنىڭ كائىنات بىلەن ئالاقىلىشىش ئورنى ئىدى.زاكىرى بىلەن شىڭمىي ئەركىنلىك ئىددىيى تارقىتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان شىڭمىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ سىن خاتىرىسىنى كۆرىدۇ،بۇۋاقىتتا شىڭمىينىڭ ئۆلگىنىگە 900يىل بولغان ۋاقىت ئىدى.زاكىرى ئۆيگە قايتىدۇ كىلىپلا يۇرتىنىڭ كورنىرلارنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغىنىنى روسسى ۋە يۇرىتداشلىرى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ كەنجىت مۆكىۋىلىپ ئامان قالغان، بىرقاراقچى ئۆيدە ياتاتتى .زاكىرى ئۇنى بوغۇزلىۋىتىدۇ ئۇ غەزەپ ۋە غەيرەتكە كەلگەن ئىدى.باشقا كورنىرلارمۇ كىلىدۇ ئالۋاستى پەيدا بولۇپ ئۇنى قورقۇتىدۇ.بىراق ئۇ قورقۇنچنى يېڭىپ كورنىرلار بىلەن ئېلىشىدۇ.شىڭمىينىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ جاسارىتىگە تايىنىپ كورنىرلارنى يوقىتىدۇ.
ئۇنىڭ بالىلارغا ھىكايە سۆزلەپ بەرگەن ۋاقتى شىڭمىي بىلەن باشقىلارنى ئېلىپ يەرشارىدىن ئايرىلىپ باشقا پىلانىتتا ھايات كەچۈرىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان شىڭمىي بىلەن ئائىلە قۇرۇپ نەۋرىلىك بولغان يەرشارىنى سېغىنىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىدىغان بوۋايغا ئايلانغان ۋاقتى ئىدى.
ئاساسى ۋەقەلىك 1-ھىكايە بىلەن باشلىنىپ 1-ھىكايە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ۋەقەلىكلەر گىرەلىشىپ كەتكەن شۇڭا مۇرەككەپ تۇيغۇ بىرىدۇ.پۇرسىناژلارنىڭ قىياپىتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ خۇددى كىشىلەر زامان ھالقىپ  ياشىغاندەك، بۇنى كىنونىڭ ئاخىرىدىكى رەسىمدىنمۇ كۆرەلەيمىز.ھىكايىنىڭ باغلىنىشى بولسا ئۆتمۈشتىكى ھەممە ئىشلار زاكىرى نىڭ چۈشىدە ئايان بولغان،بەلكى بىراخمان دىنى ۋە بۇددا دىنىدىكى روھنىڭ يەريۈزىگە قايتا چۈشۈپ ياشاش ئەقىدىسى بويىچە زاكىرى قايتا-قايتا ھەرخىل زاماندا ھەرخىل روھى ھالەتتە تۇغۇلغان ئادەم بولىشىمۇ مۈمكىن بۇئەسەرگە دىنى كۆزقاراشلار بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەن دىتاللىرىمۇ سىڭدۈرۈلگەن.
ھىكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئۆزئارا زىچباغلىنىش ئارقىلىق ئىنسانى ئەخلاق-
پەزىلەت،ھەققانىيەت،ئەركىنلىك،باراۋەرلىكنىڭ ئىنسانىيەت روھىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بىرىلگەن.مەن پەقەت كىنودىن ھىس قىلغىنىمنى يازدىم،مەخسىدىم پىكىرئالماشتۇرۇش،كۆپ سۆزلەپ قويغىنىمنى كەچۈرۈڭلار.
84#
ۋاقتى: 2016-2-13 02:49:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھۇرمەتلك ئ‍اققرئۇستاز
85#
ۋاقتى: 2016-2-13 02:53:51 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
يەنەكنوبولسايوللى غانبولس
86#
ۋاقتى: 2016-2-13 10:11:53 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ھە بەلەن كىنولار باركەن
87#
ۋاقتى: 2016-2-13 11:46:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۆرۈپ باقاي  دېگەن
88#
ۋاقتى: 2016-2-13 12:17:25 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت
89#
ۋاقتى: 2016-2-13 13:18:09 | ئايرىم كۆرۈش
  ۋا ۋا      نىمانداق  تىز     
90#
ۋاقتى: 2016-2-13 13:33:27 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت بۇلۇت ئاتلىسىنى ئاخىرى كۈرەلەيدىغان بولدۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 06:12 , Processed in 1.342978 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش