ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يىڭى تەرجىمە فىلىمنىڭ نامىنى بېكىتەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق بۈركۈت ئەھلى

بىز بۇرۇن كۆرۈپ ئۆتكەن قايناق ھېسسىياتقا تولغان تېزلىك 7 ، ھەرە قاتارلىق فىلىملەرنىڭ رېژىسسورى جەيمىس ۋان (James Wan) نىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرسى بولغان Insidious يۈرۈشلىكى 3بۆلۈمىنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ تەھرىرلەش باسقۇچىغا كىردى. (قورقۇنۇشلۇق فىلىملەرنىمۇ سىغىنىپ قالدىڭلار ھەقىچان)، ئەمدى مۇنبەرداشلار بىرلىكتە بۇ قورقۇنۇشلۇق فىلىمنىڭ نامىنى بېكىتىۋەتسەك.
بۇ فىلىمنىڭ خەنچە ئىسىملىرى 潜伏/儿凶(港)/ 阴儿房،阴魂守舍(台) مۆكمەك، بېكىنمەك، يوشۇرۇنماق، كىرىۋالماق... دېگەندەك مەنىلەر چىقىدىكەن، فىلىم مەزمۇنىمۇ ئىنگىلىزچە ئىسمىمۇ مۇشۇ مەنىلەرگە يىقىن كىلىدۇ، لېكىن بۇلارنى فىلىم نامى قىلىپ بېكىتىشتە قىينىلىپ قالدىم، شۇڭا بىرلىكتە بۇ فىلىمگە مۇۋاپىق ئىسىمدىن بىرنى قويىۋەتسەك. ئەلۋەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ئىسىمنى تاپالىغانلارغا دوللار مۇكاپات بار .




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار36

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەرۋاھ سايىسى دېسىچۇ
دىۋان
يېڭسارى ۋاقتى: 2016-1-5 00:04:28 | ئايرىم كۆرۈش
خەتەرلىك ھۇجىرا ياكى زۇلمەتلىك ھۇجىرا دىسەك قانداق بولار بەزى ئىسىملىرىمۇ كىنونىڭ بەزى رەسىملىرىمۇ مۇشۇ ئىسىمغا ئاز تولا ماس كەپ قالدىكەن
يىكەنداز
 ئىگىسى| شۇڭقار ۋاقتى: 2016-1-5 00:22:16 | ئايرىم كۆرۈش
يېڭسارى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 00:04
خەتەرلىك ھۇجىرا ياكى زۇلمەتلىك ھۇجىرا دىسەك قانداق بو ...

بىشىدا مەنمۇ شۇنداق ئىلىشنى ئويلاشقان ئەمما فىلىم مەزمۇنىنىڭ ھۇجرا ياكى ئۆي بىلەن دېگەندەك مۇناسىۋىتى يوق .
گېلەم
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2016-1-5 00:37:09 | ئايرىم كۆرۈش
يوشۇرۇن ئەرۋاھ، بولسا بولامدۇ
كىگىز
سەردار. ۋاقتى: 2016-1-5 00:37:24 | ئايرىم كۆرۈش
مۆكۈنۈۋالغۇچى قاتىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كىنوچى1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 00:43  

تۈركچىدە ruhlar bölgesi يەنى روھلار رايۇنى دەپ ئاپتۇ. بىزمۇ شۇنداق ئالساق قانداق؟
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
شۇڭقار + 30 كىيىن بولسىمۇ

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +30

داق يەر
ArmanimI ۋاقتى: 2016-1-5 03:57:30 | ئايرىم كۆرۈش
روھلار رايۇنى ماۋۇ مۇۋاپىقكەن.
مىخ
arkan2010 ۋاقتى: 2016-1-5 11:23:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۆكتۈرمە، توزاق، قاپقان.....
(مەنغۇ كۆرمىگەنلا كىنوكەن بۇ....فىلىم مەزمۇنىغا ئاساسەن قانداقراق ناملارنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز؟)
9#
arkan2010 ۋاقتى: 2016-1-5 11:26:25 | ئايرىم كۆرۈش
sehrayim يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 03:57
روھلار رايۇنى ماۋۇ مۇۋاپىقكەن.

روھلاردىن دېگەندىن ئەرۋاھلار دېگەن ياخشىدەك!
10#
arkan2010 ۋاقتى: 2016-1-5 11:36:52 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: 阴险的; 隐伏的,潜在的; 暗中为害的; 狡猾的;
بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، كۆرۈنمەس ئەرۋاھ، يوشۇرۇن ئەرۋاھ...
قاملىشارمۇ؟
11#
dilmurat ۋاقتى: 2016-1-5 11:40:08 | ئايرىم كۆرۈش
كۆرمىگەن فىلىمكەن، ۋەقەلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىڭىز قىيلىنىپ قالماسكەنمىز.
12#
جەك ۋاقتى: 2016-1-5 12:07:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسلى مەنبەدە رايۇن توغۇرلۇق گەپ بولمىغاندىكىن ئىسمنىمۇ ئەسلى ھالىتى بۇيىچە ‹‹ بىكىنۋېلىش›› دەپلا قويساق مۇۋاپىقتەك كۆردۈم.
13#
 ئىگىسى| شۇڭقار ۋاقتى: 2016-1-5 12:13:21 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوچى1 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 00:40
تۈركچىدە ruhlar bölgesi يەنى روھلار رايۇنى دەپ ئاپتۇ. بىزمۇ ش ...

مەن تەرجىمىدە بۇ «روھلار رايونى» دېگەننى «چەت جاي» دەپ ئالغان، فىلىم ئىسمىنىمۇ شۇنداق ئالساق بولغۇدەك .
14#
abdusala ۋاقتى: 2016-1-5 12:22:58 | ئايرىم كۆرۈش
(تۈندىكى قارا كۆلەڭگە) دەپ ئالساق
بۇ فىلىمنىڭ 1 بۆلۈمىنى ئۇرۇمچى تىلۋىزيە ئىستانسى تەرجىمە قىلغان ئۇلارمۇ شۇنداق ئاپتىكەن
بەك ئىسىل كىنوبۇ   
http://uyntv.cntv.cn/2015/04/01/VIDA1427861017971917.shtml
15#
 ئىگىسى| شۇڭقار ۋاقتى: 2016-1-5 12:24:21 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 11:36
بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: 阴险的; 隐伏的,潜在的; 暗中为害的; 狡猾的;
بۇلارد ...

بۇ فىلىمدە چىقىدىغان غەلىتە نەرسىلەر يوشۇرنىۋالمايدۇ، ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ئۇلارنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ، فىلىمدە كۆپ تىلغان ئىلىنىدىغان يەنە بىر «چەت جاي» دەپ ئاتىلىدىغان يەر بار، بولمىسا مۇشۇنداقلا ئالايمىكىن دەيمەن ، بىر تۇرۇپ قورقۇنۇشلۇق فىلىمگە ماسلاشمىغاندەك ھېس قىلىپ قىلىۋاتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

6پىنتوزىلىرى

45تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1