ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

مەڭگۈلۈك ئارال توغرىسىدا پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
983 3
ahsaxum ۋاقتى: 2013-1-11 10:39:34 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
يېققىندا جاپالىق تەرجىمانلىرىمىزنىڭ قولىدىن نادىر فىلىملەر ئارقا - ئارقىدىن خەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ ، مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەشنا دىللىرىنى قايتا باشتىن يايرىتىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەپتە بۇرۇن بىز بىلەن ئۇچىراشقان مەڭگۈلۈك ئارال فىلىممۇ كۆپۈنچىمىزگە ياقتىغۇ دەيمەن ، بۇ فىلىمنىڭ سىرلىقلىقى 1-بۆلۈمنىڭ ناھايتى چۈشۈنۈكسىز ئاخىرلاشقانلىقىدىلا بولماي ، بىزنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغىنى پېتىر راستىنلا ئۆلدىمۇ دىگەن سۇئال بولۇپ قالدى .
كىنونىڭ ۋەقەلىكى شۇنداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بىراق كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىشى ۋە چېنىپ قېلىشى كىنونىڭ سۈپىتىگە ئاز بولمىغان تەسىر كۆرسەتكەن ، بىراق بۇ تەسىر كۆرسىتىشلەر كىنونىڭ بىزنى قىزىقتۇرشىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ ئويلۇدۇم .
كىنو بىر قاراقچىلار پاراخۇتىدا باشلىنىدۇ ، ئەنە شۇ پاراخۇت مەڭگۈلۈك ئارالنىڭ تۇنجى مېھمانلىرى بولۇپ قالىدۇ ، بىراق كىنونىڭ داۋامى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . كىيىن ئوغۇرلۇق ۋەقەسى باشلىنىدۇ .  بۇ ئوغۇرلۇق ۋەقەسى شۇنداق ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ بىراق چېنىپ قالغان ، ھالقىلىق پەيىتتە پېتىر كاللىسىنى ئىشلىتىپ بۇ ئوغۇرلۇق ۋەقەسىدە تۇتۇلۇپ قالغان دوستىنى قۇتقۇزغان ، ئەنە شۇ ېاقىتتىلا پېتىرنىڭ مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەققىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىگىلى بولىدۇ . ئۇلار كونا بۇيۇملارنى سېتىش دۇكىنىغا ئوغۇرلۇققا كىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك ئارالنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان يۇملاق شارچىغا ئېرىشىدۇ ، بىراق ئھتىياتسىزلىقتىن جېممي شارچىنى قولىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ ئۇلار مەڭگۈلۈك ئارالغا بېرىپ قالىدۇ ، كىيىن پېتىرمۇ شارچىنىڭ سىرىنى ئۇققاندىن كىيىن ئۇمۇ بارىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەڭگۈلۈك ئارالنىڭ دەسلەپكى مېھمانلىرى تولۇق كېلىپ بولىدۇ . ئۇلار تولۇق كەلگەندىن كىيىنلا ئارالدىكى ۋەقەلەر باشلىنىدۇ ، بۇ ئارالنىڭ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان يېرى شۇكى ئارالدا يەنە ئۇچۇپ يۇرۇيدىغان بىر خىل ئادەملەر ياشايدۇ ، ئۇلار قانداقسىگە ئۇچالايدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئۇچالىشى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئارالدا قېلىپ قېلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولالايدۇ ، چۈنكى ئۇلار شۇ ئۇچۇشنىڭ سىرىنى ھازىرقى دۇنياغا ئېلىپ كەلمەكچى . پېتىر بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ئارالدىن قايتىپ كەتمەكچى ، ۋە قايتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى .
ئارلىقتىكى ۋەقەلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ يەرگە يەنە بىر سىرلىق ئادەم كېلىپ قالىدۇ ، بۇ ئادەم ئەسىر ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ياسىغان قەلئەسى ، ۋە سىرلىق بولغان بەزى كۆرنۈشلەرنى بىزگە سوۋغا قىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ( راست ئۆلىدىمۇ ياكى ئىككىنجى بۆلمىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەمدۇ بۇنى بىلمىدىم ) . پېتىرمۇ ئەنە شۇ سىرلىق قەلئەدە ئۆز دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ ، بىراق كۆپ ئۆتمەي ئۇمۇ بىر ئۇقۇشماسلىق سەۋەبى بىلەن ( مەن شۇنداق چۈشەندىم ) قاراقچىلارانىڭ كاتۋېشنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئۆلىدۇ . راست ئۆلدىمۇ ياكى ئىككىنجى بۆلىمىدە بىز بىلەن يەنە يۈز كۆرشەمدۇ ، بۇنىسى نامەلۇم .

ئىشنى قىلىپ ئىككىنجى بۆلىمىنى كۆرۈشكە شۇنداق ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىمەن ، بەلكىم مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن . ئاۋۇ ئالبىننى يەيدىغانغا شۇنچىلىك باھانە تاپالىدىم . باھانەم قانداقراق بولدى يەنە سىلەرنىڭمۇ ئاز بولمىغان باھانەڭلەر شۇ ئالبىننى يىيىشكە يېتەمدۇ يوق ، قېنى باھانەڭلەرنى سىلەرمۇ دەڭلار بىرلىكتە ئىزدىنىپ شۇ باھاننى راست ئىشقا ئايلاندۇرايلى !
قاتناشقانلار سانى 2نومۇر +30 دوللار +45 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 30 + 15
باياۋان + 30 خورازدىكى خو

باھا خاتىرىسىجەمئىي : نومۇر +30 دوللار +45

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار3

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
باياۋان ۋاقتى: 2013-1-11 14:42:48 | ئايرىم كۆرۈش
نىمىشقىكىن مۇشۇ كىنونى كۆرۈپ بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چۈشەندۈرۈپ يازماقمۇ بىر ھۈنەركەن دېسە! بەزىدە شۇنداق يازغۇم كېلىدۇ لېكىن چۈشەنگىنىمنى ئىپادىلەپ يېزىپ بولالماي كېتىمەن

ما باھانە نەق جايىدا بوپتۇ
يىكەنداز
چانا ۋاقتى: 2013-1-13 06:47:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئىككىنجى بۆلىمىنى كۆرۈشكە شۇنداق ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىمەن
گېلەم
love642 ۋاقتى: 2017-4-19 20:36:45 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ھازىرغىچە كۈرەلمەي ئاۋارە بۇ كىنونى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

4پىنتوزىلىرى

95تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1