Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1043|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سۈرئەت ۋە ھېسسىيات 8 دىن قەشقەرچە تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر

     كىنو كۆرۈشنى بەزىلەر تۇرمۇشنىڭ لەززىتى دەپ بىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش دەپ بىلىدۇ، يەنە بەزىلەر كىنو ئارقىلىق دۇنيا قارىشىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى كۆتۈرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن بىز كىنو كۆرىۋاتىمىز. قەشقەردە بىر نەچچە كىنوخانىلار بار. ئۈرۈمچىگە باققاندا سۈپىتى يامان ئەمەس.  " شاھلار ئالتۇن قەدەھتە سۇ ئىچىدۇ، بەزىلەر ساپال تاۋاقتا سۇ ئىچىدۇ، مەيلى نېمىدە ئىچسۇن پەقەت ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ...." دېگەنگە ئوخشاش بىر ئەقلىيە سۆز بولىدىغان.
    بەزىلەر كىنونى ئۆيىدە كۆرىدۇ. بەزىلەر ئىشخانىسىدا كۆرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىككى كويغا ئونبەش كىنونى بىر ئولتۇرۇپ كۆرىۋىتىدۇ. كىنونى كىنوخانىدا كۆرىدىغانلار شاھ لەززىتىدە كۆرىدۇ.
    گەپنى يىغساق شىنجاڭ ۋاقتى بويىچە 4-ئاينىڭ 13- چېسلا كەچ سائەت ئون يېرىم بىلەن قەشقەر تارىخىدا ئاجايىپ كاتتا بىر كىنو كۆرۈش بولدى. چۆلدەرەپلە تۇرىدىغان كىنوخانىلار ئەزەلدىن بۇنچە كۆپ كۆرۈرمەننى كۈتۈۋالمىغان. ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشمىگەن دوستلار كۆرىشىۋالدۇق. بۇ كىنونى بۈگۈن كۆرگىلى كەلگىنىمىز بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ۋە پىسخىكىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇق.
   كىنونىڭ بېشىدىكى تەنناز قىزلار. ئەبجاق ماشىنىنى كەينىچىلاپ ھەيدەپ، مۇسابىقىدە ئۇتۇدىغان ۋە ئىززەت ھۆرمەت ھەممىدىن ئېزىز بىلىدىغان مەزمۇن بىزنى يىگىتلىكتە، ئەرچىلىكتە نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. كىنو ئىككى سائەتلىك بولغىنى بىلەن ئەمما نۇرغۇن مەزمۇنلارنى سىغدۇرىۋەتكەن بولۇپ، ۋەقەلىكى زىددىيەت توقۇنىشى ناھايىتى جىددىي. كىنودا نۇرغۇن پۇل كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدۇق. ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. مەن ئۆزۈم ھېس قىلغان بىر نەچچە جەھەتتە ئاددىي پىكىرىمنى دېگۈم كېلىپ، ئەتىگەن دە بارماقلىرىمنى كۇنۇپكا تاختىسى قويدۇم.
   خەلقئارادا ئۇر-ئۇرغا قالغان روسىيە. روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قوماندانىنىڭ قولىدىن يادرو بومبىسى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق بېرىدىغان چامانداننى تارتىۋالغىچە قوغدىغۇچىنىڭ ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۋالغان قۇرالدا ئەتراپدىكى ماشىنىلارنى ۋەھشىيلەرچە ئوققا تۇتقانلىقىدىن روسلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. روسىيەنىڭ قار مۇز بىلەن قاپلانغان رايونىدىكى مۇھىم بازىسىنى ئىشغال قىلىشتىن ئۇلارنىڭ قىسمىلىرىنىڭ ۋەتىۋەرتىكىنى چىقرىۋىتىشى روسىيە قانچىلىك زاڭلىق قىلغانلىقىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
   ئەسەردىكى تېخنىلىك ئامىللار. بىرلا ۋاقىتتە نەچچە مىڭ ماشىنىنى ئادەمسىز ھالەتتە ھەيدەپ  ئىشلىتىشى ، بىنادىن تاشلانغان ئېسىل ماشىنىلارنىڭ كونتىرول قىلىدىغان تېخنىكا بىزنىڭ ئادەمسىز ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ پات ئارىدا ئومۇملىشىدىغانلىقنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
   كىنونىڭ يۇمۇرىسىتىكلىقى ئىلگىرى ئىشلەنگەن سۈرئەت ۋە ھېسسىيات فىلىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. باشتىن ئاخىرى كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
    ئاخىرىدا بىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى بولسا ئائىلە ۋە نىكاھ مۇقەددەسلىكى. باش پېرسوناژ ئۆز ئائىلىسى ۋە پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى بولىدۇ. مۇھەببەت تەسۋىرلىرى يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدۇ. بىزنىڭ ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئولتۇرغان تاماشىبىنلار سەلبىي ئايال پېرسوناژ ۋۇ بۇزۇق، پاسكىنا ...... ئەپسانە گەپلەرنى بىلەن تىللاپ چىقتى. ئاغىنە بۇرادەرچىلىكتە نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمدەمدە بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق.
مەن ئەمدى نېمە دىيىشنى بىلمىدىم، يەنە تاققا تۇققۇ سۆزلىگۈم كەلمىدى. ئەمما ئېسىل فىلىملەرنى تۇنجى قېتىم ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىشىلىرىڭىز بىلەن بىللە كۆرسىڭىز ئالەمچە ھوزۇر ئىكەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2دوللار +60 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 30
تۇغتېكىن + 30 ئوغال!!!

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى2 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2017-4-15 20:42:16 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوخانا نوسخىسى بولسىمۇ كۆرگەچ تۇرساق...................................
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-4-16 14:35:32 | ئايرىم كۆرۈش
قاچان تەرجىمىسى چىقار؟
گېلەم
ۋاقتى: 2017-4-16 17:55:02 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رايونىمىز ئىچىدىكى كىنوخانىلارغا قويغان كىنولارنىڭ ئاۋازى ئۇيغۇرچىمۇ ياكى؟
كىگىز
ۋاقتى: 2017-4-16 18:22:01 | ئايرىم كۆرۈش
بەيدۇ توربىتىدە بارئىكەن لىكىن بەك سۈزۈك ئەمەس،  كىنوخانىدا توردىن ئالسا ئاران33 يۈئەن، (قەشقەرنىڭ) يەنىلا كىنوخانىدا كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-4-17 00:06:47 | ئايرىم كۆرۈش
shevchenko يوللىغان ۋاقتى  2017-4-16 18:22
بەيدۇ توربىتىدە بارئىكەن لىكىن بەك سۈزۈك ئەمەس،  كىنوخ ...

سىزمۇ قەشقەردىنكەنسىزدە ! پىيادىلەر كوچىسىدىكى كىنوخانىنىڭ تازا مەسلىھەتى يوقكەن ! ئاۋدۇ كىنوخانىسى نوچىكەن يەنىلا قىمممەت بولسىمۇ !!!!!!!
داق يەر
ۋاقتى: 2017-4-20 13:27:08 | ئايرىم كۆرۈش
nur719 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-17 00:06
سىزمۇ قەشقەردىنكەنسىزدە ! پىيادىلەر كوچىسىدىكى كىنوخ ...

ئوۋدۇ نىڭ ھەقىقەتەن ياخشى. مۇھىمى ئۈچ د  كۆزەينىكى نوچى..
پىيادىلار كوچىسىدىكى كىنوخانىغا مەن كۆنۈپ قاپتىمەن.  قايسى 6-7 دوستىمىز بىللە كۆرگەن. بېلەتنى توردىن 28 كويدىن ئالدۇق.....
مىخ
ۋاقتى: 2017-4-27 01:22:29 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ خوتەندە كىنوخانا سالىدىغان ئورۇن تاپالمىغاچقىمىكىن كىنوخانا يوق
9#
ۋاقتى: 2017-5-28 11:41:55 | ئايرىم كۆرۈش
سەردار. يوللىغان ۋاقتى  2017-4-27 01:22
ماۋۇ خوتەندە كىنوخانا سالىدىغان ئورۇن تاپالمىغاچقىمى ...

كىنوخانىدىن بىرەرنى سالىدىغان گەپمىكى بوشلۇقنى تولۇقلاپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:11 , Processed in 1.285403 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش