Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 942|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەخلەت فىلىمدىن يىراق تۇرۇپ ۋاقىتنى قەدىرلەيلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ھازىر فىلىم ساھەسىدە ئەخلەت دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا بىرىنچى بولۇپ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى نىگۇلاس بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ بەش يىل مابەينىدە بىر-بىرىدىن ئەخلەت فىلىملەرنى تاللاپ رول ئالغان، بەلكىم ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى باردۇ، ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتىپ بەرگىسى كېلىپ قالغاندۇ، ئەمدى تۆۋەندە يېقىنى مەن كۆرگەن ئەخلەت فىلىملەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن، بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكىنىمدەك ئادەمنى فىلىمگە قىزىقتۇرىدىغىنى فىلىمدە چىققان ئاكتىيور بىلەن فىلىمنىڭ مۇقاۋىسى، فىلىم چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇيدىغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپمۇ ھازىرقى ھورۇنلىشىپ كېتىۋاتقان جەمئىيتىمىزدە، شۇنداق قىلىپ پېقىر ئاكتىيورنى دەپلا مانداق بىر فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم... Jason Statham!

  بۇ ئاداشنىڭ كىنوسىنى قوغلىشىپ كۆرىدىغانلار بۇ مۇنبەردە بىرلا مەن ئەمەسقۇ دەيمەن، تۆۋەندە بىز فىلىم مۇقاۋىسىغا كۆز يۈگۈرتەيلى...



فىلىم نامى Spy، جاسۇس دېگەن مەنىدە، ئەمما خەنچىگە ئۆرىگەندە، مەندەكلەرنى بىلەلمەي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمىسۇن دەپ، 女间谍 دەپ ئالدىغا ئايالنى قوشۇپ قويغان بولسىمۇ، مەن ئەخمەق بولۇپ، جېسوننى دەپلا قاق ئىككى سائەت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ، ھېلى چىقا، مانا چىقا دەپ يۈرۈپ 120 مىنۇت ئالتۇندەك ۋاقتىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، كىنودا چىققان باش پېرسوناژ ئۇنىڭ ئاچىسىمۇ ياكى يۈزى بار ئەرباپمۇ بىلمىدىم، يىقىلغان، ئەخمەق بولغان، سەت گەپ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان رولنى ھارغۇچە ئويناپتۇ ئەمما يىغساق ئۇنىڭ فىلىمدە چىققان كۆرۈنىشى 3 مىنۇتقا يەتمەيدۇ، ئادەتتە ئەمدى بۇنداق تەكلىپلىك رول ئوينايدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا فىلىم مۇقاۋىسىنىڭ يېرىمى ئىگىلىگەن جېسونغا ئىشىنىپ ۋاقتىڭلارنى ئسراپ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن يۇقارقى گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن.

  ئەمدى غەيۋىتىنى قىلىدىغىنىم دۆلىتىمىز ھېكايە فىلىمى 横冲直撞好莱坞، ھوللىۋود سەرگۈزەشتىسى، ئادەتتە دۆلىتىمىز ھېكايە فىلىملىرىنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيدىغان مەن بۇ فىلىمنى قانداق كۆرۈپ قالدىڭ دېسەڭلار، گەپنى بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋەقەگە ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئوخشاشلا بۇرۇنمۇ ھىندىستان فىلىملىرىغا قىلچە قىزىقىشىم يوقتى، كىچىك ۋاقتىمدا گاڭگانىڭكىنى ئاشخانىلاردىن مارىلاپ كۆرگىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەمما ئۈچ ئەخمەق 三傻大闹宝莱坞 دېگەن فىلىم ھېندىستا فىلىملىرىگە بولغان قارشىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇ ئىككى فىلىم قارىماققا شۇنداق يېقىن، ئىسمىدىن تارتىپ مۇقاۋىسىغىچە...



  فىلىم مۇقاۋىسىغا شۇنداق قارايدىغان بولساق، جاۋېي، توڭ داۋېي، خۇئاڭشىياۋمىڭ قاتارلىق دۆلتىمىزنىڭ ساپ يەرلىك ئاكتىيورلىرى تۇراتتى، بۇلاردىنغۇ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيتتىم، ئەمما يېقىندىن بۇيان شىياڭگاڭ فىلىملىرىدە ئازتولا نەتىجلىرىنى كۆرگەن، كۆرەيمۇ، كۆرمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرغىنىمدا بىزنىڭ ئۆينىڭ خانىشىنى بالىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ چىقىپلا، كۆرۈپ باقىلى، شىياۋيەنزى چىقىدىكەن دەپ ئېسىلىپلاۋالدى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئاشۇ مەلىكە خۈئەنجۇدىن باشقا فىلىملىرىنى ئانچە كۆرۈپ باقمىغان جاۋۋېينىڭ فىلىمنى كۆرۈشكە باشلىدىم، كىنو باشلىنىپ بەزىبىر قىلىقلىرىغا خوتونۇم تېلىقىپلا قالدى، ئەمما پېقىرنىڭ ئۇيقىسى كېلىپ ئەتىگە داۋامىنى ئېلىپ قويدۇق، بىر كۈن ئۆتسە ئۇنتۇپ كېتىدىغۇ دەپ ئويلاپ تېلېۋىزورنى ئېچىشىمغىلا، تۆنۈگۈننىڭ داۋامى دەپ تۇرىۋالغان خوتۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشقا باشلىدىم، ھەرھالدا كىنودا مېنى ۋۇييۇ دېگۈزگىدەك يەردىن بىرسى چىقتى، ئۇ بولسىمۇ، يېقىندا ئوت بولغان يۈرۈشلۈك فىلىملەردە رول ئالغان، گەرچە 7 دە ئۆلۈپ چىققان بولسىمۇ، بىزنىڭ ياقتۇرىشىمىزغا ئېرىشكەن ھېلىقى كورىيىلىك خەن سەلبىي ئوبراز بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە ئەسنەشكە باشلىدىم، ئۇلار راست ھوللىۋودتقا كەپتۇ، ئەمما خاتىمىسىنى بوللىۋودچە ئاخىرلاشتۇرغان قىلىقى يەنزىگە ئامراق خوتۇنۇمىغىمۇ ياقماي قويدى.

  شۇڭا ھەرقايسىڭلارنىڭ يۇقارقى ئىككى فىلىمگە ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆرسەڭلار تۆۋەندىكى فىلىملەرنى كۆرۈڭلار...

  Jurassic World يۇرا دەۋرى


دىنوزاۋور چىقسا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرەمدىكىن دەپ قالماڭلار، كۆرۈش ئۈنۈمى فانتازىيىچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ...

Insurgent ئىختىلاپچى 2: قايتۇرما ھۇجۇم


  بۇ فىلىمنىڭ بېرىلگەن باھاسىغا قاراپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭلار، بۆلۈملۈك كىنولارنىڭ بەزىلىرى بار ئالدىنقى بۆلۈمىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان، بۇ بۆلۈمى بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋامى بولالايدۇ، مۇشۇ فىلىمنى كۆرۈشكە سەۋەبچى قىلغان ئاققىركامنى يەنە بىر سېغىندىم، ئاكا بىر ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىڭە...


哆啦a梦 伴我同行


ياپونىيە كارتونچىلىقىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم، فىلىم ۋەقەلىكى ئاددىي بولغان بىلەن كىشىگە بېرىدىغان ئاكتىپ تەسىرى لىققىدە...!



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى1 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-7-30 12:06:29 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئىنكاس قوشۇپ قوياي: ئەخلەت فىلىملەر ھەققىدە دۆلىتىمىز ئىشلىگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلىنىدىغان فانتازىيىلىك، خىيالى تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلماقچىمەن، بۇ فىلىمدە رەگەتكە بىلەن تانكا پاچاقلاش، پوجاڭزا بىلەن قىرغۇچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈش، بىر مۇشت بىلەنلا ئالۋاستىلارنىڭ كۆكرىكىنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىش، 80 نەچچە ياپون ئەسكىرى 8- ئارمىيىنىڭ بىر جەڭچىسىنى ئوققا تۇتۇپ ئوق تەگكۈزەلمەسلىك، لېكىن ئارمىيىمىز جەڭچىلىرىنىڭ تۈكۈرگەن تۈكۈرىكىمۇ زايە كەتمەسلىك ... قاتارلىق بىر مونچە ئاجايىپ غارايىپ كۆرۈنۈشلەر كۆزگە چېلىقىدۇ، بۇنداق خىيالى فىلىملەر ھەققىدە ئىچكىرىدىكى خەنزۇ ئوبزورچىلارمۇ توغرا ئېيتىدۇ، ئاۋۋال جوڭگونىڭ فىلىم ئىشلەيدىغان رىژىسورلىرىنى تارىخ، ئەنئەنە، مىللى مەدىنىيەت ئېڭى قاتارلىق بىر قاتار قەھەتلەردىن تەربىيلەش كېرەك(مەنمۇ قوشۇلىمەن بۇنىڭغا)، ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى، ئەخلەت فىلىملەردىن يراق تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئەيدىسنىڭ ئالدىنى ئالايلى
دىۋان
ۋاقتى: 2015-7-28 09:44:44 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىن كىنو كۆرسەم  چۈشەندۈرشىنى كۆرۈپ ئاندىن كۆرمەن
خەنلەرنىڭ تور بىتى بولاپ قالسا شۇ موقاۋىسنى كۆرەپلا....
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-7-28 10:32:33 | ئايرىم كۆرۈش

ە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشغەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-28 10:38  

رەخمەت سىزگە ياخشى كىنولارنى تەۋسىيە قىپسىز
گېلەم
ۋاقتى: 2015-7-28 12:12:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم ئويلاپمۇ باقمايدىغان ئويلارنى يېزىپسىز،مەنمۇ فىلىم كۆرگەندە مۇشۇ ئىشلارغا ئازتولا تىققەت قىلىپ قويىمەن،تېخىمۇ ياخشى،فانتازىيلىك فىلىملەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز،مەن ئادەتتە (يەرشارى،مارس،تاشقى پىپانت)دىگەندەك مۇشۇ تۈردىكى فىلىملەرگە بەك ئامراق بولسا مۇشۇنداق كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز....Thank You
كىگىز
ۋاقتى: 2015-7-28 13:55:15 | ئايرىم كۆرۈش
گېيوۋنىڭ يېڭى كىنوسى ‹بىرقەدەم يېراقلىق›نىمۇ خېلى ئوبدانلا چىقامدىكىن دېسەم زور مەبلەغ بىلەن ئىشلەنگەن ئەخلەت فىلىمكەن ئەمەسمۇ. ئالدىنقى فىلىمىدەك زوقلاندۇرالمىدى

باھا سۆز

بەك ماختاۋاتقانغۇ ئۇ فىلىمنى بىر ۋاقىت چىقىرىپ كۆرمەكچى ئىدىم تېخى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-28 17:19
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-28 15:30:30 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى   تېمكەن  
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-28 17:19:11 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2015-7-28 13:55
گېيوۋنىڭ يېڭى كىنوسى ‹بىرقەدەم يېراقلىق›نىمۇ خېلى ئوب ...

بەك ماختاۋاتقانغۇ ئۇ فىلىمنى بىر ۋاقىت چىقىرىپ كۆرمەكچى ئىدىم تېخى
مىخ
ۋاقتى: 2015-7-28 23:08:57 | ئايرىم كۆرۈش
قايسى كۈنى بىزنىڭ خەنسۇ بازادىن شۇنداق ئايلىنىپ دەيچىلەرنىڭ يىنىغا كىلىپ قاپتىمەن قارىسام لىققىدە كىنو مەستانىلىرى ، ئاقبۈركۈتنىڭ يىڭى فىلىمى ئۇيغۇرچە خەتلىك دەپ سىتىۋاتىدۇ بالاللا راسگەپ ماۋۇ شاۋ شىپىڭ قىلۋالغان ماز ئىنىم فۇرماتلىۋىتىپتۇ ، نىمدەيدۇ دەپ تىڭشىسام راسلا ئاقبۈركۈتنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمى دەكشەت يىڭى چىققان دەپ جاقىراپ ئۈنى پۈتۈپ كىتىپتۇ ئوغۇرى گۇينىڭ بىرەر نىمە دەي دىسەم يەنە ئەزەلدىن شۇ تەرەپكە ئۆتمەيتىم بۇ ئۆتۈپ سەت ئاچىقىم كەلدى بىر يەلىرى قىززىقارلىق تۇيۇلدى ئامما
9#
ۋاقتى: 2015-7-28 23:43:47 | ئايرىم كۆرۈش
Spy نى بەك ئىنكار قىلىۋېتىپسىز. گەرچە جەيسىن ئازلا يەردە چىقىپ ھەم ئېغىزى يامان پالاكەت بىر رولدا چىققان بولسىمۇ كىنونىڭ كومىدىيەلىك تەرەپلىرى خېلىلا بار.
مەن تۇنجى كۆرگەندە تۇلا كۈلۈپ ھېرىپ كەتكەن. بارماق دىسكىغا ئېلىۋېلىپ يەنە بىر ئىككى قېتىم كۆرۋېلىپ يۇيۋەتتىم.
جەيسىنگە قاراپ ھەركەتلىك فىلىممىكىن دىگەن ئىدىم ئەمما كومىدىيلىك فىلىم ئىكەن.
كومىدىيلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرىزيدۇ

باھا سۆز

بەلكىم بەك ئۈمىدلىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا ئۈمىدسىزلىك شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەيدىغان گەپ ب  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-29 11:57
10#
ۋاقتى: 2015-7-29 02:23:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەخلەت فىلىمنىڭ گىپى چىقسا يىقىندا تىخى ھېيتلىق قىلىپ يوللىغان "قورقۇنۇچلۇق سەرگۈزەشىت" دېگەن كىنو ئېسىمگە كەلدى . ئوچۇق قىلىپ ئىيتقاندا بۇ كىنونىمۇ ئەخلەت فىلىم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ ، ئەمسە ئەخلەت فىلىمنى نېمىشقا تەرجىمە قىلدىڭ دىيىشىڭلار مۇمكىن ، بۇ مۇنداق ئىش :
3يىل بۇرۇن بۇ كىنونى شىنجاڭ 3D مۇنبىرىدە كۆرۈپ قالدىم، مۇقاۋىسىغا ۋە كەسمە رەسىملىرىگە قاراپ خىلى ئېسىل فىلىمدەك ھېس قىلىپ يانفۇنۇمغا 2D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ فىلىمنىڭ بىشىدىكى 5 مىنۇتلۇق يىرىنى (ھىلىقى پىسخىكا سىنىقىنى) كۆرۈپلا بۇ فىلىم ماڭا ياراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن دەم ئىلىش كۈنى بۇ كىنونىڭ خىتى بىلەن سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بىر تەرەپتىن كۆرگەچ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. فىلىمنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارماي تۇرۇپلا قۇرۇق گەپلەر مېنى زىرىكتۈرۈشكە باشلىدى، ئەمما فىلىمدىكى 3D ئۈنۈملەر خىلى يامان ئەمەس بولغاچقا چىداپ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردۇم. كىنو تۈگىگەندىن كىيىن بىر يەرلىرى قاملاشمىغاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزۈمگە پەقەتلا ياقمىدى ، شۇنىڭ بىلەن تەرجىمىسىنى شۇ پىتى تاشلاپ قويدۇم . 1 يىلدىن كىيىن 3D مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسىغا بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمە خىتىنى يوللاپ بەردىم ، ئەمما فىلىم تىخى كىرىشتۈرۈلمەي تۇرۇپلا ئۇ مۇنبەر تاقىلىپ قالدى، مۇشۇ يىل قىشلىق تەتىلدە بىيو-خىمىيە كىرزىسىنى كىرىشتۇرۇپ بولۇپ بىر يوللا بۇ كىنونىمۇ كىرىشتۈرۋەتتىم ،(بەلكىم بەزى تورداشلار فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى فىلىم پىرىسلانغان ۋاقىتقا دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن) بىراق يەنىلا ئېلان قىلغۇم كەلمىدى،  بۇ قىتىم ھېيىتتا قارىسام مۇنبەردە ھېچقانداق يىڭىلىق يوق ، شۇڭا كۆزۈمنى يۇمۇپلا ھېيتلىق قىلىپ يوللىۋەتتىم ، بەلكىم بەزى تورداشلار كۆرۈپ بولۇپ مەندىن رەنجىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن .
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-29 11:57:48 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2015-7-28 23:43
Spy نى بەك ئىنكار قىلىۋېتىپسىز. گەرچە جەيسىن ئازلا يەردە ...

بەلكىم بەك ئۈمىدلىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا ئۈمىدسىزلىك شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ
13#
ۋاقتى: 2015-8-2 02:28:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ جاسۇسنىڭ يامان قىزىق ئىشلەپ قويۇپتۇ دىسە ، ئەمما ئاۋۇ گۇينىڭ ئاغزىغا كېسەكتىن ئىككىنى قويسا ھاجەتخانىنىڭ ئۆزىلا بولىدىغان ئاداشكەن
14#
ۋاقتى: 2015-8-5 18:42:12 | ئايرىم كۆرۈش
كىنو كۆرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن، بۈگۈن بۇرادەرلەردىن كىملەر بار دەپ يوقلاپ كىرسەم خېلى كۆپ بۇرادەرلەر يىغىلىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:07 , Processed in 1.338458 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش