كۈندە دېگۈدەك تور دۇنياسىدا ئارلاپ يۇرۇپ كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى ئۇچرىتىمەن ئەمما چۈشۈرمەكچى بولۇپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چەككىنىمدە ئادرېس ئاللى بورۇن ئۆچۈپ بولغان ياكى مەن تەۋە بولغان رايۇندا نورمال ئېچىلمىغان دېگەندەك بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىۋاتىمەن ، ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر دەرىسلىك تۈزۈپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن ، قىنى ئەمىسە باشلاپ كىتەيلى ….!
1 – باسقۇچ : ماتېرىيالنى ئۆچۈپ كەتمەيدىغان قانداق ھەم بەھىرلەيمەن ؟
ئالدى بىلەن بىز بەھىرلىمەكچى بولغان ماتېرىيالنى تەييارلىۋالىمىز ۋە بەي توردىسكىسىنىڭ سول تەرەپ ئۇستىدىكى ( 主页 ) دېگەن خەتنى چىكىمىز ۋە ئېچىلغان يېڭى بەتتىن بىز ھەم بەھىرلىمەكچى بولغان تۈرنى تاللايمىز ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چىكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
![]()
ۋە بىز يوللىماقچى بولغان ماتېرىيالنىڭ تۈرىنى تاللاپ چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ( 从本地上传 ۋە 从网盘选择 ) ئىككى خىل تاللاش چىقىدۇ ، ئەگەر ماتېرىيالنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ بولغان بولساق ( 从网盘选择 ) دېگەن كونۇپكىنى تاللاپ ماتېرىيالنى ھەم بەھىرلەيمىز ، ئەگەردە ھازىرلا بەيدۇ توردىسكىسىغا يۈكلەپ ئاندىن ھەم بەھىرلىمەكچى بولساق ( 从本地上传 ) دېگەن كونىپكىنى بىسىپ يوللايمىز ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چىكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
ماتېرىيالنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ( 发布 ) دېگەن كونۇپكىنى بىسىپ ئېلان قىلىمىز. ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چىكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
![]()
ماتېرىيالنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى باشقا مەنبەلەرگە ھەم بەھىرلەيمىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ( 复制链接 ) دېگەن خەتنى بىسىپ باشقا مەنبە ياكى باشقا تورداشلارغا ھەم بەھىرلەيمىز . ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چىكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
![]()
مانا ئەمدى بىز ئۆچۈپ كەتمەيدىغان ئۇشبۇ : http://yun.baidu.com/share/link?shareid=3678547930&uk=3663479435 ئادرېسقا ئىگە بولدۇق ( ئەلۋەتتە دۆلىتىمىز قانونىغا خىلاپ ياكى چەكلەنگەن نامدىكى ماتېرىياللار بولمىسىلا بەيدۇ تەرەپ ئۆچۈرۈپ تاشلىمايدۇ ) بىز ماتېرىيالنى ئۆچۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ بولدۇق ئەمدى رايۇنىمىزدا يەنى جەنۇبىي شىنجاڭدا نورمال ئېچىلمايدۇ ، ئەمما يان تېلېفوندا نورمال ئۇنداقتا يان تېلېفوندا ئېچىلغان بولغاندىن كېيىن نېمىشقا كومپىيۇتېردا ئېچىلىدىغان قىلمايمىز ؟ ماڭا قاراپ تۇرسىڭىز بىردەمدە قىلىمىز .. بايا بىز ئېرىشكەن ئۆچۈپ كەتمەيدىغان ئادىرىسنى ماندالا ئۆزگەرتىمىز ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەككە دىققەت قىلغايسىز …! ئەسلى ئادرېس : http://yun.baidu.com/share/link?shareid=3678547930&uk=3663479435 ئۆزگەرتىلگەن ئادرېس : http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=3678547930&uk=3663479435 بەكلا ئاددىي ھاما ! لېكىن بۇنى كۆرۈپ مىنى قاغىماڭلار جۇمۇ ھى ھى ھى ھى ھۆرمەت بىلەن : تىزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسى
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈن
http://tizyol.net/?p=9253
|