Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 3881|ئىنكاس: 47
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چېلىشچى [دانگال]

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-15 13:02  



فىلىم نامى: Dangal
ئۇيغۇرچە نامى: چېلىشچى
خەنچە نامى: 摔跤吧!爸爸\摔跤家族
ئىنگلىزچە نامى:Wrestling Competition
ۋاقتى: 2016-يىلى 12-ئاي
تۈرى: تەرجىمىھال\ۋەقەلىك\تەنھەرىكەت
رايونى: ھىندىستان
تىلى: ھىندىچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
ھالقىلىق سۆز: Dangal
رازمـېــرى: 1920x1080P
سىـغـىــمى:  2.5G
فــورمـاتى: mp4
ئۇزۇنلىقى: 2 سائەت 40 مىنۇت
پۇرچاق نومۇرى: 9.2/10
IMDb نومۇرى: 8.8/10
IMDb ئۇلىنىشى:  http://www.imdb.com/title/tt5074352/
رېژىسسور:Nitesh Tiwari
سېنارىست: Piyush Gupta\Nikhil Mehrotra
تەرجىمان: ئەركان خوتەنى
كىرىشتۈرگۈچى: ياقۇپجان
مۇقاۋىدا: ئۇنۇتما\رازاقجان
روللاردا:

كەسمە سۈرەتلەر:






❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦❦
قىسقىچە مەزمۇنى:
ماھاۋىر سىڭ پوگات ياخشى بىر چېلىشچى بولۇپ، تۇرمۇش ۋە تىرىكچىلىك غېمىدا چېلىشچىلىقتىن ۋاز كېچىدۇ، بىراق ئۇ دۆلەت ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ئېلىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ،
ماھاۋىر سىڭ بۇ ئارزۇسىنى تېخى تۇغۇلمىغان ئوغلىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىمەكچى بولىدۇ، تەڭرى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك ئۇنىڭغا ئارقىمۇ-ئارقا تۆت قىز بېرىدۇ، ئوغۇل پەرزەنت بەرمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ماھاۋىر سىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ، چۈنكى قىزلار چېلىشچى بولالمايدۇ-دە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ قىزى بىلەن ئىككىنچى قىزى بابىتا قوشنىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇرۇپ قاش-قاپاقنى كۆكەرتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماھاۋىر سىڭدا قىزلىرىنى چېلىشچى قىلىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈمىدى تۇغۇلىدۇ، ئۇ قىزلىرىنى جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق، سۆز-چۆچەك ۋە غەيۋەت-شىكايەتلەرگە قۇلاق سالماي ئاخىرىدا قابىل چېلىشچىلاردىن قىلىپ چىقىدۇ، بىراق ئالتۇن مېدال ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەستە؟! ئۇ قىزلار قاتمۇقات مۇسابىقىلەردىن يېڭىپ ئالتۇن مېدال ئالالامدۇ؟ ماھاۋىر سىڭ پوگاتنىڭ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنامدۇ؟ قىززىقسىڭىز فىلىمگە مەرھەمەت!

☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬☬
فىلىم ھەققىدە:
1. چىنلىق
فىلىم ھىندىستاندا راست بولۇپ ئۆتكەن رېئال شەخسلەرنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەقىقىي ۋەقەلىك بەدىئىيلەشتۈرۈپ سېنارىيىلەشتۈرۈلگەن، فىلىمدىكى باش قەھرىمانلاردىن ماھاۋىر سىڭ پوگات ۋە ئۇنىڭ ئالتۇن مېدال ئالغان چېلىشچى قىزلىرى ھازىرمۇ بار. مەزكۇر فىلىمنىڭ چىنلىقنى ئاساس قىلىشى شۇنداقلا مۇسابىقىدىكى چىن تۇيغۇلارنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئېتىشى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش سىرغىتماي قالمايدۇ.....
2. ئىلغار ئىدىيە
فىلىمدا دەبدەبىلىك ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى، ياكى ئاللىقانداقتۇر ئالاھىدە ئۈنۈملەر يوق، ئاددىي بىر نامرات ئائىلە، ھىندىستاننىڭ چەت يىراق بىر يوقسۇل يېزىسى ۋە شۇ يېزىدىكى بىر چىن ۋەقە يېزىلغان، بىراق فىلىم ئۆزى ئاددىيلا بولغىنى بىلەن ئۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان ئىدىيە روشەن ئىلغارلىققا ئىگە بولۇپ، ھىندىستاندىكى « ئەرلەر ئەزىز ئاياللار خار» ۋە « ئەرلەر تالانىڭ ئادىمى، ئاياللار ئۆينىڭ» دېگەندەك كونا قالاق ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇپ يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاياللارنىڭ قولىدىن قازان بىلەن چۈمۈچ تۇتۇشلا كەلمەيلا قالماستىن يەنە ئەرلەر قىلالىغاننىمۇ ئاياللار قىلالايدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە بېشىدا كۆتۈرۈپ ئەزىزلەشتەك ئىدىيەلەر سىڭدۈرۈلگەن.
3. ئەجىر
ھەممەيلەنگە مەلۇم ئامىرخان بۇ فىلىم ئۈچۈن ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىدى، ئالدى بىلەن فىلىم ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقىت ئىككى يىل ئەتراپىدا بولدى ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مۇشۇ فىلىم ئۈچۈن بىردە ئورۇقلاپ بىردە سەمىرىپ قاۋۇل دادا ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىدى، گەرچە ئامىرخاننىڭ فىلىمدا ئالاھىدە چېلىشىش ماھارەتلىرى يوقنىڭ ھېسابىدا بولسىمۇ ئۇ بۇ فىلىمى ئۈچۈن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى،  ئەمەلىيەتتىكى ماھاۋىرسىڭمۇ ناھايىتى تەمبەل قاۋۇل كۈچلۈك ئادەم بولغانلىقتىن ئۇمۇ شۇ ئوبرازغا چۈشۈش ئۈچۈن كۆپ ھەرەج تارتتى، شۇنداق قىلىپ بۇ فىلىم نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە پۈتۈپ روياپقا چىقتى، كۆرۈرمەنلەر كۆرۈپ ھەقىقەتەن ئۇسسىغان يەرگە بارغاندەك تۇيغۇغا كەلدى!
4. نەتىجە
فىلىم جاپا تارتىپ ئىشلەنگەنگە چۈشلۇق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئالدى بىلەن 2016-يىللىق ھىندىستان فىلىملىرى بېلەت كىرىمى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى ياراتتى،  ئۇنىڭدىن باشقا 2017-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى فىلىم جۇڭگودا قويۇلدى، جۇڭگودا قويۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرى بۇ فىلىمنى «ئۈچ ئەخمەق» «پ ك» قاتارلىقلارغا ئوخشاش  بەس-بەستە كۆردى، جۇڭگودىكى بېلەت كىرىمى، بىر مىليارد 200 مىليوندىن ئاشتى، بۇ فىلىم ھازىرمۇ ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇۋاتىدۇ، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن كېيىن ئاندىن كىىنوخانىدىن چۈشىدىكەن،  پۈتۈن يەر شارى ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليونغا يېقىنلاشتى، داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن....
ھىندىستاندا پۈتۈن يەر شارى بويىچە بۇنداق يۇقىرى بېلەت كىرىملىق فىلىم چىقمىقى ئاسان ئەمەس، فىلىمنى كۆپ ئىشلىگىنى بىلەن نەتىجە يارىتالايدىغىنى ئاز ئىدى....
بۇ فىلىم دۆلەت رەئىسىمىز شى جىن پىڭدىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇرغان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئاتايىن «چېلىشچى» فىلىمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى كىنولارنىڭ جۇڭگوغا كۆپلەپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن...
5.تەرجىمە
فىلىم قويۇلۇپ تاراتقۇلار بەس-بەستە فىلىم ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋەرگەچكە كۆپىنچە كۆرۈرمەنلەرنىڭ فىلىمگە بولغان قىزىقىشى ئاشتى، تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسىدە فىلىم جۇڭگودا قويۇلغاندا بېلىتى ياخشى سېتىلدى،  ھەر قايسىى كۆرۈرمەن قارا كۆزلەرنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن تەرجىمىگىمۇ ئالدىراشلا تۇتۇندۇق! باشتا بۇ فىلىمنىڭDVDRIP نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپ پۈتتۈرۈشىمىزگە فىلىمنى كۆكنۇر نۇسخىسى ۋە خېتى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن باشتا تەرجىمە قىلغان نۇسخىنىڭ ۋاقىت ئوقى ماس كەلمەي كۆكنۇر خەتكە چاپلاپ چىقتۇق، شۇنداقلا كىرىشتۈرگۈچى ياقۇپجانمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ دەپ كېچىلەپ فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ مانا بۈگۈن ئېلان قىلىپتىمىز، فىلىمنىڭ ۋاقتى 2 سائەت قىرىق مىنۇت كېسىۋېتىلمىگەن تولۇق نۇسخا بولۇپ بىر نەچچە خەنچە گۇرۇپپىنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەرجىمە قىلىندى!

✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉✉
تەشۋىق فىلىم:


ღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღღ
چۈشۈرۈش ئورنى:


chelishchi 1080p 2016 bluray akburkut.com.mp4.torrent

108.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 858

باھاسى: 30 دوللار  [خاتىرە]

چېلىشچى [دانگال]

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +200 يىغىش سەۋەبى
ئاۋغۇست + 200 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش3 ياخشىياخشى8 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2017-6-14 15:34:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇنۇتما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-14 15:39  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 30 يېقىشلىق!

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
قانداق فىلىمنىڭ ياخشى كىنو بولدىغىنىنى تۇنۇگۇن چۇشەندىم ، فىلىم بەك ياخشىكەن 3 سائەتلىك رۇخشەتتىن پايدىلىنىپ تورخانىدا بۇ فىلىمنى قىززىقىپ كورۇپ كىتىپتىمە بىر چاغدا قارىسام كەينىمدە تۆت ئادەم قاراپ تۇرمامدۇ ، شۇنداق خىجىل بولۇپ كەتتىم ، .ئۇلار كەينىمدە مەندىن بەكراق قىززىقىپ كىنو كورۋىتىپتۇ . بۇنداق ئىشقا پەقەت يولۇقۇپ باقماپتىكەنمە  .  فىلىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن مۇششۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بارلىق جاپاكەشلىرىمىزگە كۆپ تەشەككۇر ھارمىغايسىلەر  .....
گېلەم
ۋاقتى: 2017-6-14 14:34:34 | ئايرىم كۆرۈش
پۇتنى ئالماپ تۇرۇپ ئاۋال دىۋاندا بىر ئولتۇراي!    تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن داڭگالمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئەركان بۇرادەرنىڭ تەرجىمىسىگە كۆپ رەھمەت!  بىلىشىمىزچە بۇ كىنوخانىدىكى كېسىۋېتىلگەن نۇسخىسى بولماستىن بەلكى  تولۇق 160مىنۇتلۇق نۇسخىسىكەن!   مۇشۇنداق سۈپەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ بىزنىئوڭ ھوزۇرلىنىشىمىزغا سۇنغان قولىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!  
فىلىم مەيلى ۋەقەلىك ياكى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشى جەھەتتىن بولسۇن ساقلاپ قويغۇدەك فىلىم . شۇڭا بىرىنجى بولۇپ تارتىنمىدىم ئەمسە!
كىگىز
ۋاقتى: 2017-6-14 15:53:59 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىم ئېسىلكەن، كىنوخانىدا بىر كۆرگەن. قايتا كۆرۈشنى ئاقبۇركۇت تەرجىملىرىگە ساقلىغان ئەلۋەتتە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +1000 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 1000 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-6-14 16:46:10 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنونى كىنوخانىدف  .ئككى قېتىم كۆردۈم  ماڭا  بەك ياقتى  ھازىرقى قويۇلىۋاتقان كىنولار ئىچىدە  دانگالنىڭلا  باھا نۇمۇرى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن فىلىمنى تەرجىمە قىلغان كىرىشتۈرگەن  بۇرادەرلەر  جاپا چەكتىڭلا
داق يەر
ۋاقتى: 2017-6-14 16:54:03 | ئايرىم كۆرۈش
دولار لازىم ئىدى كىم ياردەم قىلىدۇ سېتىۋالاي دىسەم ئۈندىدارغا قوشمىدىڭىز .............

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +210 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 210 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

مىخ
ۋاقتى: 2017-6-14 18:28:03 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەركەنكا ، داڭقىنى  بەك ئاڭلاپ كەتتۇق . بۇ كىنونىڭ،كۆرۈشنى باشلايلى ، ئەمدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +300 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 300 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

9#
ۋاقتى: 2017-6-14 18:39:55 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ئادەمدە كام بۇلۋاتقىنى  مۇشۇ دوللارمۇ   نىمە مەن دوللار سېتۋالمەن   ئەزەلىدىن  دوللار ئېلىپ كىنو كۆرۈپ  باقمىدىم مەن ئاق بۈركۈتتە
كىم دوللار  ساتىدۇ ئەلۋەتتە..

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 100 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

10#
ۋاقتى: 2017-6-14 19:40:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركانكا ماڭا دوللار بىرىڭ ئەمسە كىنو  كۈرۋالاي ،  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 100

باھا خاتىرىسى

11#
ۋاقتى: 2017-6-14 20:14:43 | ئايرىم كۆرۈش
دوللار لازىمتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +210 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 210 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

12#
ۋاقتى: 2017-6-14 21:27:31 | ئايرىم كۆرۈش
قىنى بىر  كۇرەشنى باشلايلى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +60 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 60 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

13#
ۋاقتى: 2017-6-14 22:59:47 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +200 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 200 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

14#
ۋاقتى: 2017-6-14 23:05:25 | ئايرىم كۆرۈش
كىنونىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىشلىنىپتۇ. تەرجىمانلارغا رەھمەت !
15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-14 23:20:17 | ئايرىم كۆرۈش
Sebir يوللىغان ۋاقتى  2017-6-14 23:05
كىنونىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىشلىنىپ ...

چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بولدىڭىزما؟ چۈشۈرەلمىگەن ئىنكاسلار كۆپقۇ! ئەتىگىچە سەۋر قىلىڭلار ئۇرۇق كۆكلىۋالسىلار ئاتتەك چۈشىدۇ!
16#
ۋاقتى: 2017-6-14 23:37:06 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-14 16:20
ئۇرۇق كۆكلىگەنسېرى تېز چۈشىدۇ، توختىتىپ قايتا سىناپ  ...

مەن شۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 100

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 14:04 , Processed in 1.304262 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش