Zoo دېگەننى ھايۋاناتلار دەپ قويامدۇق، خەنچىدە 困兽 دەپ ئاپتۇ، بەلكىم فىلىم ۋەقەلىكىگە قارىتا قويغان ئىسىمدۇ، ئىسمىدىنلا بىلىپ بولدۇڭلار ھەقىچان، بۇ شۇ ئافىرىقىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تېما قىلغان Tv كەن، قانداق بوپ بۇنى كۆرۈپ قالدىڭ دېسەڭلار، يانفونىمغا 2015-يىل 7-ئايلىق Tv لارنىڭ ئۇچۇرى كېپتى، قارىسام كۆرۈش نىسبىتىڭ دەرىجىسى بىرىنچىكەن، شۇڭا بىر قىسىم كۆرۈپ بولۇپلا مۇنبەرگە ۋاتىلدىغىلى كەلدىم...
فىلىم باشلىنىپ بەش مىنۇتلارغىچە ھايۋاناتلار دۇنياسى كۆرۈپ ئولتۇرغاندەك بولدۇم، ئاندىن كېيىن لوس ئانژىلىسنىڭ كوچىسىدا كەچتە ئىككى ئادەم يولدا سىيىپ تۇرۇشىغا ئىككى شىر پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاسىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ كىنو سەل-پەل جىددىي تۈس ئېلىپ قالدى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇلار ئافىرىقىدىمۇ ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ، بۇلارنىڭ قۇتراپ كېتىشىگە زادى نېمە سەۋەبچى بولغان، بۇنى بىر مۇخپىر قىز ئارقا تەكشۈرۈش قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، بىر مەھەللىدە 15 تىن ئارتۇق مۈشۈك يوقاپ كېتىدۇ، نەگىلا قارىسىڭىز مۈشۈك ئىزدەش ئېلانى دېگەننى چاپلىۋەتكەن، بىزنىڭ بۇ يەرلەردە بولسا ئادەم ئىزدەش ئېلانىنىمۇ ئاندا-ساندا كۆرىمىز.
يۇقىرىدىكى رەسىمدە مۇخبىر قىز بىلەن بىر پروفىسسورنىڭ مۈشۈك ئىزدەۋاتقان يېرى، مۈشۈكلەر تېپىلدى، ئەمما ھەيران قالىسىز، ئۇلار بىر دەرەخكە لىققىدە ئولىشىۋالغان، سەۋەبى نېمە؟ ئەلۋەتتە كاللىسى ئىشلىگەن رېژىسسو بۇنى بۇ قسىم ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇنىڭ باشقا يەنە شىر يەۋەتكەن ئېيىبمۇ بار
ئاۋۇ رەسىمدىكى يولداش زەڭگى شۇ، بۇ ئىككەيلەن ئورمانلىقتا پو ئېتىشىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز، بىر ساياھەت ماشىنىسىنى بايقايدۇ، بىنورماللىقىنى سىزىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، شىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ، ئەمما قىسىم ئاخىرىدا بۇنىمۇ بىر دەرەخكە ئېسىپ قويىدۇ، ئاسقىنى ئادەم ئەمەس جۇمۇ باللا، يەنە شۇ شىر...
بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئافىرىقىدا تۇرغىلى 12 يىلدىن ئاشقان، ئاۋۇ يۇقىرىدىكى زەڭگىنىڭ دوستى شۇ، يەنە بىرى ساياھەتچى بولۇپ، ئۆزى يالغۇز شېرىنئايغا كەلگەن، شىر يېمەي ئامان قويغان خوتۇن، بۇلار مىڭ تەسلىكتە قېچىپ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىدۇ، قۇتقۇزۇشما تېزلا يېتىپ كېلىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئاۋۇ ئەرنى تۇتۇپ كېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ...
ئاخىرىدا بۇ فىلىمنىڭ مۇقاۋىسىنى ئوتتۇرغا تاشلاي
بۇ فىلىمگە ھەرقايسىڭلارنى قىزىقتۇرمىدىم جۇمۇ، ئوبراز ۋەكىلىمىكىن دەپ قالماڭلار، شۇ كۆرگىنىمنى سۆزلەپ قويدۇم خالاس، بىرىنچى بۆلۈمى چىقىپ بوپتۇ، 13 قىسىمكەن، نېمىشقا ھەممىسى 13 قىسىم بولىدۇ دېسەڭلار، شۇ ئامراقلىقتىن، باشقا سەۋەبى يوق، خۇددى خەنزۇلار 8 گە ئامراق بولغىنىدەك، كۆرگەنلەر بولسا تەڭ ئورتاقلىشارمىز، خەير ئامان بولۇڭلار.
|