Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 3230|ئىنكاس: 44
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىرلىق رازۋېدكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىرلىق رازۋېدكا

چەتئەلچە ئىسمى: Solace
خەنزۇچە ئىسمى: 通灵神探
باشقا ئىسمى: تەسەللىي بېرىش،  خاتىرجەم قىلىش
تۈرى: ھەركەتلىك، فانتازىيە، شۈبھى، جىنايەت
دۆلىتى: ئامېرىكا
ئۇزۇنلۇقى: 101 مىنۇت
سىغىمى: 1.36 گىبايىت
رازمىرى: 1920*1080
قويۇلغان ۋاقتى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىلى: ئېنگىلىز
يېزىقى: ئۇيغۇر، ئېنگىلىز
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاققىر
مۇقاۋىدا: ئەمەتجان

رېژىسسور: Afonso Poyart
باش رول:

AnthonyHopkins


Colin Farrell


  Abbie Cornish


،Jeffrey Dean Morgan

قىسقىچە مەزمۇنى: "سىرلىق رازۋېدكا" ناملىق بۇ كىنو ئاپتونسو پويارت رېژىسسورلۇق قىلغان، ئوسكار پادىشاھى دەپ نام ئالغان داڭلىق ئارتىست ئانتونىي خوپكىنىس ۋە ئالتون شار خاقانى كولىن فاررېل ئاساسلىق رول ئالغان كىنو بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ، ھازىر ۋە ئۆتمۈشنى كونترول قىلالايدىغان دوختۇر ۋە قاتىلنىڭ ئاخىرى تار يولدا ئۇچرىشىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان ئەھۋالى بايان قىلىنغان. كىنو ئىنتايىن زىددىيەتلىك بولۇپ، ئارىمىزدىن قاتىلنى قوللايدىغانلارمۇ، ياكى ساقچىنى قوللايدىغانلارمۇ چىقىشى مۈمكىن...گەرچە بىز تەبىئى ھالدا ساقچىنى قوللىساقمۇ، دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىنودىكى قاتىل قوللايدىغانلارمۇ چىقىپ قېلىشى مۈمكىن...ئۇنداق بولسا كىنوغا مەرھەمەت..
فىلىم كەسمىلىرى:








چېڭ توڭدىن چۈشۈرۈش

بەيدۇ بۇلۇتىدىن چۈشۈرىدىغانلار juxkunjan  بەيدۇ نام بىلەن ياكى 838361006 بىلەن ئالاقىلىشىپ، فىلىمنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى2 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-3-10 13:27:16 | ئايرىم كۆرۈش
كىنودا تەسۋىرلەنگەن گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى ئادەمنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرسە،يۈزبەرگەن قاتىللىق ۋەقەلىرى ۋەھىمىگە سالىدىكەن،قاتىللىق مۇدداسىنىڭ ئېنىقلىنىشىغا ئەگىشىپ قاتىلغا نەپرەتلىنىش تۇيغۇڭىز ئاجىزلاپ قايىللىق تۇيغۇڭىز پەيدا بولىدىكەن.ئىددىيىڭىزدە قاتىلنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ-خاتا؟دىگەن سۇئال تەبىلا شەكىللىنىدىكەن، بىرقارىسىڭىز قاتىل ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلانى ئاغرىق ئازاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇۋاتقان  مىھرىبان،قاتتىق قول پەرىشتىگە ئوخشىسا،بىرقارىسىڭىز باشقىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان،روھى كىسەل قاتىلغا ئوخشايدۇ.
باش قەھرىمان جون بىلەن قاتىلنىڭ ھەرئىككىلىسىلا ئالاھىدە سىزىمىغا تايىنىپ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە،جون قاتىلنى ئاخىرى ئۆلتۈرۈپ قاتىللىقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، بىراق جونمۇ قىزىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي قىزىنى دورا بىلەن ئۆلتۈرگەن"مىھرىبان قاتىل" ئىدى.ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا ئۆز قىزىنى ئۆلتۈرىشى مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئازابلىق شەكىلدە ئىپادە قىلىنىشى ھىساپلىنىدۇ،شۇنىڭدىن كىيىن جون بارلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ تەنھالىق ئىچىدە قىزىنى ياد ئىتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ،ئۇنىڭ ھاياتى تولىمۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ،ئۇنىڭ باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە كۆزىدىكى ئاچچىق ئەلەم بۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
بىز ئويلايمىز" ئەگەر مەنمۇ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولسام ساقىيىشتىن ئۈمۈت بولمىسا جېنىم قىينالغۇچە ئۆلۈپ كىتىشنى تاللايتىم'' شۇڭا قاتىلنىڭ قىلغىنى توغرا دەپ،مىنىڭچە بۇخىل قاراش توغرىدەك كۆرۈنگەن خاتا قاراش چۈنكى ھىچكىمنىڭ ھەرقانداق بانا-سەۋەپ بىلەن باشقىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىش ھەققى يوق(ياشاش ئازاپلىق بولسىمۇ)، شۇڭا قانۇنمۇ،دىنمۇ،ئەخلاقمۇ ئادەم  ئۆلتۈرۈشنى چەكلەيدۇ ،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2دوللار +15 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 10
زەفەر01 + 5 دەششەت !

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2016-3-9 23:57:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋال كۆرەي كىمنى قوللايمەنكىن.
دىۋان
ۋاقتى: 2016-3-9 22:38:55 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ھەجەپ ياخشى زىرىكمەيدىغان بوپتۇق ، ھارمىغايسىز.
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-3-9 22:52:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركام يامانلىشىپ كىتىپ بارىدىغۇ بارغانسىرى........
گېلەم
ۋاقتى: 2016-3-9 23:04:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 22:52
ئاققىركام يامانلىشىپ كىتىپ بارىدىغۇ بارغانسىرى........

شۇڭا دەيمەن، مەن تېخىچە يېڭى ئېلان قىلىنغان 3.4 فىلىمنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ھېرىپ كېتىپ بارىمەن. مەكتەپ تورىنىڭ قوتالىقىدىن، سىلەر توختىماي چىقىرۋاتسىلەرغۇ تاڭ فىلىملەرنى........
كىگىز
ۋاقتى: 2016-3-9 23:08:02 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:04
شۇڭا دەيمەن، مەن تېخىچە يېڭى ئېلان قىلىنغان 3.4 فىلىمن ...

ئۇنداقتا ئۆيىڭىزگە تور تاتسىڭىز بولدىكەنغۇ .
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-9 23:13:14 | ئايرىم كۆرۈش
زەفەر01 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:08
ئۇنداقتا ئۆيىڭىزگە تور تاتسىڭىز بولدىكەنغۇ .

مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن....
داق يەر
ۋاقتى: 2016-3-9 23:37:50 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:13
مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن....

مەنلا  ئەمەسكەنمەن ئۇقۇغۇچىلاردىن

باھا سۆز

سىلە مەكتەپتە ئوقۇۋېرىڭلا بىز كىنونى كۆرۈپ بوپ سىلەگە سۆزلەپ بىرەيلى(سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-10 01:49
مىخ
ۋاقتى: 2016-3-9 23:38:44 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ رازۋىتكا جاسۇس ھۈججەتلىك كىنۇغا ۋەھشى ئامراق  ،  كۈپرەك  بۇلسىئۆئەن  دەيمەن .
9#
ۋاقتى: 2016-3-9 23:39:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلگىرى سۈنزىنىڭ ھەربىي دەستۇرى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇردىغان دۇنياۋىي كىتاپ دەپ ئاتالغان  سۈنزىنىڭ ھەربى دەستۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىتاپنى ئوقۇغانتىم. شۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىتاب بولدىغان ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇ كىتاپتا جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشى توغرا دىگەن ئىددىيە ئالدىغا سۈرۈلۈپتىكەن، ئەگەر ئادەم شۇ كىتاب قائىدىسى بويىچە تەپەككۇر قىلسا جىنايەتچىنىڭ قىلغىنىنى توغرا دەپ قالدىكەن.... بۇ كىنودىنمۇ بەكراق قارىسا جىنايەتچىنىڭكىنى توغرا دەئپ قالغۇدەك
10#
ۋاقتى: 2016-3-9 23:55:42 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:04
شۇڭا دەيمەن، مەن تېخىچە يېڭى ئېلان قىلىنغان 3.4 فىلىمن ...

ئاۋۇ مۇقاۋىدىكى چاقماقنى ئىنىق چىقارماي خەتنىڭ ئاشۇ يىرىگە چاقماق شەكىلدە ئىنىقراق قىلىپ دەز چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز تىخىمۇ پەچچەت چىقاتتىكەن لىكىن ھازىرمۇ جۈدەيەن پەچەت چىقىپتۇ!
12#
ۋاقتى: 2016-3-10 00:06:14 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:55
ئاۋۇ مۇقاۋىدىكى چاقماقنى ئىنىق چىقارماي خەتنىڭ ئاشۇ  ...

ھەجەپ بۇ يادىمدىن كەچمەپتۇ دېسە، ئەسلى مۇقاۋىدا ئاشۇنداقراق بىر قىزىل رەڭلىك ئۈنۈم بار ئىكەنتۇق. مەن شۇنىڭغا ئاساسەن ئالغان ئىدىم. سىز دېگەندەكمۇ ئۆزگەرتىپ باقسام بولغۇدەك......
13#
ۋاقتى: 2016-3-10 00:07:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۆرەخان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:37
مەنلا  ئەمەسكەنمەن ئۇقۇغۇچىلاردىن

سىزمۇ ئوقۇغىچىمۇ، ئۇنداقتا ھەمراھتىن بىرسى پەيدا بولۇپتۇ.......
14#
ۋاقتى: 2016-3-10 01:13:37 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈتچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 01:14  
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:55
ئاۋۇ مۇقاۋىدىكى چاقماقنى ئىنىق چىقارماي خەتنىڭ ئاشۇ  ...

ما  كىنوغا   ھەشقىپىچەكتەك    چاپلاشقىنىم چاپلاشقان

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
نامسىز01 + 100 ئۆتنە

باھا خاتىرىسى

15#
ۋاقتى: 2016-3-10 01:27:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۆرەخان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:37
مەنلا  ئەمەسكەنمەن ئۇقۇغۇچىلاردىن

ھازىرقى ستيۇدىنتلار بەك بەختلىك جۇما!  
   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 13:46 , Processed in 1.359582 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش