بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-6-18 18:53
قورقۇنچلۇق، مەخلۇقات، ئاپەتلىك فىلىملەرگە قىزىقىدىغانلارغا نىسبەتەن 2007-يىلى ئىشىلەنگەن «قويۇق تۇمان»《迷雾》فىلىمى ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدىغان فىلىم ھېسابلىنىدۇ، بۇ فىلىمنى كىنو ھەۋەسكارلىرى كىلاسسىك دەپ باھالىغان.
«قويۇق تۇمان» دا ئامېرىكىنىڭ بىر كىچىك بازىرىغا قويۇق تۇمان ھۇجۇم قىلىدۇ، تۇمان قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى تۇماندا پەيدا بولغان غەلىتە مەخلۇق ئەڭ قورقۇنچلۇق بولىدۇ. غەلىتە مەخلۇق ئادەملەرنى خالىغانچە يەيدۇ، غەلىتە مەخلۇق تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلەر يا ئادەمگە يا جەسەتكە ئوخشىمايدىغان ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ. فىلىمدە قانلىق كۆرۈنۈشلەر بار، سىرلىق غەلىتە مەخلۇق، قورقۇنچلۇق مەنزىرە، تۈپ مەزمۇنى يەنىلا ئادىمىيلىككە سوئال قويۇش، دىندىن گۇمانلىنىش، ئويلىمىغان يەردىن نەتىجە چىقىش دېگەندەك ئامىللار كىنونىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدۇر. ئەلۋەتتە سىتىۋېن كىڭ (ئامېرىكا بازارلىق كىتاب يازغۇچىسى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى-ت)نىڭ رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم ھەر قانداق ۋاقىتتا جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ فىلىمدە «تىرىك مۇردا» دىكى كارولنىڭ رولىنى ئالغان ئاچىمىزمۇ باركەن. فىلىمنىڭ رېژىسسورى يەنىلا «تىرىك مۇردا» نىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ رېژىسسورى، «شاۋشانىكتىن قۇتۇلۇش»《肖申克的救赎》،«يېشىل بىر مىل»《绿里奇迹》 نىڭ رېژىسسورى فىرەنك دارابونت. ھازىرغىچە 10 يىل ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، «قويۇق تۇمان» يەنە بىر قېتىم قېزىپ چىقىلدى. بۇ قېتىم ئۇنى SPIKE تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن 10 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەپ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇلماقچى بولىۋاتىدۇ.(بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى). مەيلى ئالدىن كۆرۈنۈش فىلىمى بولسۇن ياكى ئېلانلىرىدا بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئۈچ خەت بار، Fear(قورقۇنچ)، Human (ئىنسان)، Nature (ئىنسان تەبئىتى)، بۇلار فىلىمنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، قورقۇنچ ئىنسان تەبئىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ دېمەكچى.
تۆۋەندىكى رەسىملەر سەل قورقۇنچلۇق، يۈرىكى ئاجىزلار كۆرمەڭ. تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرسەك، فىلىمنىڭ ۋەقەلىك ئېلمىنىتلىرىنىڭ ھەممىنى ھېس قىلالايمىز، ئەسلى ئەسەر ۋە ئەسلى فىلىمدىكى كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان قانلىق كۆرۈنۈش ۋە غەلىتە مەخلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئېلمىنىت بۇ فىلىمدە چوقۇملا بار. فىلىم تەرەپنىڭ مىكروبىلوگىنىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسىگە قارىغاندا بۇ تىياتىر بۇ يىللىق ئەڭ ئالقىشلىق تىياتىرلارنىڭ بىرى بولىدىكەن. ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپلا قالسا، «تىرىك مۇردا» فىلىمىنىڭ ۋارىسى بولالايدىكەن! فىلىمنى تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، تەسۋىرلەنگەن ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىنچىكە بولىدىغان گەپ، دائىرىسىمۇ فىلىمنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، فىلىمدىكىگە ئوخشاش پەقەت بىر تاللا بازىرىنى چۆرىدىمەيدۇ.
تەشۋىقات فىلىمدىن كۆپچىلىك پاناھلىنىدىغان ئاساسلىق ئورۇننىڭ سودا-ساراي ۋە چىركاۋ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەر-ئايال باش پېرسۇناژ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىركاۋ بىلەن سودا سارايغا قاپسىلىپ قالىدۇ. پوپ فىلىمىدىكى قېرى مومايغا ئوخشاش، ئاخىر زاماننىڭ كەلگىنىگە ئىشىنىدۇ.
تىياتىردىكى بۇ شەخىسنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس فىرەنسىس كونۇرى بولۇپ، «ئامېرىكا قورقۇنچلۇق ھېكايىلىرى»《美国恐怖故事》نى كۆرۈپ باققانلارغا تونۇشلۇق.
بۇ موماي كىنو نۇسخىسىدا ئادىمىيلىكنىڭ نۇرىغا ئوخشاش ئەتراپىنى يورىتىدۇ.
كىنو نۇسخىسىدا بىر ئەسكەر قويۇق تۇمانغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئىچكى ئەھۋالنى بىلىدۇ، تىياتىردىكى قارا تەنلىك ئەسكەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتەك قىلىدۇ.
تەشۋىقات فىلىمدە، بىرەيلەن شۇنداق دەيدۇ:«قويۇق تۇماننىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، ئالىكىستىن باشقا.» ئالىكىس دەل ئەر-ئايال باش-پېرسۇناژنىڭ قىزى.
ئالىكىس ئالاھىدە بولغاچقا، تاللا بازىرىدىكى ئانا-بالا ھۇجۇم قىلىش ئوبىيكتى بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەردە ئادەم تەبىئىتىدىكى ئەڭ رەزىل بىر تەرەپ ئاشكارىلىنىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇنىڭ راستتىنلا ئالاھىدە ئىقتىدارى بارمۇ؟ غەلىتە مەخلۇقنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالالامدۇ؟ تەشۋىق فىلىم ئالىكىسنىڭ غەلىتە مەخلۇق بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرغان كۆرۈنۈشتە ئاياغلىشىدۇ، ھەمدە ئادەمنى زادى قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقتۇرىدۇ.
ئادەمنى تېخىمۇ شۈركەندۈرىدىغىنى ماۋۇ كۆرۈنۈش، ھاشارەتلەر بۇ ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى غەلتە مەخلۇقنىڭ ئادەم تېنىدە كۆپىيىدىغان فىلىملىرى بىلەن ئوخشاپ كېتەمدۇ قانداق؟
سۆزلەپ كەلسەك، تەشۋىشلىك نۇقتىلار خېلىلا كۆپ، ئۇنداقتا فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى كۈتەيلى~ مەنبە: نۇر تورى
http://www.nur.cn/news/2017/06/397795.shtml
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~ يىغىپ ئېيتقاندا تىرىك مۇردىلارنىڭ 7-بۆلۈمىنىڭ پەقەت ئالدىنقى نەچچە قىسىمىلا كۆرۈرمەنلەرنى قىزىقتۇرالىدى، ئەمما كېيىنكى قىسىملىرىدىكى رېتىم بەكلا ئاستا. 8-بۆلۈمىدە بەلكىم رىك گۇرۇپپىسى نېگىننىڭ گۇرۇپپىسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، تاماملىنىشى مۇمكىن. شەخسەن مەن 2011-يىلدىن باشلاپ تىرىك مۇردىلارنى كۆرۈگەندىن باشلاپ، بىر قىسىمنىمۇ قولدىن بەرمەي كۆردۈم. شۇنداقمىكىنتاڭ، ھازىر قەتئىيلا كىنو ياراتمايدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ تىياتىر كۆرگەندە جەزمەن مۇشۇ تىرىك مۇردىلارنىڭ رولچىلىرىغا قويۇلغان تەلەپنى قويۇۋالغاچقىمۇ، تىياتىرلارنىڭ ماڭا يارىمىقى بەك تەس بوپ كەتتى قېنى ئاۋۋال ماۋۇ بىرەر قىسىم چىققاندا قاراپ باقارمىز. ياراپ قالسا ئاق بۈكۈتتىكى تەرجىمانلار بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ماس قەدەم تەرجىمە قىلىپ ماڭسا ئەجەپ ئەمەس.
|