تۆۋەندە يېڭى فىلىم ئامبىرىغا فىلىم تولۇقلاش جەريانىنى ئاددىي قىلىپ سىن ھالەتتە كۆرسىتىپ بەردۇق، ئەلۋەتتە يېڭى فىلىم ئامبىرى پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ، ئالدى بىلەن بېكتىمىزدىكى فىلىم ئامبىرى دېگەن سۆزگە ئېنىقلىما بېرىۋېتەي.
فىلىم ئامبىرى: بېكەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ كىنوخانىمىزدا قويۇلۇپ بولغان فىلىملەرنى تۈرى بويىچە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش.
يېڭى فىلىم ئامبىرى: مەقسەت ئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا يېڭى ئىقتدىدارلار قوشۇلۇپ، يەنىمۇ قېلىپلاشتى.
يېڭلانغان ئىقتدارلىرى:
1. كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قولايلىقلاشتۇرۇپ، بىر قاراپلا كۆرۈۋېلشتەك، بىر كۇنۇپكا بىلەن ئىزدەشتەك ئاسانلىق تۇغدۇرۇلدى.
2. فىلىملەرگە قارىتا ئاددىي ئىنكاستىن كونكىرت باھا بېرىشقا قاراپ يۈزلەندۇق، تورداشلار فىلىملەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا نومۇر قويۇپ باھالىيالايدۇ.
3. بۇرۇن يوللىنىپ بولغان فىلىملەرگە قارىتا ئۇچۇرلىرىنى يېڭلىماقچى ياكى مەنبە تولۇقلىماقچى بولساق، ئايرىم تېما يوللاپ يۈرمەستىن ياكى ئىنكاس قالدۇرۇپ يۈرمەستىن تەھرىرلەپ قويساقلا كۇپاي.
4. يۈرۈشلۈك فىلىملەرنى ۋە ياكى گىگانت چولپانلارنىڭ فىلىملىرىنى ئۆزىمىز خالىغان توپلام قۇرۇپ شۇ جايغا قوشالايمىز.
5. تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان فىلىملەرنى ساقلىۋېلىپ، ئاسانلا تاپالايدۇ.
6. ھەممىنى مەن دەۋەتمەي، قالغىنىنى ئۆزۈڭلار بايقاپ بىر نېمە دەڭلار.
يۇقارقى سىننى كۆرۈپ بولغاندىكىن تورداشلاردا مەلۇم قىزىقىش، ئوي-پىكىرلەر تۇغۇلىشى مۇمكىن، مۇشۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىنكاسلار بولسا مۇنازىرىلەشسەك بولىدۇ.
ئاق بۈركۈت گۇرۇپپىسى تېخنىك بۆلۈمى
2016.03.25
|