- UID
- 16479
- تىزىملاتقان
- 2013-8-25
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 30
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mrdon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-20 10:08
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،يېقىندا تەرجىمە قىلىنغان قىساسكارv ناملىق كىنو ئىلان قىلىنغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قاپتۇ،قارىسام چۈشۈرگەنلەرمۇ 400قېتىمدىن ئېشىپتۇ،فىلىمنى كۆرۈپ ھەرخىل تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇڭلارغۇ دەيمەن،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم.ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام تۇنجى قېتىم بۇ كىنونىڭ ئسمىنى ئاڭلىغاندا ھەم مۇقاۋىسىنى كۆرگەندە بۇنىمۇ ھېلىقى ئۆمۈچۈك پالۋان،شەپەرەڭ پالۋانلاردەك نىقاب تاقىۋالىدىغان بىرەر پالۋاننىڭ ھىكايىسى سۆزلىنىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كۆرگەن ئىدىم،كۆرۈپ بۇلۇپ ھىس قىلدىمكى بۇ پۇتۇنلەي يىڭىچە تەپەككۇر بىلەن ئىشلەنگەن كىنو ئىكەن،كىنونى كۆرۈپ بۇلۇپ تۇنجى ئىسىمگە كەلگەن ۋەقە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىس گىرمانىيىسى.ھەتتا رەئىسىنىڭ ئىسمىمۇ قاپى كىلىدىكەن(گىتلىر=سوتلىر)فىلىمدىكى مۇستەبىت پارتىيىمۇ ناتسىسلارغا ئوخشاش ئۆزىنى ئەڭ ئۈستۈن(كىنونىڭ ئىچىدىكى رىئاسەتچى داۋاملىق دەيدىغان ئەنگىلىيە ياشىسۇن دىگەن سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ)دەپ قارايدىكەن،ئۆزى بىلەن بىر قاراشتا بولمىغانلارنى قاتتىق باستۇرىدىكەن(بۇ تەرپى ناتسىس گىرمانىيىسى دەۋرى ئارقا كۈرۈنۈش قىلىنغان قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئەسلىتىپ قويدى)كىتاب ۋە رەسىملەرنى كۆيدۇرىدىكەن.پەقەت ئوخشىمىغان تەرپى گىرمانىيە ئەمەس ئەنگىلىيە،دەۋر 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرى ئەمەس كەلگۈسى دەۋر.كىنونىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يىرى ،كىنونىڭ ئاخىرىدىكى لوندوندىكى ھەممە كىشىلەر باش قەھىرمان بىلەن ئوخشاش نىقاپ تاقىشى ھەم باش قەھىرماننىڭ تىلىۋىزوردا سۆزلىگەن نۇتۇقى.فىلىمنىڭ دەسلىۋىدە چىقىدىغان بىرسىنى دارغا ئاسىدىغان كۈرۈنۈش ھەم گى.فۇكىس دىگەن كىم؟دىگەندەك سۇئاللار مىنى قىيناپ قويغان ئىدى،بەيدۇدىن ئىزدىسەم بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنمۇ بار ئىكەن.
1605-يىلى11-ئاينىڭ5-كۈنى ئەنگىلىيەدىكى بىر توپ ئەسەبىلەشكەن كاتولىك دىنى مۇرتلىرى ئەنگىلىيە پارلامىت بىناسىنى پارتلىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان،ئۇلار دەل شۇ كۈنى يىغىنغا كىلىدىغان ئەنگىلىيە پادىشاھى جامىس بىرىنجى ھەم ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنى ئۆلتۇرۇپ كاتولىك دىنىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان(تارىختا راست بولغان ۋەقە)بۇنىڭغا گى.فۇكىس باش بولغان.ئۇلار دۆلەتنىڭ ئەربابلىرى ھەممىسى يىغىلىپ ئولتۇرۇپ يىغىن ئېچىۋاتقان ۋاقتتا ئۇلارنى پارتلىتىپ بىراقلا يۇقاتماقچى بولغان ئىدى. بىراق دۆلەت مەجلىسىگە قاتنىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كاتولىك دىنىنىڭ بەزى بىلىملىك كىشىلىرى ھەم چوڭ پوپلىرىمۇ بار ئىدى.شۇڭا ئۇ بىر كاتولىك دىنى مۇخلىسىغا خەت يېزىپ باشقا كاتولىك دىنىدىكىلەرگە يىغىنغا قاتناشماسلىقنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ئېيتىدۇ،بۇ پارتلىتىشقا ئىككى سائەت قالغان ۋاقت ئىدى.بۇ كىشى خەتنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئويلىنىپ قالىدۇ،ئەگەر پارتلاشتا ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھەم دۆلەت ئەربابى،ئاق سۈڭەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۈلۈپ كەتسە دۆلەت بىر قىسىم ئىبادەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغان،مەككار پوپلارغا قالىدۇ،بۇلار بىر دۆلەتنى باشقۇرارلارمۇ؟ ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بولغان زومىگەرلىك تالىششىتا ئۇتۇپ چىقىپ ئەنگىلىيەنى قۇدرەت تاپقۇزالامدۇ؟شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى قەتئى قارارغا كىلىپ پارتلىتىش قەستىنى ئاشكارلاپ قۇيىدۇ،شۇنىڭ بىلەن فىلىمنىڭ دەسلەنكى كۆرۈنۈشىدەك گى.فۇكىس قولغا ئېلىنىدۇ.پارتلىتىش قەستىدىن كىيىن ئەنگىلىيە ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملاپ كۈن پاتماس ئىمپىرىيەنى قۇرىدۇ.ھازىر ئەنگىلىيە كىشىلىرى ھەر 11-ئاينىڭ 5-كۈنىنى بايرام قىلىپ گۈلخان يېقىپ تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىدۇ.
خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىسام بۇ كىنو توغۇرلۇق مۇنازىرە مۇلاھىزىلەر قىززىپ كىتىپتۇ،ئىنگىلىسچە مۇنبەرلەر قانداقكىن؟بىزمۇ بۇتوغۇرلۇق مۇنازىلىشىپ باقايلىچۇ
|
|