Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

يېۋېن 3

كۆرۈلۈشى: 5886 | ئىنكاس سانى: 82 | ساقلاش 3
چىراغ ئۆچۈرۈش | ئەسكەرتىش: كۇنۇپكا تاختىسىدىكى <-ئوڭ سول-> بەت ئۆرۈشنى قوللايدۇ;
    رەسىم گۇرۇپپىسى ئېچىلىۋاتىدۇ .........
يوللىغان ۋاقتى: 2016-3-20 19:31

ئۈزۈندە:

چۈشۈرۈش ئادرىسى:چېڭتوڭ توردېسكىسىhttp://wiiros.ctfile.com/fs/xWa146062304

ئىنكاس

تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-3-21 14:05:33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 14:21  

مەن تېخى فىلىمنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم لېكىن، ھازىرچە كەسمە رەسىمدىن تاپقاچ تۇراي.
1. رەسىمدە، << يېۋېن دېگەن سەنمۇ >> دېگەن جۈملىدە << يېۋېن دېگەن سەنمۇ؟ >> دەپ، سوراق بەلگىسى قويۇلسا توغرا بولىدۇ. ياكى بولمىسا، << يېۋېن دېگەن سەن شۇمۇ؟ >> دەپ ئالسا بىر ئاز تەبئىي چىقىدۇ.
2. رەسىمدە، << يېۋېن سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ مەن سودا قىلىۋتىمەن خالاس >> دېگەن جۈملىدە شۇ مۇھىتنىڭ ئۆزىدە يېۋېن بار تۇرسا، يېۋېن سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ ئېلىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. ئەگەر يېۋېن شۇ مۇھىتتا بولمىسا ئىدى. ئاندىن ئىسىمنىڭ كەينىگە پەش قويۇپ ئالسا لوگىكىغا ئۇيغۇن بولاتتى. جۈملىنىڭ توغرا ئېلىنىشى << بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ مەن پەقەت سودا قىلىۋاتىمەن خالاس >>
3. رەسمدە << ئۇنداق ياخشى كۆڭلۈك بولسا مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوي >> بۇ يەردە << ئۇنداق ياخشى كۆڭلۈك بولسا >> دەپ بىر كىچىك مەزمۇن بۆلىكى ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئارلىقىغا پەش قويۇلسا توغرا بولىدۇ. دەپ ئويلايمەن.....

مۇمكىن بولسا، تەرجىمە پۈتكەندىن كېيىن، مۇقىم بىر مۇھەررىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭلارنى، مۇھەررىنى ئالدىراتماي، فىلىمنى سۈپپەتلىك ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن كىرىشتۈرۈپ ئېلان قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەر قېتىم ئەركان ۋە مەن قاتارلىق بىر نەچچەيلەن ئىملا جەھەتتىن تەكلىپ بەرگەندە، تەرجىمانلار بىزدىن باتنىغاندەك خۇددى ئارتۇقچە ئىشقا ئارلاشقاندەك بىزدىن رەنجىگەن يېرىمۇ بولدى. بۇ يەردىكى مەسلە، ھەرگىزمۇ سىلەرنى كەمسىتىش ئەمەس بەلكى، بىزگە تېخىمۇ ئېسىل سۈپپەتتە فىلىم تەقدىم ئەتسىكەن دېگەن ئۈمۈدلا بار خالاس....
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى كۆپەيتىش ئەمەس بەلكى سۈپپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئاز قىلىپ ساز قىلش ئاساسىي مەقسەت.....بىز چوقۇم ئانا تىلىمىزنى ئەڭ سۈپپەتلىك ھالدا فىلىم ئاستىغا كىرگۈزشىمىز، ئۇيغۇرتىلىنىڭ گۈزەللىكنى ۋە پاسائىتىنى نامايەن قىلىشىمىز. ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى، ئۇلارنى ئەۋلادلارغا توغرا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى يالغۇز ياشلارلا كۆرمەيدۇ. بىزدىن چوڭ ئالىي مەلۇماتلىق ۋە كۆپنى كۆرگەن چوڭلارمۇ كۆرىدۇ. ئۇلار تەرجىماننىڭ قولىدىن چىققان سۈپپەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ، - ئەۋلادلىرىمىز قالتىسكەن !دېگەن تۇيغۇدا بولسا، بالا-چاقللىرىمىز كۆرۈپ - پاھ! ئۇيغۇرتىلى نېمە دېگەن گۈزەل... دېگەن تۇيغۇغا كەلسە، ئاندىن تەرجىمان ھە ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە دېگەن ئويغا كېلەلىسە ئاندىن، قلىغان ئەمگەكنىڭ قەدرى بولىدۇ، قىممىتى بولىدۇ....ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشۈنەيلى ئويلىنايلى... بۇ ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.....
مەن كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. بۇنى يالغۇز سىلەرگە قارىتىپ دېمىدىم ياكى سىلەرنى تەنقىدلەش ئويۇممۇ يوق..... پەقەت بارلىق تەرجىمان ۋە تەھرىر، بارلىق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى، كاللىسىنى چايقىۋېتىپ ئويلىنىپ باقسۇن دېمەكچى..... ئارلىقلاردا نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ قايتا ئېلان قىلىنىشى باشقا مەقسەت ئەمەس. ئەركان قاتارلىق بىر نەچچەيلەن فىلىمدىكى چوڭ خاتالىقلارنى بايقاپ، جاپا چەكسەكمۇ ئىملانى توغرىلاپ سۈپپەتلىك قىلايلى دېگەچكە ئاندىن قايتا ئېلان قىلىنغان.
ئاندىن تورداشلار تەرجىمان، تەھرىرلەرگە پالانى فىلىمنى قاچان ئېلان قىلىسىلەر؟ كۆزۈم تۆت بولدى؟ سەككىز بولدى دېگەن گەپنى قىلماڭلار؟ گەرچە، بۇ سۆزۈڭلار فىلىمگە بەرگەن مايللىقىڭلار بولسىمۇ، لېكىن، ئەسلى ماھايەت جەھەتتىن، ۋالاق-ۋۇلۇق چىقارمامدىغاندۇ بۇ لامزەللىلەر دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان تەرەپلەرمۇ شۇ بىر ئېغىز جۈملىدە ئىپادىلىنىپ قالىدۇ دە... بۇ سۆز تەرجىمانغا شۇ زامات ئەكس-تەسىر بىرىپ، مۇھەررىنى ئالدىرتىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق ئېسىل فىلىم بولسىمۇ، سەۋر-تاقەت بىلەن ساقلايلى!!! فىلىمنى سۈپپەتلىك كۆرەيلى..... سۈپپەتلىك كۆرمەي، خەتلىك بولسىلا كۆرىمىز دەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرمىگىنىڭلار ياخشى، بىر تىلنىڭ ھۇزۇرىنى بىلمەي تۇرۇپ، شۇ تىلنىڭ فىلىمنى كۆرىمەن دېيىش تازا دانالىق ئەمەس...


ئاندىن تەكلىپىم، مەزكۇر فىلىمدىكى لوگىكا، ئىملا، پەش، چىكىت قاتارلىقلارنى تۈزۈتۈشنى مۇقىم بىر تەرجىمانغا سۇنۇپ، ئاندىن قايتا ئېلان قىلساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمەن. چۈنكى، بۇ فىلىم بۇ يىللىق دۆلىتىمىز فىلىملىرى ئارىسىدا خېلى شۆھرەتكە ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ قالدى. شۇنداقلا، بۇ فىلىمنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆرىدۈ ۋە ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلار ساقلاپ كېيىنكىلەرگە قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ تەكلىپنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چوقۇم ئويلىشىڭلار؟ ئەگەر ۋاي ھاجىتى بارمۇ دەيدىغانلار بولسا، خەت ھۆججەتنى تەرجىمان ماڭا ئەۋەتىپ بەرسە، مەن ئۆزۈم ئۆلچەملىك تەھرىرلەپ، بىرەر كىرىشتۈرگۈچىگە تاپىلاپ، ئاندىن فىلىم ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىمەن. مۇمكىن بولسا، ئاققىر، ئەركان، دىلمۇرات قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرسىڭلار بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈڭلىگە ئالالىساڭلار تېخى ياخشى، ئەگەر قولۇڭلار بىكار بولمىسا، مەن ئۈستۈمگە ئالاي......



باھا سۆز

سىلىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلسىلا ،سۈپپەت ئەمەس ‹سۈپەت› ئۈمۈد ئەمەس ‹ئۈمىد› باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-21 19:47
del ۋاقتى: 2016-3-21 01:32:36
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 23:43
بۇ فىلىم بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققاچقا خاتالىقلاردىن  ...

ئەركانكا بۇنداق دىگىنىڭىزگە قارىغاندا خاتالىق تاپماق تەس جۇمۇ ؟
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-3-20 22:26:39
مەن 2 بولۇپ كۆرىۋىتەي
ئىھسان520 ۋاقتى: 2016-3-20 22:26:38
قويۇلغان ۋاقتى 2016.3.4
ئىھسان520 ۋاقتى: 2016-3-20 22:25:59
ياخشى كىنوتى بۇ لىكىن .....ھەي كەمبەغەلچىلىك ....
بۈركۈتچاق ۋاقتى: 2016-3-20 22:25:35
wiiros يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 22:19
ئاجايىپ تەس بىر يوللىدىما،شۈكرى

بەكلا  ئەرزان  قىلىۋېتىپسىلىيا ئاداش
janbilig ۋاقتى: 2016-3-20 22:22:57
چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم
wiiros ۋاقتى: 2016-3-20 22:19:32
ئاجايىپ تەس بىر يوللىدىما،شۈكرى
ئابدۇل59 ۋاقتى: 2017-4-11 02:44:37





كۆرگىلى كىنو تاپالمىغىلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى رەھمەت چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە
قاشتىشى ۋاقتى: 2016-5-3 23:40:20
wiiros يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 23:07
ھازىر ساتمايمەن، ئەتە ئۆگۈن بەلكىم تۈمەنلەپ سېتىشىم  ...

ئامرىكا كاپىتانى 3         تاپتىمما؟
yasenjan1945 ۋاقتى: 2016-4-6 13:35:14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasenjan1945 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-6 15:05  
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 14:05
مەن تېخى فىلىمنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم لېكىن، ھازىرچە ...


راست گەپنى دېسەم، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە بولغان ئىشتىياقىم تۈرتكە بولغاچقا مېنىڭمۇ ئاى بۈركۈت تورىغا نادىر تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ تۇرغۇم، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تەرجىمە ئەمگىگىنىمۇ ھەقلىق سېتىۋېلىپ كۆرگۈم كېلىدۇ، لېكىن ، قارىسام تەرجىمانلىرىمىز دەرۋەقە تىنىش بەلگە دېگەننىڭ رۇلىغا بەك سەل قارىغاچقا ، نادىر ياخشى فىلىممۇ بىردەمدىلا تارتىش كۈچىنى يوقىتىپ قويىدىكەن ، تەرجىمانلىرىمىز ھۆرمەت قىلماي خەتلىك قىلغان فىلىمنى، باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ كۆرەلىسۇنمۇ ؟









yasenjan1945 ۋاقتى: 2016-4-6 13:30:36
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 14:05
مەن تېخى فىلىمنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم لېكىن، ھازىرچە ...


ئىنكاس ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، باشقىلارنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىگەن ئەمگىگىنى بىر ئېغىز سۆز ئىنكاس يېزىپلا چۈشۈرىۋېلىشقا ، ئاندىن كۆرۈۋېلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، نەپسىمىزنىڭ قۇيۇپ تۇرۇپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن، يەنى ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدا بار نەرسىلىرىمىزندىن ياخشى پايدىلىنىشنى ، ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنى ئىستەپ، تېمىچىغا تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلىكنىڭ ئۆزىنى ھەقىقى كۆڭۈل بۆلگەنلىك دېسەك قانداق بۇلار؟ يارايسىز ئەخمەتجان
    مەنمۇ گەپ قىستۇرغۇم كەلدى، ئاق بۈركۈت تورىدا يېڭىدىن ئۇيغۈۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان  فىلىملەر ھەقىقەتەن كۆپ ھەم سەرخىل، تەرجىمانلىرىمىزمۇ ھارماي تالماي دەپ باقمىدى، لېكىن، ئامما،  بىراق ئەخمەتجان دېگەندەك، تەرجىمانلىرىمىز كۆپلەپ ئىشلەشكە ئالدىرايدىكەنىيۇ، سۈپەتلەك قىلىشقا، بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتىشكە قەتئىيدىن قەتئىي دېققەت قىلمايدىكەن  ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رۇلىغا نەزەرگە ئانچە ئالمايدىكەن، بىر تال پەشنىڭ رۇلىنىڭ ( ئۆگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما ) دېگەننى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ، يۇقىرىدىمۇ دىيىلىپتۇ، ئالدىراپ كەتمەي، بىرەيلەنگە تەھرىرلەش بېرىڭلار دېسە، بۇتنايدىغان ئىشمۇ بار ئوخشايدۇ، مىنىڭچە تىنىش بەلگىسىنىڭ رۇلى - ئىملادىكى خاتالىقتىنمۇ چوڭ ، ئاقبۈركۈت تورى- فىلىم خەت تەرجىمىچىلىكىدىكى مۇشۇ ئۆتكۈلنى چىڭ تۇتمىسا زادى بولمايدۇ، ئىملا خاتالىقىدىنغۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ پەش چىكىت سۇئال ئۈندەش بۇتناش بەلگىلىرى - ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى ، تىل- يىزىقىزنى خۇددىي فرانسوز ئىسپان تىللىرىدىن قېلىشمىغۇدەك گۈزەللىككە ئىگە قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم ھالقا !
yasenjan1945 ۋاقتى: 2016-4-6 13:16:00
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasenjan1945 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-6 15:15  


ما گىپىڭلا قەتئىي قاملاشماپتۇ، بىرەيلەن ئۆزىمىزنىڭ يىزىقىنى مۇنداقراق ئىشلەيلى، ئىملاغا دېققەت قىلىڭلار دېسە، سىلە ياندۇرۇپ ئۇنىڭغا شەخسى خېتىڭ مۇنداقكەنغۇ دېسەڭلا، بۇ قانداق گەپ بۇلىدۇ؟ ئىنكاس دېگەننى توپتىكىلەر كۆرىمىز، تۈزىتىۋالسا بولىدۇ، ماۋۇ كىنولارچۇ، مەن نەچچە قېتىم دېدىم،  كىنو دېگەن رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغىچە تارقايدۇ، باشقىلار كۆرىدۇ، ۋۇي خاتا يىزىلىپ قاپتىكەن دەپبولغۇچە بارىدىغان جايىغا بېرىپ بۇلىدۇ، ياندۇرىۋالغىلى بولمايدۇ ، تەنقىدىي پىكىرنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا ، ئۇنىڭمۇ بىرەر خاتالىقىنى تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ، ئۆز خاتالىقىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ چەتكە ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ، قورقۇنچاقلارنىڭ ئىشىمۇ قانداق ؟ قانداق دېدىم ؟
Ninja ۋاقتى: 2016-3-30 15:15:09
تىلىفۇندا سىتىۋالغىلى بولمامدا
Nejmi ۋاقتى: 2016-3-27 14:07:10
ئۆز تىلنى كۆرۈپ بولغانتىم... ئالدىنقى بۆلۈملىرىگە قارىغاندا ئانچە ياخشى چىقمىغان چىراي...
كەچمىش ۋاقتى: 2016-3-26 22:03:12
خەنچىسىنى كۈرۈپ باقاي
ئۇيغۇر چەۋەنداز ۋاقتى: 2016-3-26 01:21:39
ھىدايەت. يوللىغان ۋاقتى  2016-3-25 23:27
كىم ماڭا دوللار سېتىپ بىرەمدۇ

دوللار لازىم بولسا مەن بىرەي
ئۈندىدار نۇمۇرۇم : yusupjan331
كىيۇ-كىيۇ : 724155328
ھىدايەت. ۋاقتى: 2016-3-25 23:27:32
كىم ماڭا دوللار سېتىپ بىرەمدۇ
burkut001 ۋاقتى: 2016-3-25 20:42:48
مەن چۈششۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم بۇرۇنقىسىدەك ياخشى چىقماپتۇ
ئۇيغۇر چەۋەنداز ۋاقتى: 2016-3-25 12:26:38
بەختى189 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-25 11:57
ئەسسللامۇ ئەلەيكۇمكىرىنداشلا يېۋېن3 كە 20دوللار تولىگى ...

چۈشۈرۈش ئادىرسى بارغۇ قانداق چۈشۈرەلمىگەنسىز ؟ تىلفۇندا چۈشۈرمەك تەس ، كومپىيوتۇردا مەشغۇلات قىلىڭ
بەختى189 ۋاقتى: 2016-3-25 11:57:05
ئەسسللامۇ ئەلەيكۇمكىرىنداشلا يېۋېن3 كە 20دوللار تولىگىلى 3كۇن بولدى تىخىغڭچە كورەلمەيۋاتىمەن يا چۇشىرەلمىدىم ياردەم قىلساڭلا رەھمەت
burkut001 ۋاقتى: 2016-3-25 11:40:19
ماڭا دوللار لازىمتى
ئۈندىدار
13399982049

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 13:38 , Processed in 1.372159 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش