ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق بۈركۈت تور بېكىتىدىكى چوڭ-كىچىك توڭ پىششىق ئاكا-ئىنى ھەدە-سىڭىللار، ھەر ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن !
باھار ئېيىنىڭ ھارپىسىدا كەمىنە ئۇشبۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەممىڭلاردىن تىنچلىق سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن !
گەپ مۇنداق، ئەمدى بۇ چۈشۈرگەندىن كىيىن كۆرۈشنى ئاساس قىلغان توربەت بولغاندىكىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە فىلىمنى بەھىرلىگەن
ئادرېسنىڭ ئۆچۈپ كەتمەي، چۆچۈپ كەتمەي مۇقىم تۇرۇشى ، ئەلۋەتتە بۇ تور دىسكىسىنىڭ ئىنسابىغا باغلىق، ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر تور دىسكىسى
دېگەن تولا گەپ، بىراق ئىشەنچىلىكلىرى ئاز، ئىشەنچىلىكلىرىمۇ بولسىمۇ تەمىنلەنگەن بوشلۇق ئاز، ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن ئىشەنچلىك
تور دىسكىسى تېپىش تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالدى ئەلۋەتتە..
بۈگۈن مەن تورداشلارغا ئۆزۈم يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر تور دىسكىسىنى تەۋسىيە قىلىپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەزكۇر تور دىسكىسىنىڭ ئىسمى oatos تور دىسكىسى بولۇپ ئۆزى ئىشەنچلىك، ئەمما تۇنجى تىزىملاتقاندا 5 گىگابايىتلا بوشلۇق بىرىدۇ،
چىقارغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، (بۇ تەرىپى سىناقتىن ئۆتكەن).
ئەمدى تور دىسكىسىنىڭ بېرىدىغان بوشلۇقى ئازراق بولسىمۇ ئۆزى ئىشەنچلىك بولغاچقا سىلەرگە تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن،
بۇ تور دىسكىسى چوڭ تىپتىكى كىنو-فىلىملەرنى چىقىرىشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمما ئەڭ مۇھىم ماتىرياللىرىڭىزنى، ئەپ-دېتاللىرىڭىزنى
ساقلاشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ تور دىسكىسىغا تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي
ئاۋۋال بۇ يەرنى بىسىپ ئورگان تورىغا كىرەيلى،
ئۇنىڭدىن كىيىنكى تىزىملىتىش باسقۇچلىرى مۇنداق
1
2
3
4
5
ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تامام دېگەن خەتنى باسسىڭىز يېڭى بەت ئىچىلىدۇ ئاندىن 马上登录
دېگەن خەتنى بېسىپ باش بەتكە قايتىپ كىرىش دېگەن خەتنى بېسىپ باياتىنقى تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن
تېلېفون نومۇرىڭىز بىلەن پارولنى كىرگۈزۈپ جەزىملىسىڭىز تور دىسكىڭىز ئىچىلىدۇ----
بۇ تور دىسكىسىنىڭ كومپىيۇتىر، ئاندىرويىد ، ئايفون ۋە ئايپەد نۇسقىلىرى بار.
تېما تومتاقلا بولۇپ قالدى، كەچۈرگەيسىلەر 
|