بىر قەدەم يېراقلىق ۋە ئوق ئۇچىۋالسۇن
بۇ 2011-يىلى چىققان فىلىمنى قانچە قېتىم كۆرۈپ بولدۇم ئەسلىيەلمەيمەن. ئىشقىلىپ ھەر قېتىم كۆرگەندە ھەرخىل مەنالارنى ھېس قىلىمەن. جىياڭۋىن دېگەن كاللىسىغا سۇ كىرىپ كەتكەن زادى نېمە دېمەكچى ھېچ بىلەلمىدىم
مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابلىكىم (بوكىس چىمپىيونى) بۇ فىلىم توغۇرلۇق مۇنداق يېزىپتىكەن
مەن كۆرگەن چاغدا جاڭ ما زىنى جاڭ يىموۋغا تەقلىت قىلىنغانمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. تۈنۈگۈن بىر خەنزۇچە تور بەتتىكى بۇ فىلىمنىڭ تەقرىزىنى كۆرسەم، خۇاڭ سى لاڭنى جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئاتامانى بولۇۋالغان خەن سەن پىڭ(韩三平)گە ئوخشىتىپتۇ. ئوبزورچىنىڭ دېيشىچە كىم جۇڭگو كىنوچىلىقىدا باش كۆتۈرۈمەن دەيدىكەن، چوقۇم خەن سەن پىڭگە تىز ئېگىشى كېرەك. خۇددى كىنودىكى گىيو دېگىنىدەك، جاڭ ما زى ئۇ شەھەردە پۇل تاپىمەن دەيدىكەن چوقۇم خۇاڭ سى لاڭغا تىز ئېگىشى كېرەككەن.. لېكىن جاڭ ما زى مەن ئۆرە تۇرۇپمۇ پۇل تاپالايمەن دەيدۇ. بۇ دېگىنى مەن خەن سەن پىڭنى مۇشۇنداق تىللاپ تۇرۇپمۇ پۇلۇمنى تېپىۋېرىمەن دېگىنىكەن
مانا بۇ خەن سەنپىڭ، جۇڭگۇ كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى. جۇڭگۇدا قويۇلىدىغان كىنولارنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇ كىشى بەلگىلەيدۇ. بەلكىم راست دېگەندەك ساڭا ئېگىلمىسەممۇ پۇلۇمنى تاپالايمەن دېمەكچىدۇ.
مەنمۇ دەسلەپتە كۆرگەن چېغىمدا چوقۇم بىر سىمۋۇللۇق مەنىلەرنى ئىپادىلىمەكچى دەپ ئويلىغان. مەسىلەن
تاڭ خەلپەت (ئەسلى سالاھىيىتى راست ھاكىم) نىڭ ئىلگىرىكى ھاكىملار باجنى يىغىپ بىر يەرگە ئاپىرىپ بوپتۇ دېگەن يەرلىرى.
نېمە ئۈچۈن يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان قاراقچى جاڭ چوقۇر يالغان ھاكىم بولۇپ غاز ناھىيەسىگە كېلىدۇ؟ ۋە يەنە ھېلىقى پىلەك خەمەكلەر بېسىپ كەتكەن پەندىيات دۇمبىقى نېمىگە سىمۋۇل قىلىنغان؟ ناھىيەدىكىلەر نېمىشقا يېرىم يالىڭاچ يۈرىدۇ؟ (بەلكىم ھەددىدىن زىيادە كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچىدۇ، يەنە بەلكىم ئۇنداق ئەمەستۇ)خۇاڭ سىلاڭ يالغان جاڭ چوقۇرغا بەرگەن بومبىنىڭ بىرىنى نېمە ئۈچۈن شىنخەيدە پارتلىغان دېگەندەك سۇئاللار كاللامنى قاپلىۋالغانتى. يەنە كېلىپ بۇ فىلىمدىكى چوڭ كىچىك، باش يانداش روللارنىڭ ھەممىسىدىلا جۇڭگۇدىكى داڭلىق ئارتىستلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، جاڭۋىن، گې يوۋ، جۇرۇنفانى دېمەيلا قويايلى، فېڭ شىياۋگاڭمۇ ئۆھھۈ دېسە ئۆتۈپ كېتىدىغان رولدىن بىرگە چىققان، جاڭ چوقۇرنىڭ يېنىدىكى باندىتلارنىڭ ھەربىرىمۇ خېلى نامى بار ئارتىستلار، خۇاڭ سىلاڭنىڭ يېنىدىكى غالچا (يەنە بەلكىم ھەمجىنىس ھەمراھى)نىڭ رولىنى چېن كۈن ئالغان. فىلىم ھەققىنى تىجەيمەن دېدىمۇ نىم بولدى جاڭۋىننىڭ ئىنىسى جاڭۋۇ فىلىمدە ۋۇجىچۇڭنىڭ رولىنى ئالغان. بەلكىم بۇلارمۇ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇ.
كاللامدا شەكىللەنگەن بۇ سۇئاللارنى يەنە خېلى يىللارغىچە يېشىپ بولالماسلىقىم مۇمكىن، ھازىرچە ئۆزۈم فىلىمنىڭ ئۆزىدىكى بىز كۈلۈپ ياكى پەرۋاسىز قاراپ ئۆتكۈزىۋەتكەن يىپ ئۇچىلىرىنى قالدۇرۇپ قوياي
دەسلەپكى كۆرۈنۈشتە فېڭ شىياۋگاڭ بىر رۇمكا ئۈزۈم ھارىقىنى تۇتۇپ پەيدا بولىدۇ. بۇيەردە نېمە دېمەكچى؟
جاڭۋىننىڭ بىر سۆزى بار <كىنو ھاراق بولىشى كېرەك، بىر يۇتۇم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھاراق بولىشى كېرەك. سېنىڭ قورقىدىغىنىڭ ئۈزۈم، يېڭى ئۈزۈم، تېخى ئۈزۈلمىگەن، ساپىقىدىن ئايرىلمىغان ئۈزۈم. سەن ئۇنى ھاراق قىلىپ ئېچىتمىساڭ كىنونىڭ باش ئاخىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈم بولىدۇ.>
شۇنىڭ بىلەن فېڭ شاۋگاڭ بىر رۇمكا ئۈزۈم ھارىقىنى كۆتۈرگىنىچە فىلىم بېشىدا پەيدا بولدى. قاراڭلار جاڭۋىننىڭ ئاقسالىقىنى.
بېشىدىكى كۆرۈنۈشتە پاراۋۇزنى ئات سۆرەپ ئېلىپ ماڭىدۇ. پاراۋۇز نېمىشقا پار كۈچى بىلەن ماڭماي ئاتنىڭ سۆرىشىگە تايىنىپ قالىدۇ؟ بۇ بەلكىم مىنگوغا كۆچۈش دەۋىرلىرىدىكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ زامانغا ماسلىشىش ئەمما ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ھالەتكە تەمسىل قىلىنغان چېغى.
نېمە ئۈچۈن جاڭ چوقۇر ئىككى قېتىم ئوق چىقارغىنىدا ئوخشاشلا <ئوق بىردەم ئۇچىۋالسۇن>دەيدۇ؟ بۇ بەلكىم مەلۇم بىر ئىشنى ئورۇنداپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە بىر مەھەل كېتىدىغانلىقىغا تەمسىل قىلىنسا كېرەك
جاڭ چوقۇر نېمە سەۋەبتىن بىر ئوبدان باندىتلىقىدىن ۋاز كېچىپ ۋاز كېچىپ ناھىيەگە ھاكىم بولۇشنى خالاپ قالىدۇ؟ پۇل ئۈچۈنمۇ؟ پۇل ئۈچۈن بولسا نېمە سەۋەبتىن ئىككى ئاقساقال تاپشۇرغان جان پۇلىنى گادايلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ؟ ياكى بولمىسا لىيۇزىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ چوقۇم خۇاڭ سىلاڭنى يوقىتىش قارارىغا كەلدىمۇ؟ ئۇنى دېسەك ئاخىرىدا خۇاڭ سىلاڭدىن ئالغان پۇللارنى ئېلىپ تاڭ خەلپەت بىلەن تىكىۋىتىدىغۇ؟
غاز ناھىيەسىگە قارىساق قۇرۇلۇشلىرى غەلىتە، ئەتراپىنى سۇ ئوراپ تۇرغان ھالەتتە. بىرخىل سۈرلۈك تۈس بېرىدۇ.
ناھىيەدىكى ئاياللارنىڭ ئادىتىمۇ غەلىتە، يەنى يۈزىگە ئاق ئۇپا سۈركىۋالىدۇ. بۇ تىپىك ياپونچە پاھىشە مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋۇلى، فىلىم ئارلىقىدا سامۇراي قېلىچى، دەييۈ چىڭۋىنزى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۇچرىتىمىز. قارىغاندا جاڭۋىننىڭ ياپونلارغا بولغان تەسىراتى چوڭقۇر بولسا كېرەك.
خۇا ھەدە، فىلىمنىڭ بېشىدا جاڭ چوقۇرنى قارشى ئېلىپ ناھىيە دەرۋازىسىغا چىقىدۇ، سالاھىيىتى بولسا پاھىشە، شۇنداقلا خۇاڭ سىلاڭنىڭ ئايغاقچىسى. ئۇ پاھىشخانىغا كەلگەن لاۋ ئەر بىلەن لاۋسەننى ئېزىقتۇرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ قاپقىنىغا پەقەتلا لاۋسەن چۈشىدۇ. نېمىشقا لاۋ ئەر ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ؟ چۈنكى لاۋئەر بولسا ھەمجىنىس
خوڭمىن زىياپىتى
خۇاڭ سىلاڭ لىيۇزىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن جاڭ چوقۇرنى زىياپەتكە چاقىرىدۇ. بۇيەردە خۇۋەن، ۋۇجىچۇڭ ۋە لەڭپۇڭچىنى باغلاپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۈشكۈرتمىگەنلىكىگە ئىقرار بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. كىنو ۋەقەلىكى مۇشۇ يەردىن باشلاپ باشقا يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ. خۇۋەن بىلەن ۋۇجىچۇڭ ئىككىسى بىرلىشىپ لەڭپۇڭچىنى ئۆلتۈرىدۇ، كەينىدىنلا پەردە چۈشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، بىراق كىم ئۆلىدۇ بۇيەردە ئېنىق كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما خۇۋەن بىلەن ۋۇجىچۇڭنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى كېيىنكى ۋەقەلىكلەردىن كۆرەلەيمىز ئەلۋەتتە.
زىياپەتتە خۇاڭ سىلاڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى جاڭ چوقۇر بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلىرىنىڭ ئۇچىنى ئازراق چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئالدىدا ئولتۇرغان ھاكىمنىڭ جاڭ چوقۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۇرىتىدۇ.
خۇاڭ سىلاڭ ھاكىمغا دوستلۇق بىلدۈرۈپ ئىككى تال ئالماسنى سوۋغا قىلىدۇ، بىراق بۇنى يەنە قايتۇرىۋالماقچى بولۇپ خۇۋەننى ئەۋەتىپ ھاكىمنى قەستلەپ ئالماسنى قايتۇرۋالماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. كېيىن تاڭ خەلپەتنىڭ قاياقتىندۇر <ئايالى ۋە بالىسى> پەيدا بولىدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن پۇل تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جاڭ چوقۇر ئۇ ئالماسلارنى تاڭ خەلپەتنىڭ <ئايالىغا> بېرىدۇ. پەرىزىمچە بۇ خوتۇن تاڭ خەلپەتنىڭ شېرىكى، يەنى سىرتتىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىدىغان شېرىكى. ئاۋۇ سەككىز ياشلىق بالا دېگىنى بولسا ئۇنىڭ نىقابى، باندىتلار ئۇ بالىدىن <بۇ ئاناڭمۇ>دېگىنىدە <ھەئە>دەيدۇ، <بۇ راست داداڭمۇ>دېگىنىدە <بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشى بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ>دەيدۇ. دېمەك ئۇ تاڭ خەلپەتنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان. ياكى <ئانىسى>ئۇنىڭغا ئۇنى دادا دەپ چاقىرىشقا زورلىغان.
خۇا ھەدە لاۋسەننىڭ ياردىمى بىلەن باندىتلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىدۇ. لاۋسەن ئاللىقاچان بۇ سەتەڭنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
فىلىمدە ھەقىقى ھاكىم بۇ ھاكىملىقىنى پۇل بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق باش ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كۆرۈپ باقساق بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇاڭ سىلاڭنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
خۇاڭ سىلاڭ ئالتە ناھىيىنىڭ ھاكىملىقىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاڭ خەلپەت (ھەقىقىي ھاكىم) ئۆلەر ۋاقتىدا جاڭ چوقۇرغا يانچۇقۇمدا بەش ناھىيىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بۇيرۇقى بار، غاز ناھىيىسىگە كەتمە، سەن خۇاڭ سىلاڭغا تەڭ كېلەلمەيسەن دەيدۇ. خۇاڭ سىلاڭ مەن ئالتە ناھىيىنىڭ ھاكىملىكىقىنى سېتىۋالدىم دەيدۇ. تاڭ خەلپەت بۇيەردە بولسا يانچۇقىمدا بەش ناھىيەنىڭ ھاكىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بۇيرۇقى بار دەيدۇ. ھېساپلاپ باقساق غاز ناھىيەسىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بۇيرۇقى بىلەن قوشقاندا تاڭ خەلپەتتە دەپمۇدەل 6ناھىيەنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بۇيرۇقى بولىدۇ. دېمەك تاڭ خەلپەتمۇ خۇاڭ سىلاڭنىڭ ئادىمى ئىدى. ھەقىقەتەن جاڭ چوقۇر ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايتتى ھەم تەڭ كېلەلمەي ئۇتتىرىۋەتتى ![]()
![]() بىراق يەنە بىر پىرسوناژنىڭ گېپى بار. يەنى ھاكىمنىڭ ئايالى. ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ما باڭدېغا ھاكىملىق مەنسىپى سېتىۋىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق بۇ گەپكە ئىشەنمىدىم. ئارىلىقتا ما باڭدى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارلىۋىتىدۇ. <ھۇ جالاپ>، شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن بىر جالاپ، <كىم ھاكىم بولسا مەن شۇنىڭ خوتۇنى>دەيدىغان جالاپ. سەندىن مەن قالامتىم دەپ بۇ پاسكىنا ما باڭدېنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئاشكارلىۋىتىدۇ. دېمەك مۇقىملاشتى. ما باڭدې دېگىنى ئەسلىدە يېزىق ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەبگاھ سولتەك. ھاكىملىقنى خۇاڭ سىلاڭ سېتىۋالغان، ما باڭدېنى ياللاپ ئۇنى ھاكىملىققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىۋەرمەكچى.
تاڭ خەلپەت ئۆلەر ۋاقتىدا يەنە ئىككى ئىشتا جاڭ چوقۇرنى ئالدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەلۋەتتە ئالدىنقى قېتىمدا خۇاڭ سىلاڭ بىلەن بىللە جاڭ چوقۇرنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغىنىنى جاڭ چوقۇر بىلەتتى، بۇنى دېيىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا يەنە قايسى ئىككى ئىش؟ تاڭ خەلپەت بۇنى دېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا كېتىپ قالىدۇ.
بۇ ئىككى ئىشنى مەن دەپ بېرەي. بىرى بولسا خۇا ھەدىنىڭ خۇاڭ سىلاڭنىڭ ئىشپىيونى ئىكەنلىكىنى جاڭ چوقۇردىن يوشۇرغىنى، يەنە بىرى بولسا لاۋئەرنىڭ قەيەرگە ئەۋەتىلگىنىنى خۇاڭ سىلاڭغا دەپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغىنى. لاۋئەر ئۆلۈشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇا ھەدىنىڭ لاۋسەن ئىككىسىنى ئازدۇرۇپ خۇاڭ سىلاڭ تەرەپكە تارتقىنىنى بىلەتتى.
بۇ ھارىمى بولسا يالغان جاڭ چوقۇر. خۇاڭ سىلاڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان باشقا ھاكىملارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. بىر بولسا غاز ناھىيەسىگە كېلىدىغان باشقا ھاكىملارنى بىر بولسا باشقا بەش ناھىيەنىڭ ھاكىمىنى ئۆلتۈرگۈزگەن. سەۋەب يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، باشقا ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىقىنىمۇ قولىغا ئېلىپ جاھاننى يالغۇز سوراش، ئادەم ۋە ئەپىيۇن ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
تاڭ خەلپەت ئۇنىڭدىن شەنشى قاياقتا دەپ سورايدۇ. ئۇ شەرقتە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ. كەينىدىنلا ئۇياققا ماڭما دەپ ۋارقىرايدۇ، شەنشى شەرقتە بولغىنى بىلەن بومبىمۇ شۇ يولغا كۆمۈلگەن ئىدى. تاڭ خەلپەتنىڭ ئايالى شەنشىلىك. دېمەك يالغان جاڭ چوقۇر تاڭ خەلپەتنى تونۇيدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ شەنشىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا بومبىنىمۇ شۇ يولغا، يەنى جاڭ چوقۇر بىلەن تاڭ خەلپەتنىڭ پۇلنى ئېلىپ بارىدىغان جايىنىڭ شەنشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
جاڭ چوقۇر خۇاڭ سىلاڭغا تاپانجىنى بېرىپ بۇنىڭدا بىرتاللا ئوق بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرىۋال دېگىنى ئىدى. بىردەمدىن كېيىن بىنادا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ خۇاڭ سىلاڭ بىنا ئۈستىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ ئوق ئاۋازى بولسا ۋۇ جىچۇڭنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، كەينىدىنلا بىنا پارتلايدۇ. بىراق خۇاڭ سىلاڭ ئۆلدىمۇ يوق بۇنىسى نائىنىق ئۇلار يەنە شۇ ھېلىقى پويىزغا ئولتۇرۇپ ماڭىدۇ. جاڭ چوقۇر پويىزنىڭ كەينىدە تاڭ خەلپەتنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدى. بىراق ئۇ تاڭ خەلپەت ئەمەس بەلكى خۇاڭ سىلاڭ ئىدى. توغرا، ئېنىق شۇ. شۇنىڭ بىلەن جاڭ چوقۇر ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ پويىزنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ كېتىدۇ، كىنومۇ شۇيەردە تۈگەيدۇ.
ئىككى كۈندىن بېرى توردىن مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولارنى، كىنو سۈرەتكە ئېلىش جەريانىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بۇ جايمۇ ئېنىق بولدى.
ھا ھا ھا ھا ھا، پويىز كەينىدىكىسى راستلا خۇاڭ سىلاڭكەن.
ئىشلار تۈگىدى. خۇا ھەدە باشقا بۇرادەرلەرنى ئېلىپ جاڭ چوقۇردىن ئايرىلىپ شاڭخەيگە كەتمەكچى بولدى. قارىماققا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئالدىنىپ بولغان، لاۋچى بولسا ئىلاجىسىز ئىدى. ئۇ جاڭ چوقۇرغا خۇا ھەدىنىڭ باشقىلارنى ئازدۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ (قۇلىقىغا دەيدۇ، بىراق نېمە دېگەنلىكىنى قىياس قىلىپ باقتىم)ۋە ئۆزىنىڭ دېگەنلىكىنى دېمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن قالغانلارمۇ ئۆزىنىڭ جان جېگەر بۇرادەرلىرى تۇرسا؟ ئۇلارغا يۈز كېلەلمىگەنلىكتىن ئۇمۇ جاڭ چوقۇردىن ئايرىلىشنى تاللايدۇ.
جاڭ چوقۇرنىڭ ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ پويىزنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ كەتكىنىدىن، قارىماققا داۋامى ئىشلىنىدىغاندەكلا قىلاتتى. دېگەندەك جاڭۋىن ئارىدىن 5يىل ئۆتكەندە بىر قەدەم يېراقلىق فىلىمىنى ئىشلىدى. شاڭخەيگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن پويىزنىڭ كەينىدىن ماڭغان <جاڭ چوقۇر> ئەمدىلىكتە <ما زوۋرى> بولۇپ ئېكرانغا چىققان ئىدى. ئۇ فىلىمنى قايتىلاپ كۆرۈش جەريانىدا بەك چوڭقۇر دېگۈدەك مەنانىڭ يوقلۇقىنى، پەقەتلا بىرقىسىم تارىخى ۋەقەلىك ۋە كىلاسسىك فىلىملەرنى ئوبرازلىق بىرلەشتۈرگەنلىكىنىلا ھېس قىلدىم.
تاڭ خەلپەت يوشۇرغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى دەل لاۋئەرنىڭ شەھەر سىرتىغا چىقىپ يېشىل تاش چوقىسىدا باندىتلارنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى خۇاڭ سىلاڭغا چېقىپ قويغىنى ئىدى. تىۋايى مات
ئاندىن ماۋۇ قانجۇقنى ھەرگىزمۇ ياۋاش كەمبەغەل قىزىكەن دەپ قارىماڭلار. فىلىم بېشىدا جاڭ چوقۇر ئوق چىقىرىپ يالغان باندىتنى ئاتقان چاغدا ئوق ئاۋازىدىن قورقۇش ھېس قىلمىغاننى ئاز دەپ، خۇاڭ سىلاڭنىڭ سىياقدىشىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ تازا قورقىتىدۇ، تېخى كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدۇ. ئۇنى ئاز دەپ <قالايمىقان> ئاتقان ئوقىنىڭ بىرىمۇ نىشانغا تەگمەيدۇ. شۇنچە يېقىن ئارلىقتىن قالايمىقان ئوق چىقارسا بىر پاي ئوقنىڭمۇ تەگمەي قېلىش ئىھتىماللىقىنى ماتىماتىكلار ھېساپلاپ بېقىڭلار، قالغانلار بۇ قانجۇقنىڭ (جوۋيۈننى دېمىدىم ھە، كىنودىكى پىرسوناژنى تىللاۋاتىمەن ) قالتىس ياسالمىلىق ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىڭلار.
|