Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇرا ئېراسى فىلىمى ھەققىدىكى پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-24 23:33  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق بۈركۈت ئەھلى، ھەممىمىزنى تەقەززا قىلغان سۈرئەت ۋە ھسياتنى كۆرۈپ ھاياجىنىمىزنى باسقان بولدۇق.  ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر تەقەززا قىلىدىغان بىر فىلىمىمىزنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ پەقەت سۈزۈك فىلىم مەنبەسىنىلا ساقلاپ قالدۇق. مۇنداقچا ئېيتقاندا پىشىپ بولغان تاماق، قاچىغا ئۇسسۇپ تارقاتسىلا بۇلىدۇ.
شۇڭا سۈرئەت ۋە ھېسياتنى ھەزىم قىلغاچ يورا ئېراسىنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلايلى دەپ بىر قىسىم خەۋەرلەرنى يىغىپ كەلدىم.

نۇر خەۋەرلىرى


1-«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ رېكورتىنى يېڭىلىدى



«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى يېڭىلىدى

ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ يەرشارىدا قويۇلۇشقا باشلىغان فانتازىيەلىك فىلىم «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» قويۇلغان تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدا 524.1 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمى ياراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىچى بېلەت كىرىمى 208.8 مىلىيون دوللارغا يەتتى، بۇ ھەم «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» بۇندىن ئىلگىرى ساقلاپ كېلىۋاتقان رېكورتنى يېڭىلىدى، كېيىنكىسىنىڭ قويۇلغان تۇنجى ھەپتىدىكى دۆلەت ئىچى بېلەت كىرىمى 207.4 مىلىيون دوللارغا يەتكەن. «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى، مارۋېل مۇشۇ سەۋەبتىن تەشۋىشلىنىش ھېس قىلامدۇ؟ سىلەر خاتالاشتىڭلار! ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى، مارۋېلنىڭ رەئىسى كەيۋىن تىۋىتىر ئارقىلىق «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ رېژىسسورى كولىن ترېۋورروۋ، فىلىم ئىشلىگۈچى سىتىۋىن سىپىلبېرگ ۋە باش رولچى كرىس پرات تەبىرىك بىلدۈردى.
كەيۋىن تىۋىتىرغا «مۇبارەك بولسۇن سىپىلبېرگ ئەپەندىم، يەرشارى شىركىتى، رىۋايەت كىنوچىلىق شىركىتى، كولىن ترېۋورروۋ، بولۇپمۇ كرىس پرات.» دەپ يازغان.
«بولۇپمۇ كرىس پرات» بۇ جۈمىلە ناھايىتى ھالقىلىق، چۈنكى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» دىكى باش ئەر رولچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە لائغان كرسى پرات، دەل مارۋېلنىڭ «سامانيولى مۇھاپىزەت ئەتىرىتى» دىكى ئەر باش رولچى، ئەكىسچە كرىس پرات يىتەكچىلىك قىلىپ باش رول ئالغان «سامانيولى مۇھاپىزەت ئەتىرىتى 2» 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇلۇشقا بەلگىلەندى.







2-«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» تۇنجى ھەپتە بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتتى
يەرشارى شىركىتىنىڭ «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» تاماشىبىنلارنى ئاللىقاچان يوقالغان دىنازاۋور دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ فىلىم يەنە مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇندىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى.
قويۇلغان تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدا، بۇ فىلىمنىڭ يەرشارى بېلەت كىرىمى 511.8 مىلىيون دوللارغا يەتتى، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرىسى، بىراقلا بۇندىن ئىلگىرىكى رېكورتنى ساقلاپ قالغۇچى «خاررى پوتتېر ۋە مۇقەددەس ئۆلۈم قاچىسى (كېيىنكى)» دىن ئېشىپ كەتتى، كېيىنكىسىنىڭ قويۇلغان تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى 483.2 مىلىيون دوللار، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» تارىختىكى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى 500 مىلىيون دوللاردىن ئاشقان تۇنجى كىنوغا ئايلاندى.



شىمالى ئامېرىكا بازىرىدا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ بېلەت كىرىمى 204.8 مىلىيون دوللار، بۇندىن كېيىنكىسى 207.4 دوللارلىق «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»، ناۋادا ئالدىنقى يەكشەنبىدىكى بېلەت كىرىمى يەنە مۆلچەردىكىن ئاشقان بولسا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ ھەتتا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار.
كولىن ترېۋورروۋ رېژىسسورلۇق قىلغان «يۇرا ئېراسى دۇنياسى»، زادى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق شانلىق نەتىجىگە ئېرىشتى؟


«ھوللىۋود خەۋىرى» بىرقانچە سەۋەبنى ئانالىز قىلدى:
1. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دىنازاۋورنى ياخشى كۆرىدۇ
تاماشىبىنلار ئىچىدە %58 تى ئەر، بولۇپمۇ ياش تاماشىبىنلار ئاللىقاچان بارغانسىرى بېلەت كىرىمىدە «يوقىلىش گىردابىدىكى تۈر» گە تەۋە بولۇپ بولغان، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن يېقىندا ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ شىمالى ئامېرىكىدا ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى. ئەمما ئوخشاشلا ئەر تاماشىبىنلار پۇل چىقىرىپ چوڭ ئېكران ياكى 3D اىلىم كۆرۈشنى بەكرەك ياقتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ نېمە ئۈچۈن «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ %50 كە يېقىن بېلەت كىرىمى ئېشىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ 3D كىنوخانىدىن كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. Rentrak's PostTrak نىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» دىكى %50 بېلەت سېتىۋالغۇچى 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلاركەن، بۇنىڭ ئىچىدە %60 ئۆسمۈر بار بولۇپ، 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلار %24 نى ئىگەللىگەن، بۇ بالىلارنىڭ كىنوخانىدا پەيدا بولىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كىنوخانىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


2. سېغىنىش
22 يىل ئىلگىرى، سىتىۋىن سىپىلبېرگ رېژىسسورلۇق قىلغان «يۇرا ئېراسى باغچىسى» نىڭ مەستانىلىرى «يۇرا ئېراسى قاتارى» دىكى فىلىمنىڭ سادىق مەستانىسىگە ئايلانغان، گەرچە «يۇرا ئېراسى باغچىسى» نىڭ كېيىنكى ئىككى بۆلۈمى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق بىرىنچى بۆلۈمى ئاللىقاچان مۇستەھكەم بولغان تاماشىبىن ئاساسى ياراتتى، بۇ كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىزچىل «يۇرا ئېراسى خاتىرىسى» نىڭ قايتىدىن ئېكرانغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ خىل سېغىنىش ھېسىياتى بۇ يۇقىرى ياشلىق تاماشىبىنلارنى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» غا بىر پۇرسەت بەرگۈزگەن.


3. كرىس پرات
كۆپ يىلدىن بۇيان كرىس پرات ئىزچىل يانداش رولغا چىقىپ كەلگەن، ئەمما ئالدىنقى يىلىدىكى «سامانيولى مۇھاپىزەت قىسىمى» دا ئۇ باش رولغا چىقتى. «سامانيولى مۇھاپىزەت قىسىمى» ۋە «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بېلەت كىرىمى يۇقىرى چولپاننىڭ بىرىگە ئايلاندى.


4. پارتىلىغان جۇڭگو بازىرى
كۆپلىگەن ھوللىۋود فىلىمى ئازراق پېچەتلەنگەن جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشقا ئامالسىز قالدى، ئەمما «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» بۇنىڭ سىرتىدا. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى، بۇ فىلىم يەرشارىدا 66 دۆلەتتە تۇنجى قويۇلۇپ، 307.2 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 100.8 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمى جۇڭگودىن كەلدى، يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بازىرىنىڭ بېلەت كىرىمى بۇ فىلىمنىڭ يەرشارى ئومۇمى بېلەت كىرىمىدە 5\\1 ئۈلۈشنى ئىگەللىدى، نۆۋەتتە «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» بىردىنبىر تېخى قويۇلمىغان مۇھىم بازار بولسا ياپونىيە.


3- «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» ئۇدا شىمالى ئامېرىكا بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى



mtime تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
6-ئايلىق شىمالى ئامېرىكا بېلەت كىرىمى بازىرى يەنە بىر قېتىم تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىن ئېشىپ، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» كىنوچىلىق تارىخى كارتون فىلىم رېكورتىنى بۇزغان ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكىگە ئوخشاش، بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى شىمالى ئامېرىكا بېلەت كىرىمى قايتا تارىخى رېكورت ياراتتى. شىمالى ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى فىلىم ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمىدە 90 مىلىيون دوللاردىن ئېشىش ئەھۋالى پەيدا بولدى.
يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ فانتازىيەلىك خەتەرلىك فىلىمى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ كېيىنكى ھەپتە ئاخىرىدا ئالتۇن قېزىش كۈچى يەنىلا كۈچلۈك، گەرچە «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» نىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا 102 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، قىلچىمۇ بېسىم يوق ھالداھەپتە ئاخىرى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. فىلىمنىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» ساقلاپ كېلىۋاتقان كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى (103 مىلىيون دوللار) رېكورتىدىن مىلىيون دوللارغا يەتمىگەن پەرق بار، توغرا بېلەت كىرىمى نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، بەلكىم بۇ رېكورتنى بۇزىشى مۇمكىن.
پىكسىلنىڭ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن كارتون فىلىمى «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ 91 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، تارىختىكى كارتون فىلىم بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشمىگەن فىلىملەر ئىچىدە، بۇ نەتىجە «The Day After Tomorrow» «كېيىنكى كۈن» (تۇنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى 68.74 مىلىيون دوللار) 11 يىلدىن ئۇزاق ساقلىغان رېكورتنى بۇزدى.







4-«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» يەرشارى يىللىق چېمپىيونى بولۇشنى نىشانلىدى


mtime تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2015-يىلىنىڭ 25-ھەپتىسى، كرىس پرات رول ئالغان فانتازىيەلىك خەتەرلىك فىلىم «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» داۋاملىق يەرشارى بازىرىنى سۈپۈرىۋاتىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قالمىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى، بۇ فىلىم چەتئەلدىكى 66 رايوندا قويۇلۇپ 160 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، چەتئەل بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 583 مىلىيون دوللارغا يەتتى. بۇنىڭغا 400 مىلىيون دوللارغا يېقىن شىمالى ئامېرىكا بېلەت كىرىمى نەتىجىسىنى قوشقاندا، «دىنازاۋورلار» يەرشارىدا پەيدا بولغان ئىككى ھەپتىدىلا 980 مىلىيون دوللارنى يۈتىۋەتتى.
بۇ مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» يەرشارى بېلەت كىرىمىنىڭ رەسمىي ھالدا 1 مىلىيارد دوللارلىق ئۆتكەلگە ئاتلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن فىلىمگە ئايلىنىدىغانلىقى، ئوخشاشلا ئاران 13 كۈندە، بۇندىن ئىلگىرى «سۈرئەت 7» 17 كۈندە ياراتقان رېكورتنى يېڭىلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەرشارى بېلەت كىرىمىنىڭ شىمالى ئامېرىكا ۋە چەتئەل ئىككىگە بۆلۈنۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» تارىختىن بۇيانقى ئالتۇن قېزىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان فىلىمگە ئايلىنىدۇ.
«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ نۆۋەتتىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ ئاخىرقى نىشاندىن يەنىلا يىراق. چۈنكى، نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشكە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە رايونىدا تۇنجى قېتىم قويۇلىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەتئەل بېلەت كىرىمى 1 مىلىيارد دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار. شىمالى ئامېرىكا رايونىنى ئويلاشقاندا، مۆلچەردە «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ ئەڭ ئاخىرى يەرشارى بېلەت كىرىمى 1.6 مىلىيارد دوللاردىن ئېشىپ، شۇنىڭ بىلەن «سۈرئەت7» (1.51 مىلىيارد دوللار) دىن ئېشىپ يىللىق بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
رايون بويىچە قارىغاندا، دىنازاۋورلارنىڭ ئىپادىسى باشقا چەتئەل بازىرىدىن ياخشى بولدى، جۇڭگودا قويۇلغان ئىككى ھەپتىدە دىنازاۋورلار 165 مىلىيون دوللار (تەخمىنەن 1.023 مىلىيارد يۈەن) سۈمۈرۈپ، ۋاقتىنچە جۇڭگو بازىرى يىللىق بېلەت كىرىمى رەت-تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو بازىرىدىن سىرت، دىنازاۋورلار كۆڭۈل ئېچىشنى ئەڭ ياقتۇرغان جايدىن ئەنگىلىيە (59.7 مىلىيون دوللار)، مېكسىكا (29.4 مىلىيون دوللار)، كورىيە (27.7 مىلىيون دوللار)، فرانسىيە (24.5 مىلىيون دوللار)، ئاۋىستىرالىيە (23.5 مىلىيون دوللار) ۋە گېرمانىيە (26.3 مىلىيون دوللار) قاتارلىقلار بار.
ئوخشاشلا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ IMAX بېلەت كىرىمى نۆۋەتتە 84 مىلىيون دوللاردىن ئاشتى، ئەكىسچە يەرشارى IMAX بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىم بولسا «ئاۋاتار» بولۇپ، 80 مىلىيون دوللارغا يېتىشكە 23 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلغان.



5-«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىزىپ كەتتى؟


يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» ئالدىنقى ھەپتە پۈتۈن دۇنيادا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپلىگەن بېلەت كىرىمى رېكورتى- شىمالى ئامېرىكا تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى، يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى، شىمالى ئامېرىكا تۇنجى ھەپتە بېلەت كىرىمى رېكورتى، يەرشارى تۇنجى ھەپتە بېلەت كىرىمى رېكورتى..نى بۇزدى. ئامېرىكا ۋاقتى -ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 1:00 گىچە، يەنى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» قويۇلغان 12-كۈنى يەر شارى بېلەت كىرىمى 1 مىلىيارد دوللاردىن ئېشىپ كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە 1 مىلىيارد دوللارلىق بېلەت كىرىمى ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن يېڭى رېكورت ياراتقۇچىغا ئايلاندى. مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئەمدىلا قويۇلىۋاتقان پېكسىلنىڭ كارتون فىلىمى «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» مۇ بۇ فىلىمنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلاندى- «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» 1995-يىلىدىن بۇيان پېكسىلنىڭ كارتون فىلىمىنى تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇق شەرىپىدىن مەھرۇم قىلغان تۇنجى فىلىمگە ئايلاندى.
قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتى، Boxoffice تورى ۋە TheWrap تورى «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ يەر شارى بېلەت كىرىمى «ئاۋاتار» (2.78 مىلىيارد دوللار) ۋە «تىتانىك» (2.18 مىلىيارد دوللار) بۇ ئىككى كىنوچىلىق تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى چېمپىيونى ۋە ئىككىنچىسىدىن ئېشىپ، ئەڭ يېڭى بېلەت كىرىمى رىۋايىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.

ۇنداقتا، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ بېلەت كىرىمى نەتىجىسى ئارقىسىدا زادى نېمە سەۋەب ئۇنى مۇشۇنداق پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتۈردى؟ بۇ فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كىنو بازىرى ئېھتىياجى توغرىسىدىكى قايسى يېڭى بىشارەتنى ئېلىپ كەلدى؟
1- بىشارەت: قويۇلۇش ۋاقتىنى توغرا تاللاش
يەرشارى كىنوچىلىقى ئېلان قىلغان «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ قويۇلۇشۋاقتى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلگەن، ناھايىتى كۆپلىگەن بېلەت كىرىمى ئانالىزچىلىرى ئىلگىرى بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى) دىكى دەم ئېلىشتا قويماسلىق بىر غايەت چوڭ خاتالىق دەپ قارىغان. لىكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ بۇ قويۇلۇش ۋاقتىنى تاللىشى ئەمىلىيەتتە ناھايىتى توغرا بولغان.
4-ئايدىكى «سۈرئەت7»، 5-ئايدىكى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى2» دىن كېيىن، شىمالى ئامېرىكا كىنو لىنىيەسى ئۈچ ھەپتە ئاخىرىدا چوڭ كىنو بولماسلىق كاساتلىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، مۇشۇ ۋاقىتتا «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ پەيدا بولىشى تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇزۇن مەزگىللىك قۇرغاقچىلىقتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قانغۇدەك يامغۇرغا ئوخشاش دەل ۋاقتىدا بولدى.


2-بىشارەت: بارلىق ۋاستىگە قارىماي تىجارەتنى ياخشى قىلىش
ھەممىلا يەردە كىنو مۇقەددىمىسى، چوڭ تىپتىكى ئېلان، ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلارغىچە كىرگەن ماركا كۆچۈرۈش ، ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدە ئەۋج ئالغان مەستانىلەرنىڭ كىنودىكى كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش قىزغىنلىقى...مۇشۇنداق پۈتۈن دەسمايىسىنى سېلىپ قىلغان تەشۋىقات ھەم ھەرخىل تاراتقۇلاردىن ھالقىغان تىجارەت سىتراتىگىيەسى، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نى بارلىق سودا كىنوسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشۋىقاتى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىلگىرلىشىگە ئوقۇتۇش دەرسلىكى شەكىلىدە مىسال بەردى. ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتى يەنە «بازارغا ئېرىشكۈچى دۇنياغا ئېرىشكۈچى» ئىكەنلىكىنى قايتا ئىسپاتلىدى، بۇ ئاللىقاچان ھوللىۋود سودا فىلىمى بېلەت كىرىمى مۇۋاپىيىتىگە ئېرىشىشتە ئويلايدىغان ئۆزگەرمەس قائىدىگە ئايلاندى.

3-بىشارەت: 3D/IMAX بولسا ئەڭ نادىر ياردەمچى پاس
ھازىر 3D ۋە IMAX نى بىرلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، يەنە نېمە 3D+IMAX شەكىلى ئاستىدا گېن يۆتكەلگەن ئارىلاش قانلىق يېڭى تىپتىكى دىنازاۋورنىڭ ئۆلتۈرىشىدىنمۇ تېخىمۇ بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ؟ « يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمىنىڭ %48 تى 3D+IMAX بېلەت كىرىمىدىن كەلگەن، بۇ ھەم 3D/IMAX كىنونىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى يېڭىلىدى.
«يۇرا ئېراسى باغچىسى 3» قويۇلىۋاتقاندا، 3D تېخنىكىسى ئەمدىلا باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئىدى.  گەرچە ناھايىتى كۆپلىگەن تاماشىبىنلار ئېكراندا دىنازاۋورنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشلەر 3D ئېكراندا غايەت زور دىنازاۋورنى كۆرۈپ باقمىغان.

4-بىشارەت: تاماشىبىنلارنىڭ «دىنازاۋور ئازرۇسى» نى مۇكەممەل بېسىش
فىلىمدە كۆپلىگەن ئورۇندا ئالدىنقى بىر قانچە بۆلۈم «يۇرا ئېراسى باغچىسى» غا ھۆرمەت بىلدۈرگەن بۆلەك مەۋجۇت، مەقسىتى ئېنىق ھالدا ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈم «يۇرا ئېراسى باغچىسى» ئىلگىرى ياراتقان مەستانىلەر توپىغا قارىتىلغان. ئوخشاشلا بۇ فىلىم بۈگۈنكى كۈندىكى ئېقىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېلىمىنىتلارنى يىتەرلىك كىرگۈزگەن، مەسلەن يېڭى تىپتىكى تېخنىكىنىڭ دىنازاۋورنى تۈرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھايۋانلار ئايلاندۇرۇپ، مۇمكىن بولماسلىقنى يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، دىنازاۋور ۋە ئىنسانلارنىڭ قارشىلىشىدىن تېخىمۇ چوڭ جەڭ ئېلان قىلىشچانلىق پەيدا قىلىش ياش بىر ئەۋلاد تاماشىبىنلارنىمۇ ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» سىپىلبېرگ 1993-يىلى ياراتقان «يۇرا ئېراسى باغچىسى» نىڭ ئالتۇن خەتلىك نىقابىنى تېپىۋالدى، يەنى ئوتتۇرا-قېرى ياشلىق كىنو مەستانىلىرىگە كۆڭۈل بۆلدى، ھەم ياش بىر ئەۋلاد تاماشىبىنلارغىمۇ قارىتا يىتەرلىك جەلپ قىلىش كۈچى ھازىرلىدى، مۇكەممەل ھالدا 30 يىلدىن كېيىن قايتا كىشلەرنىڭ دىنازاۋور ئازرۇسى تولۇق قاندى.

خوش  ئالدىمىزدا بىز بېلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بولغان فىلىم مانا مۇشۇنداق دۇنيا كىنو مەستانىللىرىنى نەچچە ھەپتە ھۇشىدىن كەتكۈزىۋەتكەن كاتتا فىلىم.
بىكىتىمىزدىكى سودىگەرلەرنىڭ كىم ئارتۇق سودىسىغا ئۇبدان تەييارلىق قىلىشىنى، مەستانىلەرنىڭ بىلەت پۇلىنى تەييار قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئۇندىن باشقا مۇقاۋا ھەۋەسكارلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرغاندىلا قىلىمەن دىمەي مۇقاۋا ئىشلەپ تەييارلاپ قويغاچ تۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مۇقاۋىنى خالىغانچە يوللاپ تۇرساڭلار بۇلىدۇ   شەخسەن ماڭا ياراپ قالسا شەخسى ھىساۋاتىمدىن 20 دوللاردىن 50 دوللارغىچە مۇپاكات بىرىمەن

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2015-8-25 01:06:22 | ئايرىم كۆرۈش
   ئۆزۈر ئۆزۈر...ما كىنونىڭ خەۋېرىنى بىرە ئاينىڭ يانى تولا ئاڭلاپ بۇ چاققىچە ھەممە يەرلەردە قۇيۇپ بولدى پۇلىسى دىگەننى سۇ دەك سۈمۈرۈپ بولدى،يانچۇقلىرغىما ئۆلۈشۈپ ،خەجلىشىپ ،تەنتەنە قىلشىپ ئەمدى كۆرمىگەن، بىزدەك ئۇيغۇرچە كۆرمىسە كۆرمەيدىغان تورداشلارغا ھەقسىز سۇنۇپ بولدې ئەركان ئەپەندىمما تەرجىمىسىنى تەق قىلىپ شۇ ئارقا سەپ مۇھەررىرلىكىنى قىلىپ بوشلۇققىلا يوللاپ ئىلان قىلىشقا  ساقلاپ قاراپ قالغان... دەپ كۈندە بىر كۈتۈش بىلەن تاقەت قىپ يۈرۋاتسام...تېخېچە تويماس پۇلخوردىنازاۋۇردەك پۇل سۈمۈرۋېتىپتىكەن ئەمەسما ....
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-8-25 01:23:06 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق تەپسىلىي ۋە ئىخچام ، چۈشنىشلىك فىلىم ئۇچۇرى بەرگىنىڭلارغا تەشەككۈر بۇرادەر..... ئاخىرىدىكى بىر نەچچە ئېغىز مۇقاۋىچىلار توغرىسىدىكى بايانىڭلار بەكراق دېققتىمنى تارتتى جۇما بۇرادەر مۇقاۋىنىغۇ ئاللاقاچان ئىشلەپ تۆكمە قىلىۋىتىپ ئولتۇرغان ئىدىم... لېكىن، سىلەرنىڭ ماۋۇ سۆزۈڭلار ماڭا روھىي ئۇزۇق بەردى.... كۆڭلۈم تەسكىن تېپىپ قالدى... ( دوللار ئۈچۈنلا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس... ) يۇرا دەۋرى4 بىلەن ئۇچرىشىشقا تەشنا بولۇپ تۇراۋاتقان مۇشۇ پەيتتتە.... سىلەرنىڭ ئېسىل يازماڭلار تەشنالىقىمىزنى تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە چىقارغىلى تۇردى مۇشۇ تاپتا....

باھا سۆز

فىلىمنى كۆرۈشكە دوللىرىڭىز كاملايدىغاندەك قىلىدۇ. تىزرەك مۇقاۋىدىن بىر نەچچىنى ئىشلەپ يوللاڭە بىرنى تاللاپ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-8-26 00:10
گېلەم
ۋاقتى: 2015-8-25 08:39:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى كۆرەمىزمىكى دىسەم بۇ تويماس بالايى قازا يىللىق چىمپىيۇن بولىمىز دەپ
بىزلەر قاچانغىچە ساقلامىز ئەمدى
قارىغاندا جۇڭگومۇ بىلەت كىرىمى جەھەتتە بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگەللەپتۇ ما بىزنىڭ قاغىلىقتىمۇ خىلى چوڭ كىنو خانىلار بار ئىدى ئەگە مۇنداق ناھىيەلەرنى تاشلاپ قويماي پۈتۈن ناھىيەلەرگىچە قويىدىغان بولسا بىلەت كىرىمى جەھەتتە جوڭگو ئالتۇن بازار بولۇپ قالغۇدەك
كىگىز
ۋاقتى: 2015-8-25 10:43:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنىمۇ كىم ئاشتى قىلىمىزما؟ ئاللا ، ما پۇلنىڭ يوقلىقى تازا ئۆزى كۆرسەتتىغۇ
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-25 18:30:05 | ئايرىم كۆرۈش
تېزراق چىقسا بۇلاتتى،ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ساقلاپلا ئولتادىم
داق يەر
ۋاقتى: 2015-8-25 23:15:41 | ئايرىم كۆرۈش
بەلەن خەۋەرلەر بوپتۇ، ئىشتىھا ئاچىدىغان سوغۇق سەيلەردەك
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-26 00:10:42 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2015-8-25 01:23
مۇشۇنداق تەپسىلىي ۋە ئىخچام ، چۈشنىشلىك فىلىم ئۇچۇرى ب ...

فىلىمنى كۆرۈشكە دوللىرىڭىز كاملايدىغاندەك قىلىدۇ. تىزرەك مۇقاۋىدىن بىر نەچچىنى ئىشلەپ يوللاڭە بىرنى تاللاپ مۇكاپاتلاپ دوللارلىق قىلىپ قۇيىمىز
9#
ۋاقتى: 2015-8-26 02:05:37 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-26 02:08  
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-26 00:10
فىلىمنى كۆرۈشكە دوللىرىڭىز كاملايدىغاندەك قىلىدۇ. تى ...

مۇقاۋىنى تۆكىۋەتكەن ئىدىمغۇ كۆرمەي قاپسىلەردە ‹‹ يۇرا دەۋى 4 ›› كە مۇقاۋا ئىشلەش پائالىيتىگە قارىساڭلار شۇ يەردە بار ھەر ئىسىل مۇقاۋىلار.....

باھا سۆز

ۋوي راس شۇنداقتى ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ئۆزرە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-8-26 10:04
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-26 10:04:33 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2015-8-26 02:05
مۇقاۋىنى تۆكىۋەتكەن ئىدىمغۇ كۆرمەي قاپسىلەردە ‹‹ ي ...

ۋوي راس شۇنداقتى ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ  ئۆزرە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 14:32 , Processed in 1.323980 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش