Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

ئىگىسى: rohqin
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹تۈن پالۋىنى›› تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 00:07:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-29 00:14  
شاكىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 23:25
ئارغۇن دەپ ئالغىنىڭىزمۇ توغرا،ئىككى ئىرىقنىڭ قوشۇلىش ...

مەسىلە سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ رەڭگىنى سۆيىسىز، پەرزەنىتلىرىڭىزنىڭمۇ بۇ رەڭدە بولىشىنى ئارزۇ قىلىسىز، شۇنداقلا نەسىلىڭىزنىڭ مۇشۇ رەڭدە داۋام قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىسىز.  قارا تەنلىكلەرمۇ ئوخشاشلا شۇنداق خىيالدا، مەۋجۇتلۇق تەقەززاسى ھامان سۆيگۈنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، قارا تەنلىك بىلەن توي قىلغانلار ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ پەرزەنتىنىڭ قارا رەڭلىك بۇلۇپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ. ئائىلىسىدە ئۆز رەڭگىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.

قارىسىمۇ ئادەم،  ئېقىمۇ ئادەم، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قايسى رەڭدە بولىشى مۇھىم ئەمەس دەيدىغان  ئىدىيەگە يۈزلىنىشكە تېخى ئىنسانلارنىڭ تەييارلىقى پۈتمىدى، ھوللىيۋودنىڭ ئارزۇسىمۇ مۇشۇ ئىدىيەنى قۇبۇل قىلدۇرۇش بولسا كىرەك.
32#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 00:24:58 | ئايرىم كۆرۈش
شاكىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 23:57
ئامرىكا كىنولىرىغا سىڭدۈرۈلگەن جىنسى ئەركىنلىك ئىددى ...

ھۇللىيۋودنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يىرى ئاڭغا ھۇجۇم قىلىش، سىزدەدەل ئاشۇ كۆرنۈشلەردىن يىرگىنىچ پۇزۇتسىيەسى پەيدا قىلىپ سالماي، خىيالىڭىزغا، ئەقلىڭىزگە، ھېسياتىڭىزغا ئەمەس ئىدىيەرىڭىزگە سىڭدۈرۋېتىش. سىزگە بىلدۈرمەيلا قۇبۇل قىلدۇرۋېتىش، سىزدە ياقتۇرىدىغان بىر ئىدىيەنى سىڭدۈرۋېتىش.  
شۇنچىلىك سىلىق، چىرايلىق، ئورۇنلۇق، ئۇلۇغ بىر شەكىلدە بايان قىلىدۇكى سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزگە سىڭىش جەريانىدا سىزگە ئازراقمۇ ئاغرىق ھېس قىلدۇرمايدۇ.

بىرە يىلدىن ئاشتى، ھوللىيۋود فىلىملىرىدىكى ئۈچ چوڭ زەھەر(جىنسىي ئەركىنلك، ئىتىقاد ئەركىنلىك ۋە قارا ئۆڭكۈر) دىگەن ئۈچ مەزمۇننى ئاساس قىلىپ چوڭراق ھەجىمدىكى بىر ماقالە يېزىشنى ئويلىشىۋاتقىلى  ھېچ باشلاپ بولالمىدىم. لېكىن بۇ تىمىدا ماقالىدە يازماقچى بولغان بىر قىىسىم گەپلەر يېزىلىپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ.
33#
ۋاقتى: 2016-2-29 10:07:43 | ئايرىم كۆرۈش
بولسا يېزىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ ئامرىكا كىنولىرىنى كۆرۈشتىن ساقلىنالمايمىز،بەزى قاراڭغۇ تەرەپلەرگە نىسبىتەن تونۇشىمىز ئايدىڭ بولسا،ئىددىيەمىزدە ناچاركەيپىيات نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ئىممونىت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولار، سىزنىڭ تەسىراتلىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم سىزگە تەشەككۈر.
34#
ۋاقتى: 2016-2-29 10:41:48 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-29 00:24
ھۇللىيۋودنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يىرى ئاڭغا ھۇجۇم قىلىش، سى ...

پىكرىڭىزنى قوللايمەن، بولسا مۇشۇ مەزمۇندا قىسقىچە بولسىمۇ ئايرىم بىر تېما يوللىسىڭىز ، مۇنبەرداشلار بىلەن چەتئەل فىلىملىرى توغرىسىدا ، توغرا بولغان بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولساق دەيمەن.
35#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 03:34:29 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىراتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز...

ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قىسىملاردىن  سۈزىۋالىدىغان يەرلىرى بارئىدى. ئەمما، ۋاقىت سەل سۇزۇلۇپ كەتتى، ھەم بەك تەپسىلى يازىمەن دەپ ھېرىپ قالماي دەپ بىراقلا تۆتىنچى قىسىمغا ئاتلاپ كەتمەكچى بولىۋاتىمەن.  تۆتىنچى قىسىمدا ئايرىم توختالمىسام بولمايدىغا  بىرى بار.

ۋېلسۇن، پېسىك

ۋېلسۇننىڭ بالىلىق ھاياتى ناھايتى غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنلىرىنىڭ قانلىق قۇربانلىقىغا شاھىت بولغان، يوقسۇزلۇق، قىيىنچىلىق، قىساس، رەھىمسزلىك ئاخىرى ئۇنى پولات قېلىچ قىلىپ تاۋلاپ چىققان.

ھاياتتا ھەممە نەرسىگە زوراۋانلىق بېلەن  ئېرىشىش، ئەتىراپىدىكىلەر بىلەن سۈلھىلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلماستىن ھەممىنىڭ بېشىغا دەسسەپ يۇقىرى ئۆرلەش، چىشىغا تىگىپ قويغاننى  كۆزدىن يۇقاتمىغۇچە بولدى قىلماسلىق،  دوست تۇتماسلىق، يۇشۇرۇن ھەركەت قىلىش، ھېچقانداق ئادەمگە ئىچ ئاغىرتماسلىق مانا بولار بىز بىلىدىغان ئەسكى ئادەملەر، ۋېلسۇن دەل مۇشۇنداق ئادەم... ئۇنىڭ قەلبىدە ھەممىنى كۆيدۈرىدىغان لاۋۇلداپ كۆيۋاتقان ئوت بار.

ئۇ ئوت بالىلىق ۋاقتىدا تۇتاشقان، چوڭ بولغانچە كۈچەيگەن، دەل مۇشۇ ئوت ئۇنى بۈگۈنكى ۋېلسۇن قىلغان. ناۋادا بۇ ئوت تۇتاشمىغان بولسا ئۇ ھازىر قايسى بىر دۇختۇخاننىڭ ھاجەتخانىسىنى تازىلاۋاتقان، قايسى بىر تۈرمىدە بىر بانكىنى بولايمەن دەپ تۇتۇپ قالغىنى ئۈچۈن جازا ئۆتەۋاتقان، قايسى بىر خوتۇننىڭ ئىزا-ئاھانىتى ئاستىدا كۇچىدا يايما يېيۋاتقان بولاتتى.

ھەممەيلەن ۋېلسۇننىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ تىللايدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ بالىلىقى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى بىلەن كىمنىڭ كارى، ئۇ بىر يۇپۇرماق ئىدى، جەمئىيەت ئۇنى دەسسەپ-چەيلەپ قۇرتىۋەتتى، ئۇنىڭغا ئىككىلا يول قالغان ئىدى، بىرى قۇرۇپ تۇزاپ تۇپراققا ئايلىنىپ كىتىشم ياكى قۇياشنىڭ نۇرىنى يىغىپ  گۆپپىدە ئوت ئېلىپ ئۆزىگە ئوخشاش قۇرۇق شاخلارنى كۆيدۈرۈپ گۈلخان بۇلۇش ئاخىرىدا ئۇ بىر ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى، ئاخىرىدا قۇرۇقنىمۇ كۆيدۈردى، ھۆلنىمۇ كۆيدۈردى.

ۋېلسۇننىڭ ئوت ئېلىشىغا قۇياش نۇرى سەۋەپچى بولغان بولسا ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىشىغا ئاشۇ جەمئىيەت سەۋەپچى، چۈنكى ئۇنىڭغا شۇنچىۋىلا جېق يېقىلغۇلارنى تەييارلاپ بەرمىگەن بولسا ئۇنداق كۆيەلمەيتتى. جەمئىيەت ئۇنى تىللاشتىن ئلىگىرى ئۇنىڭغا نىمىلەرنى قىلغانلىقىنى،  نىمىشقا گۈل گياھلارغا ئەمەس بىر ئوت دېڭىزىغا شارائىت ھازىرلاپ قويغانلىقىنى ئويلاپ بېقىشى كىرەك.

زوراۋانلىق زەھەرلىك چىكىملىككە ئوخشاش نەرسە تۇنجى قېتىم سادىر قىلغىنىڭىزدا قورقىسىز، تەمىتىرەيسىز،  ئىچىڭىزمۇ ئاغرىيدۇ. ئەمما، قارشى تەرەپنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلغان نەتىجىڭىزنى كۆرگىنىڭىزدە ھۆزۇرلىنىپ قالىسىز، مەغرۇرلىقىڭىز پەيدا بولىدۇ،  ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. بۇخىل ھوزۇر بارلىق تەشۋىش، قورقۇش، ئىچ ئاغىرتىشلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.  كىيىنكى قېتىم ئۇنچىۋىلا ئىككىلەنمەي سادىر قىلىسىز،  بارا-بارا خومار بولىسىز... خومارلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندە قەلبىڭىزدىكى بارلىق گۈزەللىك، رەھىم-شەپقەت، مىھرىبانلىق، ئادىمىيلىك، ۋىجدان-غۇرۇر ھەممىنى زوراۋانلىق خاھىشى قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ.

پۈتۈن بەدىنىڭىزنى زوراۋانلىق ئىدىيەسى قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. ھەرقانداق مەسىلە ھەل قىلسىڭىز زوراۋانلىققا تاينىسىز، دەسلىۋىدە ئۇ  مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بولسا كىيىنچە سىزنىڭ خۇمارىڭىزنى چىقىرىدىغان ۋاستە بۇلىدۇ، ئاخىردا ئۇ سىزنىڭ ياشىشىڭىزدىكى نىشان بۇلۇپ قالىدۇ.

ۋېلسۇن دەسلىۋىدە ۋەنەسانىڭ ئەسىەرلىرىنى كۆرگەندە بىر پارچە رەسىمنىڭ ئالدىدا جىمجىت ئۇزۇن تۇرۇپ كىتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ رەسىمگە قارىغاندا يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىش باشقا يالغۇزلۇق ئەمەس بەلكى ۋېلسۇننى چۈشىنىدىغان بىرىنىڭ يوقلىقى، ئۇنىڭغا دوست بۇلۇشنى، خىزمەت قىلىشنى، خۇشامەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ناھايتى جېق ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكىنى چۈشنىدىغانلار باشقا... مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ قالغان ئادەم يالغۇز قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەتىراپىدىكىلەردىن قانچىلىك پەرىقلىنىپ ئۆزگىىرىشگە باغلىق، ئۆزگەرمىسە ھەممە ئادەمگە ئوخشاش تۇرسا ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ياشىسا بۇلىدۇ.

رەسىملەرگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ۋەنەساغىمۇ شۇنداق ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى ۋېلسوننىڭ نەزىرىدە ۋەنەسامۇ رەسىم ئەسىرىگە ئوخشاش گۈزەللىك، تەبئىيلىك، سەبىيلىككە تۇيۇنغان قىلچە رەزىللىكە ئۇچىراپ باقمىغان قەلبى بۇلغانمىغان ساپ ئايال. خۇددى ۋېلسۇن پاتقاقتا ياشاۋاتقان كاتتىۋاش تىمساق  ۋەنەسا شۇ پاتقاقلىقتا ئۆنۈپ قالغان ئەتىرگۈل.

ۋېلسۇن ۋەنەسانىڭ تەبئىي گۈزەللىكى، سەبىي قەلبىدىن ھوزۇرلىنىدۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تىنىگە ئېرىشىش مەقسىدىمۇ يوق ۋەنەسانىڭ رەسىم ئەسەرلىرىدىن قانداق ھوزۇرلانغان بولسا ۋەنەسادىنمۇ شۇنداق ھوزۇرلىنىدۇ.

ۋېلسۇن ۋەنەسادىن ئۆزىنىڭ قەلبىنى تازىلايدۇ، مەنىۋىيتىكى تېخى ئۆلۈپ بولمىغان گۈزەللىككە ئۇزۇق ئالىدۇ.

ۋېلسوننىڭ مىنى ئەڭ جەلپ قىلغان خاراكتىرى  ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پۈتۈنلەي ياۋۇزلۇق،  رەزىللىك قاپلاپ كەتكەن تۇرۇپ يەنە سەنئەت ھۆجەيرىللىرىنىڭ ساق قالغىنى، زوراۋانلىق بىلەن سەنئەت قۇمۇش بىلەن بۇغدايدەك بىر تۇپراقتا ھەرگىز ئۆسمەيدۇ، تۇپراق شورلىشىپ كەتسە قۇمۇش ئۈنىدۇ، شورنى تازىلاپ ساپلاشتۇرسا بۇغداي ئۈنىدۇ. ئەمما ۋېلسۇننىڭ ئاللا بۇرۇن شورلىشىپ كەتكەن قەلبىدە ئەتىرگۈلنىڭ يىتلزىنى ساقلاپ قالغان.  

كىنو سەنئەتنىڭ بىر تۈرى، سەنئەت تۇرمۇشتىن بىر قەدەم ئۈستۈن تۇرىدۇ، تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا سەنئەت تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلەشتۈرگەن نۇسقىسى.
نەزىرىيە جەھەتتىن يۈزبىرىدىغان نۇرغۇن ئىشلار  تۇرمۇشتا ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمەيدۇ. مەتنىڭ قولىقى كۆزىنىڭ رولىنى كۆزدىن ئاشۇرۇپ ئېلىشى،  ۋېلسۇننىڭ ۋۇجۇدىدىكى قارمۇ-قارشى ئىككى خىل خاراكتىر دېگەنلەر نەزىرىيە جەھەتتىن مۇمكىن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇمىكن ئەمەس.

ۋېلسۇننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە يىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ياۋۇزلۇق قاپلىشى كىرەك، پۈتۈن ۋۇجۇدى ياۋۇزلۇققا تۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن گۈزەللىككە، سەبىيلىككە مۇناسىۋەتلىك ھۆجەيرىلەر تازىلىنىپ كېتىشى كىرەك.  ئەمما بۇ سەنئەت ئەسىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋېلسۇنغا كىرەكلىك ياۋۇزلۇقنى تۇلۇق بىرىپ يەنە گۈزەللىككە بولغان پاك سۆيگۈنىمۇ ساقلاپ قالغان.

ۋېلسۇننىڭ خاراكتىرىنىڭ مىنى بۇنچە جەلىپ قىلىشى مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ قالتىس كىشىلەر قەلبىدە ئېسىللىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېسىل ئەمەس بەلكى قەلبىدە يەتكۈچە رەزىللىكمۇ بار تۇرۇپ  رەزىللكنى بېسىپ ئېسىل يۈرەلىگەن كىشىلەردۇر.  شۇنداقلا مىنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولغۇم بار.
يۇۋاش يۈرىشى يامانلىقى يوقلۇقتىن ئەمەس يىتەرلىك يامانلىقى تۇرۇپمۇ ياۋاش يۈرگەن ئادەملەردۇر.

ۋېلسۇننى تەرىپلەش مۇشۇ يەردە توختىسۇن، كىنونىڭ ۋەقەلىكىگە قايتىپ كىلەيلى

بەشىنچى قىسىمدا كىنونىڭ ۋەقەلىكىدە نۇرغۇن بۇرۇلۇش بولدى، بەزىسى ئاشكارا بەزىسى يۇشۇرۇن بولدى.

ۋېلسوننىڭ شىرىكلىرى ئالدىدىكى بىچارىلىكى ۋېلسۇننىڭ ئوبرازىنى قەلبىمدىن خېلىلا چۈشۈرۋەتتى. مەنچە ئۇ ھېچكىمگە باش ئەگمەسلىكى كىرەك ئىدى. ئەمما ئۇچۇق دىگەندە ئۇ قىلغان ئىشى ئۈچۈن شىرىكلىرىگە ناماقۇللۇق بىلدۈردى ھەم ئىشنىڭ ئايىغىنى پاكىز  پۈتتۈرىدىغان ھەم شىرىكلىرىنىمۇ پايدىغا شىرىك قىلىدىغان بۇلۇپ تۈگەتتى.

شىرىكلىرىنىڭ كىيىنكى ئەھۋالىغا كەلسەك ۋېلسۇن بىلەن قېرى خەنزۇ خوتۇن ۋاقتىنچە ھەمكارلىشىپ قالغان ئىككىسىنى يۇقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

بىرىنچى بۇلۇپ جېنىنى سېلىپ بىرىدىغىنى ھېلىقى شىشە كۆز قېرى گاداي بولغۇدەك.

ۋەنەسانىڭ كەيگەن كىيمىگە قاراپلا ۋېلسۇن ۋە مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋىلا پاكىز ئەمەسكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، دېگەندەك ئۇ بىر ئويۇنچى چىقىپ قالدى. ۋېلسۇن ۋە ئىككىمىزنىڭ ۋەنەساغا بولغان ھۆرمىتىمىز بىراقلا يۇقىدى. ئەمدى ۋەنەسا ۋېلسۇنغا نىسبەتەن بىر ئويۇنچۇق بۇلىدۇ.  بۇرۇن  پەقەت ئۇنىڭ پاكلىقىدىن، قەلبىدىن  ھوزۇرلانغان بولسا ئەمدى ئۇنىڭ تىنىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.
چۈنكى ۋەنەساغا كىرەك بولغىنى پاك قەلبتىكى تۇيغۇ بولماستىن  ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان تەن

بۇ جەھەتتىن ۋېلسۇن ۋەنەساغا نىسبەتەن بىر يۈزى ئچېىلمىغان ئۇغۇل بالا، ۋەنەسا ئاخىرى ئۆز ئېغىزى بىلەن ۋېلسۇنغا ئۆزىگە نىمە كىرەكلىكىنى ئېيىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇردىكى پاك مۇھەببەت تۈگىدى.

ئەگەر ۋەنەسا ئۆزىنىڭ خاراكتىرىنى ئاشكارلىمىغان بولسام ۋېلسۇن ئۇنىڭغا ئكىكى يەردىكى پارتلىتىشنى كۆرسەتمەيتتى ئۇنىڭ قەلبىگە زەرەر يەتكۈزمەيتتى  ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى بىر تاكتىكا جېڭى بولدى. ۋەنەسا مەن نەچچە ئەرنى ئالدىغان، كارۋاتقا چىققان دەپ نوچىلىق قىلغان ئىدى ۋېلسۇن ئىككى يەرنى پارتلىتىپ كۆرسىتىپ قويدى، نوچىلىق قىلىش، ئويۇن ئويناشتا سىزمۇ ماڭا بىر ئويۇن دىگەن سىگىنالنى بەردى.

بۇ يەردە فوگىي ھبىلەن كەرىننىڭ ھىكايىسىنىمۇ تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ.
فوگىي بىلەن كەرىن خۇددى سەھرادىكى دىھقان ئەر خوتۇنلارغا ئوخشايدۇ، ئىككىلىسى ساددا، ئاق كۆڭۈل  ئۆز ئارا پاراڭلىشىشتىن، يىلان بېشى ھارىقى ئىچىشتىن يەتكۈدەك ھوزۇرلىنالايدۇ، ئۆزلىرىنى ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىۋاتىمىز دەپ قارايدۇ، دىمىسىمۇ ئۇلار ھەقىقەتەن ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا بىر نىقاب ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ.
جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ماز تەرپى  ئاق كۈڭۈللۈكنى، ساددىلىقىنى ماختايدۇيۇ ھېكىمنىڭ ئاق كۈڭۈل ساددا بۇلۇپ قالغۇسى يوق، شۇنداقتىن بىرەنى ئۇچىراتسا ئۇلارنى يەتمىش خىل ياڭغا پايدىلانغىلى ئادەم تولا، فوگىي بىلەن كەرىن ئاق كۈڭۈللۈكتىن زىمىندىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشايدۇ ئەمما ئۇلار ھەمىشە شەيتانلارغا ئېشەك بۇلۇپ كىتىدۇ.

داۋامى بار...

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
پاھ پاھ، تەسىرات ھەقىقەتەن ئېسىل بوپتۇ.  ۋاقتى: 2016-3-4 13:16
36#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 14:52:29 | ئايرىم كۆرۈش
فوگىي دىگەن بۇ ئىسىم بەكلا تۇنۇش، نەدە ئاڭلىغان بولغىيدىم دەپ ئويلاپ باقسام، خسلەتلىك تىۋىپ شىلەيلېدا بانۇ ئانىسىنىڭ بىر كۈچۈكى بولىدىغان، شىلەيلې بارلىق ئوردا تىۋىپلىرىنى يىغىپ ئىتنىڭ ئورنىدا قاۋىتىپ  كېسىلىنى داۋالايدىغان  دەل شۇ ئىتنى پوگىي بىگىم دەيتتى. شۇنى ئەسلەپ قاپتىمەن.

پوگىي كەرىننى ياخشى كۆرەمدۇ ياقمۇ بىلگىلى بولمىدى ئەمما كەرىن مەتكە ئاشىق، ئىھتىمال بۇ ئىشلاركىيىن كەرىن، پوگىي، مەت ئۈچىلىسىنى ئازاپلىشى مۇمكىن.  چۈنكى بىرىنچىدىن مەتنىڭ قەلبىدە مۇھەببەتكە ئورۇن يوق، ئىككىنچىدىن مەتنىڭ يېنىدا كېللىر بار.
قېرى ئايال ئېيتقاندەك پوگىي بىلەن كەرىن ئىككىلىسى خودا قوشقان بىر جۈپلەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوخشاشمايدىغان خۇي-پەيلىنى تاپماق تەس، لېكىن ھەمىشە ساددا قىزلار ئۆزىدەك ساددا يىگىتلەرگە ئەمەس بەلكى ئەسكى ئەبلەرگە ئاشىق بۇلۇپ قالىدۇ.

باھا سۆز

فۇگۈي بىگىم دەيدۇ....ھى ھى ھى  ۋاقتى: 2016-3-4 19:51
37#
ۋاقتى: 2016-3-4 18:03:01 | ئايرىم كۆرۈش
كىچە بىلەن تازا خوشۇم يوق، بىر نەچچە رەسىملىرىگە قارىسام ساپلا كىچە، شۇڭا مەن كۆرمەيلا قويدۇم.

باھا سۆز

بىرەسى سورغانما  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-4 21:57
38#
ۋاقتى: 2016-3-4 19:56:42 | ئايرىم كۆرۈش
ferhad يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 18:03
كىچە بىلەن تازا خوشۇم يوق، بىر نەچچە رەسىملىرىگە قارىس ...

ئۆمۈچۈك پالۋاننى كۆرسەڭلا بولغۇدەكقۇ ،،،، ساپلا كۈندۈزى چىقىدۇ
كېچە بولسىمۇ فىلىم سۈزۈك، ۋەقەلىگى ياخشى بولسا بولمىدىمۇ، دەيچىلەرنىڭ ئالدىدىكى فىلملەرنى جىق كۆرۈپ سالغان ئوخشىمامسىز؟
39#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 21:57:45 | ئايرىم كۆرۈش
ferhad يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 18:03
كىچە بىلەن تازا خوشۇم يوق، بىر نەچچە رەسىملىرىگە قارىس ...

بىرەسى سورغانما
40#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 22:52:14 | ئايرىم كۆرۈش
چاقماق بالىنىڭ 3- قىسمىنى كۆرۈپ چىقتىم ھازىر،  تۈن پالۋىنىدا تىلغا ئلاغان بەزى مەزمۇنلارنىڭ بۇنىڭدىمۇ قىستۇرۇلغىنى ئۈچۈن بۇ يەردە ئازراق پاراڭ قىلىشنى ئويلاپ قالدىم.

چاقماقتىمۇ ئېرقى مەسىلىنى خېلى يىلتىزلىق قىلىپ قىستۇرۇپتۇ، رازوتچىك جوۋ بىلەن بەررىينىڭ ئائىلىسىنى قەدىناس دوستلارىن قىلغاندىن سىرت  جوۋنى بەررىينىڭ شاپائەتچىسى قىلىپتۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى  ئەددىي بىلەن جوۋنىڭ قىزىنىڭ بېشىنى چېتىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق، ئۋاۋال كۆرەرمەنلەرگە ئكىكى ئېرىق ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ئارقىلىق ئېرقىي مەسىلىنى ناھايتى كىچىك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ كەينىدىن ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرغا قىزغىن مۇھەببەت رىشتىنى باغلاپتۇ.

كىنودىن يەنە ھېس قىلىشقا بۇلىدۇكى 80- ياكى 90- يىللىرىدىن كىيىنكى بالىلارنىڭ كاللىسىدا ئېرقى مەسىلە ئاساسەن ھەل بۇلۇپ بولغان،  بارلىق قىيىنچىلىق كونىلاردا قالغاندەك تۇرىدۇ.
يىڭى بىر ئەۋلاد ياشلار جەمىيەتنىڭ ئ‍اساسىي ئېقىمىغا ئايلانغاندا ئېرقىي مەسىلە ئاساسەن ھەل بولغۇدەك... ئرقېى پەرىقنى يۇقىتىپ ئوخشىمىغان ئېرىقلارنىڭ بىر ئائىلىدە بۇلىشىنىڭ ياخشى ئش ياكى يامان ئىشلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما، ئامرىكا جەمىيتىدە بۇ مەسىلە ھەل بۇلۇشقا جېق ۋاقىت قالمىغاندەك.

يەنە بىرگە بۇ فىلىمدىكى بارلىق بالايى ئاپەتنىڭ بېشى دەل دوكتۇر ۋېللىس، ئۇ ھازىر بەزى بىر شارائتىلىرى پىشىپ يىتىلمىگەنلىكتىن ياخشىلىق تونىغا ئورىنىپ تۇرۇپ ساقلىغاچ تەييارلىق كۆرەۋاتىدۇ، شارائىتى پىشىپ يىتىلگەندە ئەڭ ئەسكىسى ھەممە خاپىلىقنى تېرىغىنى شۇ بۇلۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
بەررىينىڭ دادىسىنىڭ كۆزى، رازۇتچىك جوۋنىڭ كۆزى بىلەن دولتۇر ۋېللىسنىڭ كۆزىنى سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار  كىمنىڭ نىيتىنىڭ دۇرۇس كىمنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىلەر... كۆزىگە قاراشنى ئۆگۈنۈڭلا
41#
ۋاقتى: 2016-3-8 12:39:35 | ئايرىم كۆرۈش

مۇنبەرگە يوللىغانلىقنىڭ ئۆزى مۇنبەر ئەزالىرىغا تاشلىغان نەرسە، مەنمۇ مۇنبەرنىڭ ھەقلىق ئەزاسى بولغان ئىكەنمەن، كۆز قارىشىمنى يىزىش ھوقوقۇم بار، ھىچكىم بىر نەرسە يازسا بولمايدۇ دەپ يا قۇلپا ساپ قويماپسىلە، شۇڭا يازدىم.
بىر يىرىڭىزگە پۇتلىشىپ كەتمىگەندۇ؟
42#
ۋاقتى: 2016-3-9 15:44:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 15:46  

ئەمدى مەنمۇ كۈندە بىرەر نۆۋەتتىن ئايلاندۇرۇپ كۆرۈپ تەسىراتىمنى ياغدۇرمىسام بولماپتۇ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:05 , Processed in 1.362175 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش