بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەردار. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-6-15 22:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈتداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن! كەمىنە يوللىماقچى بولغان فىلىملەر بۇنىڭدىن بۇرۇن 5 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان تۇرانىم توربېكىتى تەرجىمە قىلغان بىر يۈرۈش چارلىز چاپلىن فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى،فىلىملەرنى تۇرانىم(ئابلەت) باشچلىقىدىكى تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان، بۇرۇن تۇرانىم توربېكىتى ئوچۇق ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم توربېكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن، ئاق بۈركۈت، تۇرانىم،ئوغۇلچاق،زىمۇدىي،قۇتيار..... ۋەھاكازالار.......
ھازىر قارايدىغان بولساق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان توربېكەتلەر سەپتىن قالدى،پەقەت ۋە پەقەت ئاق بۈركۈتلا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرغا ئولاشتى،بۇنى بېكەت باشلىقى دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ پولاتتەك ئىرادە،پۈكمەس تىرىشچانلىقىنىڭ ۋە ئاق بۈركۈت توربېكىتىدىكى تەرجىمان تەھرىرلەر، كىرىشتۈرگۈچى ئۇستازلارنىڭ ئەجىر مېھنىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، كەمىنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېكەت باشلىقى دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خوشاللىق،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن!
مەقسەتكە كەلسەك مەزكۇر فىلىملەرنى ئاق بۈركۈت توربېكىتىگە يوللاشتىن مەقسەت كومىدىيلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى ۋە چارلىز چاپلىن مەستانىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا سۇنۇش مەقسەت قىلىنغان،شۇڭا فىلىم ھەققىدە ۋە تەرجىمان ھەققىدە ئورۇنسىز ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر فىلىم چارلىز چاپلىن ئەپەندىنىڭ ھايات مەزگىلىدىكى ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئېلىپ جاپا -مۇشەققەتلەردە ئالاھىدە كومىدىيە تۈسىنى ئالغان فىلىملىرى
فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى
يىتىم بالىنىڭ سەرگەندانلىق خاتېرسى
ئالتۇن قېزىش خاتېرسى
سېرىك ئۆمىكى
فىلىم ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشقا مۇمكىن بولمىدى،ئەمما فىلىم كەسمە رەسىملىرى بېرىلدى
كەسمە رەسىملىرى
فىلىملەر ۋېييۈن توردېسكىسىدا
تەرجىمان : تۇرانىم،ئاكاش 0998
تەھرىر: تۇرانىم،مۇتەللىپ
فىلىم مەنبەسىنى تولۇقلىغۇچى:سەردار
مەزكۇر فىلىملەر ھەقسىز تارقىتىلدى، تارتۇق بولسا ياق دىمەيمىز 
چىرايلىق ئىنكاس يېزىپ چۈشۈرۋېلىڭ،قالايمىقان ئىنكاس قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
|