1.چۈش(خىيال) ئورۇنتۇش. كوب،ئارتۇر، سەيتلەرنىڭ دىئالوگى: سەيت:-بولمىسا باشقىلارنىڭ خىيالىنى ئوغۇرلىغىن سەيت:-نىمە ئۈچۈن
ئوي پىكىرنى يەنە كۈچۈرگىلى بولمايدۇ؟ ئارتۇر: -بولىدۇ
ھازىر سېنىڭ خىيالىڭنى كۆچۈرۈپ چىقاي «پىلنى ئويلىما»
(كۆچۈرگەن خىيالى مۇشۇ شۇ. چۈشۈڭدە سەن قەتئى پىلنى كۆرمەيسەن دىگىنى) ئارتۇر: -نىمىنى ئويلاۋاتىسەن؟ سەيت: -پىلنى
(كۆچۈرگەن چۈشۈڭ ئەپلەشمىدى دىمەكچى) ئارتۇر: -ياخشى
بىراق بۇ سېنىڭ خىيالىڭ ئەمەس،چۈنكى ئۇنى ساڭا كىرگۈزۋەتكىنىمىنى بىلىسەن،چوڭ مىڭە خىيالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى دائىم سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىدۇ. ھەقىقى خىيالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ياسىۋالغىلى بولمايدۇ .( ئەگەر سەن ئۇخلاۋاتقان بولساڭ، ياكى ساڭا چۈش ئورناتقانلىقىمىزنى بىلمىگەن بولساڭ، پىلنى خىيال قىلمايتىڭ ياكى چۈشۈڭدە پىلنى كۆرمەيتىڭ دىمەكچى)
مانا بۇ چۈش ئورۇنتۇش. بۇنداق چۈشلەر شۇ ئادەمنىڭ مىڭىسىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ( يوشۇرۇن ئېڭىغا) ئورۇنتۇلغاندا چۈشتىكى شۇ ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھەركىتى،ئوي-پىكىرىنى ئورۇنتۇلغان ئاشۇ چۈش(خىيال) كونتۇرۇل قىلىدۇ ياكى شۇ تەرەپكە يېتەكلەيدۇ.
-بۇ خىيال ئۇنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەيدۇ -بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مۈمكىن مانا بۇ دىئالوگلار خىيالنىڭ
رولىنى كۆرىستىپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق ئورۇنتۇلغان خىياللاردىن كوبلارنىڭ كىچىك فېيشىرنىڭ مىڭىسىگە ئورناتقان خىياللىرى «دادام
ئۆزۈمنىڭ كارخانىسى بولۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ» « ئۇ ئۆزىگە ئەگىشىۋېلىشىمنى خالىمايدۇ» مۇشۇ خىياللار ئارقىلىق كىچىك فېيشىرنى شىركتەتتىن ئايرىپ چىقماقچى بولىدۇ(شىركەتنى پارچىلىماقچى بولىدۇ.) 2.چۈش لايىھەلەش: بۇنى پىلان دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. چۈشنىڭ غەلبىلىك بولۇش-بولماسلىقى لاھىيەگە ۋە بۇ لاھىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىگە باغلىق
مەسىلەن : سەيتنىڭ بىخەتەر ئىشكاۋىدىكى مەخپى ھۆججەتنى ئوغۇرلاش ھەركىتىدە. (ئەمەلىيەتتە چۈشتە ئوغۇرلىغان نەرسە رىياللىقتا مەۋجۇت
بولمايدۇ. پەقەت مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالماقچى مۇنداقچە ئېيتقاندا چۈشتە كۆرگەن كۆپ قىسىم نەرسىلەر ئادەمنىڭ ئېسىدە قالىدۇ) لاھىيە ئاشكارلىنىپ قېلىپ (مەيلنىڭ ياردىمىدە سەيت بىلىۋالغان. چۈنكى مەيلمۇ ئۇستا چۈش ئوغرىسى) گىلەم ئالماشتۇرلىۋېتىلىپ بۇ ھەركەت مەغلۇپ بولىدۇ. يەنە ئارىيدىن لايىھىلىگەن چۈش نەچچە قەۋەت بولغاچقا مۇقۇم بولماي نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلار بولىدۇ.(ھەممە ئىشقا مەيل توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
كوبنىڭ ئۇستا چۈش ئوغرىسى تۇرۇپ ئۆزى چۈش لايىھەلىمەي ،باشقىلارنى تەكلىپ قىلىشىمۇ مەيلنىڭ ئىشىنى بۇزۇپ قويىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن) 3.چۈش قەۋىتى:
بۇنى دىمىسەممۇ ئارىيادىننىڭ دىگەنلىرى، ئىيامىلنىڭ كىچىك دوسكىنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىغا دەرس ئۆتكەندەك سۆزلەشلىرىدىن بۇنى بىلىۋالالايسىلەر.پەقەت بىلىۋىلېلىشقا تېگىشلىكى چۈش قەۋىتى كۆپەيگەنسىرى مۇقۇم بولماي، پۇتلىكاشاڭلار كۆپ بولىدۇ.كىرگەندىمۇ 1-2-3- قەۋەت مۇشۇ تەرتىپ بويىچە كىرسە چىققاندىمۇ 3-2-1- مۇشۇ تەرتىپ بويىچە چۈشتىن ئويغىنىدۇ.بۇ قەۋەتلەرنى چۈش لايىلىگۈچى ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھەلەيدۇ.ئەڭ ئاخىرقى قەۋەت دوختۇرخانا. قېرى فېيشىر كىچىك فېيشىرغا ۋەسىيەتنامىنى بەرگەندىن كىيىن دوختۇرخانىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق قېرى فېيشىرنى ئۆلتۈرۈپ (رىياللىقتا ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان، بۇ يەردە ئۆلىدىغىنى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى). كىچىك فېيشىرنى شىركەتتىن بۆلۈنۈپ چىقارماقچى. يەنە بىر قەۋەت بولسا ئېزىتقۇ رايۇن. بۇ كوب بىلەن مەيل چۈشىدە ياسىغان يەنە بىر خىيالى دۇنيا. 4.
كۆلەڭگە.
چۈشتىكى باشقا بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى سىز چۈش كۆرىۋاتقان بولسىڭىز سىزدىن باشقا بارلىق ئادەملەر ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆلەڭگىدۇر. كىچىك فېيشىر چۈش كۆرىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-30 04:20
|