ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ! خۇش بۈگۈن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغان دەرىسلىكىمىز بولسا ، بەيدۇ تور دىسكىسىدىن ماتېرىيال ، ۋە كىنو – فىلىم ھەمبەھىرلەش ئۇسۇلى ھەققىدە بولىدۇ ، ئەمىسە دەرىسلىكنى باشلاپ كىتەيلى …! نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بەيدۇ تور دىسكىسىدىن ، ماتېرىيال ھەم بەھىرلىگەن ۋاقىتتا يانفوندا ئېچىلغاندەك ھەلەتتە ھەم بەھىرلەپ كەلگەن ئىدۇق ، لېكىن بەيدۇ تەرەپ بايقاپ قالدىمۇ بۇ شەكىلدە ھەم بەھىرلىگەن ئادرىسنى ئېچىلمايدىغان قېلىپ قۇيدى ، خۇش شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىر نەچچە كۈن بولدىلا دەپ ، باشقا بوشلۇققا كۆچۈپمۇ باقتىم ، لېكىن يەنىلا كويگەن يامانمۇ كونگەنمۇ دەپ ، يەنە شۇ تورداشلارنىڭ تەلىۋېگە ئاساسەن بەيدۇ تور دىسكىسىغا قايتىپ كەلدىم ، خۇش ئەمدى قارىسام كۆپلىگەن بېكەت ۋە تورداشلار ، يەنە شۇ بۇرۇنقى ئۇسۇل بويىچە يانفوندا ئېچىلغاندەك ھەلەتتە ھەم بەھىرلەپ كىلىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ ئادرىسنى يانفوندا ئاچمىسا نورمال ئېچىلمايدۇ ، ۋە ياكى Opera Mobile Emulator تور كۆرگۈچىدە ئاچمىسا ئېچىلمايتتى ، لېكىن بۇ ئاداشمۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ، نورمال ئېچىلىدۇ ، لېكىن نورمال ساقلىغىلى بولمايدۇ ، خۇش ئەمدى قانداق قېلىمىز …؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئويلاپ بۇنى ئويلاپ ئاخىرى ماۋۇ تېزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسىگە كېرسەم شۇنداق نورمال تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن شۇلارنى دورۇپ باقتىمغۇ ھى ھى ھى 1، ئالدى بىلەن ھەم بەھىرلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تەييارلايمىز ،
بىز فىلىم ھەم بەھىرلىمەكچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ، فىلىم نامىغا ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارايلى ، خۇش بىزنىڭ يولداشلىرىمىز بولسا فىلىم خاسلىقىنى ئۆزگەرتىپ يوللاۋتىدۇ ، لېكىن بىز ئۇنداق يوللايلى دىسەك ، بىزنىڭ بەزى تورداشلىرىمىز ، فىلىم خاسلىقىنى ئۆزگەرتنىڭ دىسەك ئۆزگەرتەلمەيدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىز باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز ، يەنى فىلىم خاسلىقىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا ،
خەنزۇ يولداشلار فىلىم خاسلىقىنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ يوللاۋاتىدۇ ، يەنى فىلىم خاسلىقى mp4 بولغان بولسا mp41 دەپ فىلىم خاسلىقىنى يوق بىر شەكىلگە ئەكەپ يوللاۋاتىدۇ ، بۇنداق يوللىغاندا بەيدۇ تەرەپ فىلىمنى ئۆچۈرمەيدىكەن ، ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ ! رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ
![]() خۇش ئەمدى بىز بۇ شەكىلدە يوللايلى دىسەك ، ئازغىنە تورداشلار فىلىم خاسلىقىنىلا ئەمەس نامىنى ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەنىلا تورداشلارغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن ، فىلىم خاسلىقىنى ئۆچگەرتمەي ، فىلىم نامىنىڭ ئارىسىغا سان رەقەملىرىنى قۇشۇپ يوللۇقدۇق ، بۇنداق يوللىغاندا فىلىمنى بەيدۇ تەرەپ ئۆچۈرمەيدىكەن ، چۈنكى بەيدۇ فىلىم نامى ئارقىلىق تەكشۇرىدىغان بولغاچ ، بەزى نەشىر ھۇقۇق مەسىلى تۇپەيلى ، فىلىملەرنىڭ نامى ئوخشاش بولۇپلا قالسا ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن فىلىم نامىنىڭ ئارىسىغا سان رەقەملىرىنى قۇشۇپ يوللىساق ، بەيدۇ تەرەپ فىلىم نامىنى تەكشۇرگەن بولغاچ سان رەقەملىق فىلىم يوق دىيەرلىك ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆچۈرمەيلا ئاتلاپ كىتىدىكەن ، يەنى فىلىم ئەسلى نامى The Long Way Home لېكىن مەن ئۆزگەرتكەن نامى بولسا The.L0ng.Way.H0me ھى ھى ھى ، قارىساق مەن ئۆزگەرتكەن نامىدا o ئورنىغا 0 ئېلىنغان ھى ھى ھى ، ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ ! رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ
![]() خۇش فىلىم نامى ھەققىدە مۇشۇ يەرگىچە توختىلاي ، قالغىنىغا تورداشلار فىلىم نامىنىڭ ئارىسىغا خالىغان سان رەقەملىرىنى قۇشۇپ قۇيسا بولىدۇ 2، ئەمدى فىلىملەرنى ياكى باشقا ماتېرىياللارنى ، بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدە نورمال ئېچىلىدىغان ۋە نورمال چۈشۈرگىلى ، ھەمدە نورمال ساقلىغىلى بولىدىغان ھەم بەھىرلەش بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى …!
مەن باشتىن باشلاپ فىلىمنى ھەم بەھىرلەشتە سۆزلەپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ، يەنە شۇ فىلىمنى ھەم بەھىرلەشنى داۋاملاشتۇراي ، تەييارلاپ بولغان فىلىمنى ياكى ماتېرىيالنى ھەم بەھىرلەش ئۈچۈن ، بەيدۇ توردىسكىمىزنىڭ سول تەرەپ ئۇستى تېزىملىك رايۇنىدىن 主页 يەنى باش بەت دېگەننى چېكىمىز ، ۋە ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن 分享专辑 يەنى توپ ھەم بەھىرلەش دېگەننى تاللايمىز ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ ! رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ
![]() ۋە يەنە ئېچىلغان كۆزنەكتىن 选择专辑 دېگەننى چېكىمىز ۋە ئاستىدىكى 创建一个专辑 دېگەن ئورۇنغا ئۆزىمىز خالىغان نامدا بىر توپ قۇرىمىز ، ئامال بار ھەرىپ ۋە سان رەقەملەر بىلەن بىرلەشكەن نام بولسا تىخى ياخشى ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ ! رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ بىز بىر توپ قۇرۇئو بولغان بولساق ئەمدى 从网盘选择 دېگەننى تاللاپ ، بىز ھەم بەھىرلىمەكچى بولغان فىلمنى تاللاپ بىرىمىز ، ۋە تاللاپ بولغاندىن كېيىن 发布دېگەننى چېكىمىز ، ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ ! رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ ئەمدى قارايدىغان بولساق بىز ھەم بەھىرلىگەن فىلىم چىقىپ بولدى ، خۇش ئەمدى 复制链接 دېگەننى چېكىپ فىلىم ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ باشقىلارغا ئەۋەتىپ بىرەمسىز ياكى تور بېكەتلەرگە ئۇلىنىش قىلامسىز ، نورمال ئېچىلىدۇ ، ھى ھى ھى رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ خۇش شۇنداق قېلىپ فىلىملەر نورمال ھەم بەھىرلەندى ، ۋە نورمال چۈشۈرۈش ھەمدە نورمال ئۆزىمىزنىڭ بوشلىقىغا ساقلاش ئىشقا ئاشتى ، ئەمىسە تورداشلارغا ئامەت تىلەيمەن ، تورداشلارغا سىناق سۇئوئىتىدە يوللانغان فىلىم ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇياي كۆرۈپ باققايسىلەر …! سىناق قىلىنغان فىلىم ئادرىسى :http://www.tizyol.net/?p=20292 ئەلۋەتتە خاتا كەتكەن ۋە ياكى چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بولسا تولۇقلاپ قۇيغايسىلەر ، ۋە تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر رەھمەت ! مەنبە:تىزيول تورى ياخشى نەرسىلەر مەخپى قالمىسۇن |