Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىز شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئوغلىمۇ ياكى خاسىيەتلىك ئادەمنىڭمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  «شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئوغلى»  فىلىمى يوللانغىلىمۇ ئىككى ئۈچ كۈن بولۇپ قالدى، ھەممىمىز ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈپ بولدۇق، شۇڭا بىر ئىككى شىڭگىل غەيۋەت قىلىپ قويامدۇق؟
  غەيۋەت ئادەتتە ماندا باشلىنىدۇ، پالانىكام ئىسىل ئادەمتى، ئەمما ئوغلى زە...  ياكى پالانىقارى چىرايلىق بالا بوپتىكە لېكىن خۇيىنىڭ سەتلىكى... ۋەھاكازالار...
  شۇڭا بىز مۇنداق باشلايمىز:
                                  مەزكۇر فىلىمنىڭ باشلىمى ئادەمگە بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكى «رامبو» كارتون فىلىمىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنىڭدا ئاق يىلان قارا يىلان دەپ نىقابلىق قىلىچ ئوينايدىغانلار چىقاتتى، يادىڭلارغا كەلدىمۇ يا؟ ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى رامبو! دەپ بېشىقا لىنتا چىگىدىغانچۇ، بىزمۇ كىچىك ۋاقىتلاردا قىزىل گلاستۇكنى ئاشۇنداق چىگىۋېلىپ ئۆزىمىزنى رامبوغا ئوخشىتىپ يۈرەتتۇق، ئى كۈنى تېخى يولداش باياۋاننىڭمۇ بالىسى بىلەن مۇشۇنداق ياسىنىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىۋالغان رەسىمىنى كۆرۈپ بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالغانتىم، مەزكۇر فىلىمنىڭمۇ ئاشۇنچىلىك ئەسلىمە ئاتا قىلالىغىنىغا تەشەككۈر ئەلۋەتتە...
  قاتىللار ئىتتىپاقى دەيدۇ، ھەممىسى نىقابلانغان، قوللىرىدا قىلىچ، بىردەمدە تىك ئۇچارلاردىن قوللىرىدا قورال كۆتۈرگەن ئالاھىدە خادىملار ئاسماندىن يىغىپ ئۇلارنى يەر چىشلەتتى، ئەلۋەتتە قىلىچ قانداقمۇ قورال بىلەن تەڭلىشەلىسۇن؟ بۇلارنى تاغ ئارىسىغا بېكىنىۋالغان قەدىمكى زامانچىلار ئىتتىپاقى دېمەسلىككە ئامالىم يوق..
  ماۋۇ يەردە بوۋاي ئۆلدى، بوۋاينىغۇ تىرىك ۋاقتىدىمۇ چىرايلىق سىزماپتىكەن، ئۆلگەندە ھەي... تېخىمۇ كۆرگىسىز...



  ئەمدى يەنە ئازراق ياخشى گېپىنى قىلىپ قويىلى، ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى چىقىشالماسلىق ئەڭ ئاخىرىدا دېمىيىن Boss نى ئۆلتۈرمەي، "مەن يەنە دادامنىڭمۇ ئوغلى" دېگەن بىر ئېغىز گېپى ئارقىلىق  ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلىنغان ھەم خۇلاسىلەنگەن.

ئاخىرىدا بۇ فىلىمدىكى ئەڭ چوڭ Bug توغرىسىدا غەيۋەت قىلماي چىداپ تۇرالمىدىم، بۇ زادى قانچە ياشلىق نېمە يەپ چوڭ بولغان بالا؟ ياكى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزىگە WG سېلىۋالدىمۇ بىلمدىم، چوكىدەك بىلەكلىرى ئۆتكۈر قىلىچ تەرىپىدىن تېشىپ ئۆتۈپ تامغا مىخلانغان تۇرۇقلۇق... ئازراقمۇ ئىنكاس يوق...



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2014-5-13 10:44:32 | ئايرىم كۆرۈش
تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-5-13 11:06:44 | ئايرىم كۆرۈش
سەۋەبى قىساس ئېلىش ، ياپۇن سامرايلىرى دەپ بىر كىنو بولىدىغان ، شۇنداق ياخشى كىنو ، سامۇرايلا قىلىچ بىلەن ئۇرشىدىغانلام . كۆرىدىغان بولسا سامۇراينىڭ زادى قانداق تەربىيلىندىغىنى ، قانداق روھ شەكىللىندىغىنىنى بىلگىلى بولىدىغان كىنو !
شۇ كىنودىمۇ باش رولچى ئەڭ ئاخرىدا دۈشمىنىگە قىلىچسىز ئەھۋالدا يەنە كېلىپ قوۋرىغىسى ئارسىغا دۈشمىنى يەنە ئاتىسىنى ئانسىنى بىر ئائىلە كىشللىرىنى قىرۋەتكەن ، ئۆزى قىساس ئالماقچى بولغان كىشىنىڭ خەنجىرى ئاستىدا ئۆز قوۋرىغىسىنى ئېلىپ دۈشمىنىنىڭ يۈرگىگە تىقىپ ئىككىسى بىرلىكتە ئۆلىدۇ . ھازىر شۇ كۆرنىش بىلەن بۇ كۆرنىشنى كۆرۈپ تۇيۇقسىزلا شۇ كىنو يادىمغا يېتىپ قالدى !
گېلەم
ۋاقتى: 2014-5-14 02:29:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمدە تېخى  ھازىر ABC  دا قويىۋاتقان   «يېشىل ئوقيا» فىلىمىدىكى    داڭدار  قارانىيەت  سىلەيد ۋېلسون مۇ چىقىدىكەن ... نېمە بوپ كەتتى بۇ ؟ ...........  «يېشىل ئوقيا»  بىلەن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ باغلىنىشى بارمۇ قانداق؟
كىگىز
ۋاقتى: 2014-5-14 11:37:43 | ئايرىم كۆرۈش
albaris يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 02:29
بۇ فىلىمدە تېخى  ھازىر ABC  دا قويىۋاتقان   «يېشىل ئوقيا»  ...

ھەممىسىنىڭ مەنبەسى بىر، marvelچاتما رەسىملىك كىتابىدىكى پىرسوناژلار.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-5-14 15:09:11 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 11:37
ھەممىسىنىڭ مەنبەسى بىر، marvelچاتما رەسىملىك كىتابىدىك ...

شەپەرەڭ پالۋان مەرۋېلنىڭ بولمىسا.... يېشىل ئوقيا مەرۋېلنىڭ تۇرسا.. بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى،.. ئارلىشىپ كەتتى ئىشقىلىپ .. سەل گۇمانىم با
داق يەر
ۋاقتى: 2014-5-14 20:55:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭ كۆرگىنىم كونىسىكەن، قىزىل پوسمىلىقنىڭكى来自: Android客户端
مىخ
ۋاقتى: 2014-5-16 22:52:07 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 11:06
سەۋەبى قىساس ئېلىش ، ياپۇن سامرايلىرى دەپ بىر كىنو بول ...

شۇ كىنونىڭ ئادىرسىنى ياكى ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويمام سىز ؟
9#
ۋاقتى: 2014-8-30 14:28:52 | ئايرىم كۆرۈش
isyankar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 22:52
شۇ كىنونىڭ ئادىرسىنى ياكى ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويمام سى ...

مۇنبەردە ئوبدان قارىسىڭىز تەرجىمە قىلغان كىنو ئۇ.
يوق فىلىمنىڭ گىپىنى قىممايدۇ ما شەدە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:09 , Processed in 1.320484 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش