ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

بىژدەم مۇڭداشمايلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
Ru1n ۋاقتى: 2016-4-27 12:59:28 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ، بۇرۇنقى ۋاقىتلار ئەجايىپتىدە ، كۈنلىكى ئاق بۈركۈتنى سائەتكە قاراپ 10 بولىشى ئېچىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ ، دوللار يېغىپ ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان كىنونى سېتىۋىلىپ كۈرەتتۈق ، باشقا تەرجىمە فىلىم توربىكەتلىرگىمۇ ئەزا بوپتىمەن ، ھەممىسى دىگۈدەك تاقالدى ياكى تەرجىمە ئىشلىرنى توختىتىپ قويدى ، مۇشۇ ئاق بۈركۈتلا ھازىرغىچە توختىماي پەرۋاز قىلۋاتىدۇ ، كىيىنمۇ داۋاملىق پەرۋاز قىلغۇسى .!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، بارلىق جاپاكەشلىرمىزگە رەھمەت .! جاپا تارتتىڭلار
32#
kokqin ۋاقتى: 2016-4-27 14:09:11 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ماڭىمۇ 5 يىل بۇپتۇ   ئاق بۈركۈتكە  تىزىملاتقاندا بويتاق ئىدۇق ئەمدى دادا بولدۇق
33#
dilmurat ۋاقتى: 2016-4-27 17:01:14 | ئايرىم كۆرۈش
تېما ئەمەس مەلھەمغۇ بۇ، راست نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلار ئۆتۈپتۇ، مۇشۇ سۈرخان بار يەردە زادى پاراڭ بار، دەسلىپىدە كىنولارغا چۈشكەن ئىنكاسلار ئاساسى جەھەتتىن «رەھمەت» لا ئىدى، قاچانلاردا سۈرخان ئاق بۈركۈتتە پەيدا بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قاراپ ئولتۇرغىدەك ئىنكاسلار چۈشىدىغان بولۇپ كەتتى، ئاشۇ ئىنكاسلاردىن زوقلىنىپ يۈرۈپ، قارىغاندا بۈركۈتنىڭ بېشىغا بەخت قۇشى قونقان ئوخشايدۇ دەپ تۇرىشىمغا ئاققىركاممۇ «سالپاڭ قۇلاق» بىلەن بېكەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەمما بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىگە قاراپ ھەيران بولۇپ قالدىم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاق بۈركۈتنىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئايلاندى، تەرجىمانلىقتىن تەھرىرلىككە قاراپ يۈزلەندى، يەنە تەرجىمىلىرىمۇ توختاپ قالمىدى ئەلۋەتتە... دەل بۇ چاغدا بۈركۈتكە قانات چىقىپتۇ دېگەن ئويغا كەلدىم، بۇلارنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن بېكەت ئاۋاتلىشىپ، ئەركان، زۇلپىقار، پاسىبان، شەمىسى قاتارلىق نادىر چولپانلار مەيدانغا كەلگىلى تۇردى...
  شۇنىڭ بىلەن بۇ بېكەت مېنىڭلا ئەمەسكەن دېگەن ئىدىيىگە كەلدىم، ئەمما بوران-چاپقۇن دېگەن ھەرخىل بولىدىكەن، يۇقىرىدا سۈرخان دەپ ئۆتكەن بوھرانلاردىن باشقا يەنە قاچانلا قارىسام بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك، ھېچقاندەك يېڭىلىق يوقتەك ھېس قىلغان چاغلىرىمدا ئاز-تولا ئۆزگەرتىش قىلىپ، ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا دەرت تۆكۈپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتىمەن، قاچان بىرەر شىركەت قولىغا ئالار، مۇشۇ ئىشلار بىر تاشلىنىپ قالمىسا بولىتى دېگەندەك شېرىن خىياللارنىمۇ قىلىپ، ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە پۇشقۇپ يۈردۈم، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئالدىنقى قېتىمقى ھەمكارىلىقتىكى شىركەت نامىدىكى تور بېكەتكە قوشۇلۇپ قالدۇق، ئەمما سەككىز يىل بولغان تور نامىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغاننى ئاڭلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەكلا بولۇپ قالدىم، شۇ قوشۇلۇش بىلەن بېكەت رەسمىي تۈگەشكەن ئىدى، سۈرخان بولسا ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش كېىتىپ باراتتى، شۇ قوشۇلۇش بوھرانىدا ئاققىركامنى، ياپونىيە فىلىملىرىگە گۈل كەلتۈرۈۋېتىدىغان شەمىسىنى يوقاتتىم، بۇ بۈركۈت ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانىدى، شۇ جىمىغانچە بېكەت خېلى ئۇزۇن زۇۋان سۈرمىدى، مەنمۇ تولۇق ۋاز كېچىپ بولغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن، مۇشۇ قاقاسلىقتىن ئەركان بىخ تارتىپ چىقسا بولىدۇ، شۇ بىر ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە چىقىۋاتقان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئەركاننىڭ قولىدىن چىقىۋاتاتتى، مېنىڭ كۈنلىرىم بولسا ئاققىركام بىلەن شەمسىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى، ئۇلارغا مۇنبەردە، كىيۇكىيۇدا خەت قالدۇرۇپ جاۋابسىز قېلىپ، ئۇلارنىڭ بۈركۈتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىدىن شۇنداق پۇشايمانلارنى يېدىم، بېكەتكە كىرسەم يەنە شۇ ئەركان بىر قەدەمدىن بىر قەدىمدىن ئۆسۈپ چىققىلى تۇرۇپتۇ، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بۇ قېتىملىق بوھراندىن بۈركۈتنى ئەركان قۇتۇلدۇرۇپ قالدى دېسەم تامامەن بولىدۇ...
  مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېكەتكە قارىسام بوۋاينىڭ سىمامىسى يۈرمەمدۇ، ئالتۇن تېپىۋالغاندىمۇ بەكرەك خۇشال بولۇپ كەتتىم، شۇنداق قىلىپ بۈركۈتنىڭ يەنە ئىككى قانىتى ئەسلىگە كېلىپ ئاستا-ئاستا كۆتۈرلۈشكە باشلىدى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەمسىمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ئۇنىڭ بۇرۇن يازغان يازمىلىرى پات-پات ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن، مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش شەمسىنىڭمۇ يۈرەك سۆز تېمىسىنى ئۇنى سېغىنغان چاغلاردا بىر ئوقۇۋېتىدىغان بولۇپمۇ قالدىم.
  يېقىنقى ۋاقىتلاردا شەمسىنىڭ يوقلىقىنى ھەر ھالدا بىلىندۈرمەيدىغان بىر تۈركۈم ياش ئەزىمەتلەر بۈركۈتكە ئۆزىنى ئاتىدى، بۇلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولۇپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم...
  ھازىر قارىسام مۇشۇ بىر ئىزىدا مېڭشىمۇ راھەت ئىشكەن، بىرەر شىركەتكە بېقىنمىساقمۇ ياش ئەۋلادلار بېكەتتىلا ئۈزۈلۈپ قالمىسا، بۈركۈتمۇ پەرۋاز قىلىۋېرىدىكەن، سىلەرگە كۆپ رەھمەت...
  ئاققىركا ئاشۇنداق خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈپ، ماڭا يەنە بىر قېتىم ئىشىنىپ بۈركۈتكە قايتىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت...!
  ئەركان، بېكەت تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالسىمۇ تاشلىۋەتمەي، ئۆزىڭىزنىڭكىدەك ئەزىزلەپ، بېكەتنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىزغا رەھمەت...!
  سۈرخان، ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىكى ئارىسىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بۈركۈتنىڭ روھى تۈۈۋرۈكى بولۇپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت...!
  بۈركۈت ئۈچۈن تۆھپە كۆرسىتىۋاتقان، تۆھپىكارلار سەھنىسىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ئىسىمىنى ئاتىمىساممۇ، ھەممىڭلار كۆڭلۈمدە بار، بېكەتنى ئۆزۈڭلارنىڭكىدەك كۆرۈپ، بېكەت ئېچىلماي قالسا نېمە بولغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان بارلىق بۈركۈتداشلارغا مىڭ، مىڭ رەھمەت...!!!
34#
Nejmi ۋاقتى: 2016-4-27 19:14:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئاق بۈركۈتككە كىرېپ چىقىپ يۈرگىلى 3 ~ 4 يىلدەك بوپتۇ، مەنمۇ قاراپ تۇرماي مەخسۇس تەرجىمە كارتون فىلىم تورى قۇرىۋالدىم مانا...
35#
ياپراق1 ۋاقتى: 2016-4-27 19:57:58 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 17:01
تېما ئەمەس مەلھەمغۇ بۇ، راست نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلار ئۆ ...

بەك تەسىرلەندىم   ، ئاق بۇركۇت روھىدىن ،دىلمۇرات روھىدىن ،… روھىدىن ،…روھىدىن مەنمۇ بۇرۇن ھەقسىز كىنوغا ئىشتەي ساقلاپلا ئولتۇرۇپتىكەنمە ئەمدى چوقۇم تېز سۈرئەتتە دوللار تۇللۇقلاپ قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن
36#
ياپراق1 ۋاقتى: 2016-4-27 21:06:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئىككى يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن ،بىر كوت-كوت توپىدا تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى كۇرتلار ۋادىسى نىڭ تۇرانىمدا تەرجىمە قىلىنۋاتقانلىقى توغۇرلۇق پاراڭ بوپقالدى ،شۇ بەتكە چىقىپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنونى كۆرۇپ بەك ياراپ كەتتى ،دەرھال 100 يۈەن قاچىلاپ كىنو كۆرۈپ كەتتىم ، ئەپسۇس 20 قىسىم كۆرە-كۆرمەي مۇنبەرمۇ 360مۇ رەھمەتلىك بوپ كەتتى ، شۇندىن بېرى ئاق بۈركۈت تە سەييارە يۈرۈپ كەتتىم ، بۈگۈن بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىشەنچىم ئاشتى . ئەمدى ھەقلىق ئەزا بولىمەنغۇ تازا (ھې ھې ھې ) بېزەڭ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى
37#
kaiyum1993 ۋاقتى: 2016-4-27 22:15:17 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئاقبۇركۈتكە ئەزا بۇلۇپ ئۇزۈق ئۇتمەي 2p2p.com غا قۇشۇلوپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرمەزگىل 2p2p.com دا يۇرۇپ توكيۇ تاپخۇرلىرىنى كۇردىم.مىنىڭ نەزىرىمدە ئاقبۇركۇت مۇشۇ ئىدى.كىيىن دىلمۇراتنى QQ دا قۇشۇپ مەن يازغان تىمىنى ئۇچۇرۇپ بىرىڭ دىسەم ئۇ مىنىڭ akburkut.com دەپ چىرايلىق تور بىتىم بار دىدى. بىرلەشتۇق دىگەنتىڭلارغۇ دىسەم ھازىر ئۇنداق ئەمەس دىدى.شۇنداق قىلىپ ئاقبۇركۇتكە قايتا تىزىملاتتىم.باش سۇرەتنى ئالماشتۇرالماي يەنە دىلمۇراتنى ئىزدىدىم. مەن باش سۇرەتنى ئالماشتۇراي دىسەم بۇلمىدى ياردەم قىلىڭ دىسەم QQ يۇيۋەتتى.ئاچچىقىپ بەك كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئاقبىركۇتنى تاشلاپ 2p2p.com دىلا يۇردۇم.شۇنداق قىلىپ شەمسى باش بۇلۇپ تەرجىمە قىلغان توكيۇ تاپخۇرلىرى ،تىزلەتمە دۇنيانى كۇردۇم.شەمشەر تۇرىنىڭ گىپىنى بەك جىق ئاڭلاپ يەنە ئاقبۇركۇتكە كەپ قالدىم.گىگانىتلار زەربىدە نى كۇردۇم. شۇنداق قىلىپ بەتمۇ بەت ئارىلاپ يۇرۇپ بۇرۇن تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى كۇرۇپ يۇردۇم.كۇردىغان كىنۇلار مۇ تۇگىدى.شۇنداق قىلىپ يەنە ئاقبۇركۇتنى تاشلىدىم.كىيىن تىزيۇلدا ئەخلەت تەرگۇچى ئەزىمەتلەرنى كۇرۇپ يەنە ئاقبۇركۇتكە كەلدىم.ئەمما بۇقىتىم كەلگەندە باش سۇرەتنى ئالماشتۇرغىلى بولدى. يانفۇندىمۇ ئىچىلىدىغان بۇپتۇ.ئىنكاس يازاي دىسەم بىرنەچچە دوسىت قۇشسام بۇلىدىكەن. دۇسىت تۇردا بالارنى قۇشۇپلا ئارخىپنى تۇلۇقلاپ شۇ  تۇرۇپ كەتكەنچە.
مىنىڭ مۇ ئاقبۇركۇتنىڭ داۋاملىق پەرۋاز قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
شەمسى بالدۇرراق ئاقبۇركۇتكە قايتىپ كىلىپ بىكەتتە كەم بۇلىۋاتقان.كۇپ قىسىملىق كارتۇن فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
38#
نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-27 22:37:50 | ئايرىم كۆرۈش
مەن نېمە دىيىشنى بىلمىدىم ، ئېسىمنى بىلسەم بىلىك ئىتىل تەرجىمە گورۇپپىسى دەپ بىر بىكەت باركەنتۇق ،   تۇنجى خەتلىك فىلىمنى شۇ يەردە كۆرگەنمەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلگىنىم قۇتيار بولدى ، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ تەرجىمە فىلىملىرىنى بېكەتنىڭ ئۆزىدىلا كۆرگىلى بولاتتى ، كېيىنچە ئاقبۈركۈت دەپ بىر تور بەتنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم ، شۇندىن بېرى ھازىرغىچە كۈندە بىر ئىككى كىرمىسەم ئۇنمايدىغان بېكەتتىن موشۇ ئىككىسى بار ، دەسلەپتە دوللار سېتىۋېلىپ كىنو سېتىۋېلىپ كۆرگەن بولسام ھازىر مانا كاندىدات بولساممۇ تەرجىمانلار سېپىگە قوشۇلۇپ قالدىم ، ئىشقىلىپ ............................ ئاقبۈركۈتمۇ ، قۇتيارمۇ ياشناپ كەتكەي .
39#
QENDEL159 ۋاقتى: 2016-4-28 01:31:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئ ياساۋۇل نىمۇ خىلى سىغنىپ قالدى كىشى.يوقلا بولۇپ كەتتى ئابلىزمۇ ئولارمۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئەزارلاردىن ئىدى بولۇپتۇ نەدە بولسا مەيلى ئىشقىلپ ئامان بولسۇن .
40#
janbilig ۋاقتى: 2016-4-28 11:42:34 | ئايرىم كۆرۈش
تېما ئېسىل، ئىنكاسلارمۇ ھەم . مەنمۇ ئاقبۇركۇتكە ئەزا بولغىلى خېلى ئۈزۈن بولدى. ھەم ئەڭ ياقتۇردىغان خەتلىك فىلىم توربىتى. ھازىرغىچە ئاقبۇركۇت ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەن بولساممۇ، ئوقۇشلىرىمنى بىرەر قۇر رەتكە سالغاندىن كېيىن ھۆججەتلىك فىلىملەر ۋە مەنپەئەتلىك كارتونلارنى مەخسۇس تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ۋە ئاقبۇركۇتتە شۇ سەھىپىلەردە ئۈنۈم يارېتىش پىلانىم بار ( ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرشىمەن ).
41#
chaqmaq137 ۋاقتى: 2016-4-28 12:48:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chaqmaq137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-28 13:03  

مەن 2005-يىللىرى يېڭى تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن  شۇ چاغلاردا ئىنتىل سەيناسى بىلىك كۇلۇبى ئاقىللار مۇنبىرى دەپ مەخسۇس كومپىيوتېرچىلار يىغىلغان تور بەتلەر باركەنتۇق ،شۇ چاغلاردا دائىم شۇ تور بەتلەرگە كىرەتتىم كىيىن ئىنتىل سەيناسىدا ئىنتىل باشلىق باشچىلىقىدا تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلىپتىكەن 2008 يىللىرى ،ۋاھ ئەجەپ ئىسىل كىنولاركەن دەپ دوسلىرىم شۇنداق تەستە چۈشۈرگەن كىنولارنى ھوزۇرلىنىپ كۆرەتتىم ،2009 -يىللىرى خاتا ئىسىمدە تۇتىۋالدىممۇ شۇ يىلى بىر قېتىم ئاق بۈركۈت مۇنبىرىنى كۆرگەندەك قىلىمەن ،2010 دىن كىيىن قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورى قۇرۇلدى شۇ چاغلاردا كومپىيوتېرچى دوسلىرىمنىڭ دۇكانلىرىدا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرەتتىم شۇ چاغلاردا ئاق بۈركۈتكە ئانچە مۇنچە كىرەتتىم  ھەقسىز يوللانغان فىلىملەرنى دوسلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن خېلى تەستە چۈشۈرۈپ كۆرەتتىم ،لىكىن بۇنداق خەتلىك فىلىملەرنى شۇ چاغلاردا كۈرۈپ باققانلار بىلىدۇ ھوزۇرىنى سۈرىتى بازاردا سېتىلىۋاتقان پىلاستىنكىلاردىن تېلۋىزوردا قۇيۇۋاتقان فىلىملەردىن سۈزۈك ئىدى ،مۇشۇنداق فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قانداق چىقىردىغاندۇ يا شۇنداق دىتاللار بارمىدۇ تەييار خەت چىقىرىپلا بىرىدىغان دەپ ئويلاپ كىتەتتىم كىيىن مۇنبەرلەردە خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىش دەرىسلىكى پەيدا بولدى كۈرۈپ بېقىپ بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاسان روياپقا كەلمەيدىغانلىقىنى تەرجىمان تەھرىرلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ھىساۋىغا كىلىدىغانلىقىنى بىلدىم شۇ چاغدا مۇشۇ خەتلىك فىلىم تەرجىمانلىرىغا قول قويغان پولاتتەك كاسا سۇنماس ئىرادە بولسا ئاندىن روياپقا چىقىدىغان ئىشكەن بۇ ،ھازىرغىچە نۇرغۇن بىكەت مۇنبەرلەرگە ئەزا بولدۇم نۇرغۇن خەتلىك فىلىم مۇنبەرلىرىدە ئىزىم قالدى لىكىن ئۇلارغا ھىچقانداق تۆھپە قوشالمىدىم چۈنكى مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدا سەۋىيەم پۈتۈنلەي نۆل پەقەتلا قۇرۇق ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرنى ئاۋات قىلىشنىلا بىلىمەن ، گەرچە ئاق بۈركۈتتىمۇ قىممەت تۇلۇقلاپ ھەقىقى تۈردە قوللاپ باقمىغان بولساممۇ بۇرۇن يوقلىمىدىن ئۈتۈپ دوللار يىغىپ كىنو كۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ مۇنبەرنى ئاۋات قىلىپ كەلدىم ، گەرچە ئاق بۈركۈتكە ھىچقانداق تۆھپە قوشالمىغان بولساممۇ لىكىن ئاق بۈركۈتتە باشقا خەتلىك فىلىم تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ئەسلىمەم قالدى، باشقا خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بەتلىرى كۆپىنچىسى تاقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئاق بۈركۈت بولغاچقا ئانچە مۇنچە كىرىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن ،بەك جىق قۇرۇق گەپ قىلىپ كەتتىم كەچۈرگەيسىلەر .
42#
chaqmaq137 ۋاقتى: 2016-4-28 12:59:48 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ سۈرخان يوللىغان تېما مۇشۇنداق چىقىدۇ   
43#
chaqmaq137 ۋاقتى: 2016-4-28 13:11:20 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ،ئاخساشۇم قاتارلىق بىر نەچچە تەرجىمانلار يوقاپ كەتتى يامان ئەمەس فىلىملەرنى تەرجىمە قىلاتتى  
44#
سىرداشxx7 ۋاقتى: 2016-4-28 17:11:11 | ئايرىم كۆرۈش
سۇرخانكا سىزبىر قابىليەتلىك ناتىقكەنسىز قول قويدۇم!
ئاقبۈركۈت ھەقىقەتەن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ! لىكىن شۇنىڭغا چۇشلۇق ئۈنۈم ياراتتى!
مېنىڭ ئاقبۈركۈت تورىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن فىلىم «جاناب ھېچكىم »
لىكىن بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئاقبۈركۈتنى زىيارەت قىلاتتىم. ئەمما فىلىم كۆرگىدەك شارائىت يوقتى!
ھازىر بولسا نەچچە رەت ئېچىپ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن !
45#
بۆرەخان ۋاقتى: 2016-4-28 19:31:40 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 17:01
تېما ئەمەس مەلھەمغۇ بۇ، راست نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلار ئۆ ...

راس
جۇمۇ  ئاقبۈركۈتكە 2013 يىلدن بۇيان قەدەم بىسىپ ھازىرغىچە تاشلاپ قۇيمىدۇم شۇ ب ب س دىگەنى سۈرخانجان  
يەن ئابدۈشۈكۈر يالقۇن ئاكمىز قايتا دەپ بەگۈچە تاپالماي يۈردۈم ، خۇش خەۋەر شۇكى شەمسى ئاكاش يەنىلا تەرجىماللىقنى ياپۇنيە خەتلىك كارتۇن ئىشلىرى بىلەنكەن چاتاق يىرى بۇ مۇنبەرنى تاپالماي قىلىپتۇ ، لىكىن ئۈندىدارى بىلەن تىلفۇن نۇمۇرى بار ، دىلمۇراتكامىنىڭ ھىلقى فىلىمخۇمارلار دىگەن ئۈندىدار تۇپىدا دىگەندەك كىنۇ ئىشلەش ئىشىغا تۇر بەت نامىدىن قايتا قاتناشسا پۈتۈن شىنجاغا راۋرۇس تۇنۇلۇپ قايتا تاپالمايۋاتقانلار تىپىۋالاتتى ، ئۇ ئىشقا ماشنا پول ئادەم ئالاقە ئىشلىرى تەييار بولدى ھازىر ئالاقىلىشپ باشلىنىش ئالدىدا ما ئىشنىمۇ ئۇيلىشىپ باقىدىغان ئىشتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1