مۇتلەق مەخپىيەتلىك! شې نا، ۋاڭ خەن،خې جىيوڭ قاتارلىق داڭلىق رىياسەتچىلەرنىڭ مائاشى
داڭلىق رىياسەتچىلەرنىڭ مائاشى ھەققىدە ھازىرغىچە نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بولدى، توردىمۇ بۇ پۇلدار رىياسەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن ئېلان قىلىنغان تىزىملىكلەر ھەققىدە خېلى كۆپ خەۋەرلەر تارقالدى،بىراق كەسپىي ساھەدە ئېقىپ يۈرگەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئالاقىدار كىشىلەر ئېتىراپ قىلغىنى يوق ، ئۇلارنىڭ مائاشىغا دائىر سانلار پەقەت كەسپىي ساھە ئىچدىكى مەخپىيەتلىكتۇر.
شې نا
شې نا : خۇنەن تېلۋىزىيە قانىلىغا كىرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇنى قوللايدىغان تاماشىبىنلارمۇ ھەم مالىيە كىرىمىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ 290مىليۇنلۇق مائاشى بىلەن ئۇنۋېرسال تىزغاندا 68-ئورۇنغا ئۆتتى.
خۇنەن تېلۋىزىيىسىنىڭ << جاھاندىكى ئاياللار>> پېرگۇرامىسى ، مەركىزى تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ <<ئۇنۋېرسال سەنئەت پېروگرامىمسىغا>>، <<ياڭلەن سۆھبەتخانىسى >> قاتارلىق پېرگۇرامىلارنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ياڭلەننىڭ سودا كىرىمىنى باھالاپ چىققاندا تەخمىنەن 1480تۈمەن كەلگەن
ۋاڭخەن
خۇنەن 1-قانىلىنىڭ باشلىقى ۋاڭخەن مۇ خېلى ئۈستۈنلىككە ئىگە بولۇپ 330تۈمەن يىللىق كىرىمى بىلەن پۇلدارلار تىزىملىكىدە 76-ئورۇندا تۇرىدۇ، كەسپىي كىرىم تىزىملىكى ۋە رىياسەتچىلىكتىن كرگەن ئۇنۋېرسال باھادا ئۇنىڭ كىرىمى 1320تۈمەن دەپ مۆلچەرلەندى.
خې جىيوڭ
خۇنەن تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى خې جىيوڭنىڭ كىرىمى 760تۈمەن بولۇپ 35-ئورۇندا تۇرىدۇ.
لىشياڭ
لىشياڭ :جوڭگۇدىكى كۆڭۈل ئېچىش پېرگۇرامىسنىڭ پىشۋاسى بولغان خۇنەن تېلۋزىيە قانىلىدا ئۇلار ئۆزلىرىڭ سودا نۇتۇق ماھارىتىگە تاينىىپ پۇل تاپىدىغان بولۇپ لىشىياڭ 900تۈەن كىرىمى بىلەن تىزىملىكتە 32-ئورۇندا تۇرىدۇ.
ساۋيىڭ
ساۋيىڭ: خۇنەن تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى ساۋيىڭنىڭ سودا كىرىم تىزىملىكى ۋە رىياسەتچىلىك ۇنۋېرسال سېستىمىسىنى باھالىغاندا كىرىمى 860مىليۇن مۆلچەرلەندى.
ياڭ لې لېى
ياڭ لې لېى :ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ۋاڭ خەننىڭ بىرقانچە كۈن بۇرۇنقى سەھنىگە چىقىش كىرىمى 12 تۈمەن بولۇپ ياڭ لې لېنىڭكىنى قوشقاندا ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ شۇ بىر قېتىملىق سەھنە كىرىمىلە 20تۈمەن كېلىدۇ.ياڭ لېلىنىڭ كرىمى ۋاڭخەننىڭكىدەك بولمىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ كىرىمىنىمۇ ئاز دىگىلى بولمايدۇ.