تور ئادىرسىمىزنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ،www.ahyol.com

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت > كىنو قانىلى > چەتئەل كىنولىرى  »  12 يىل قۇللۇق

12 يىل قۇللۇق ناملىق كىنونىڭ چۈشەندۈرىشى

12 يىل قۇللۇق

بۇ كىنونى كۆرۈش ئادىرسى

قاپلان تور كۆرگۈچى

《12 يىل قۇللۇق》نامىلىق كىنونىڭ چۈشەندۈرىشى

سولومان نوزاپ ئەسلىدە بىر ئازاد ئادەم بولۇپ، ئىسكىرىپكا چېلىپ جان باقاتتى، ھەمدە بىر ئايالى ۋە ئىككى بالىسىمۇ بار ئىدى. بىر كۈنى ئىككى ئاق تەنلىك ئادەم ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنى سېرك ئۆمىكىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىش باھانىسى بىلەن ۋاشىنگتونغا ئاپىرىدۇ. سولومان ئەتىسى پۇت-قولىدا كويزا-كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ئويغىنىدۇ. ئۇ دەسلەپتە فود ئىسىملىك بىر خوجايىنغا سېتىلىپ قۇل قىلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە سېتىلىپ، ئېكىنزارلىقتا كۈن-كۈنلەپ پاختا تېرىدۇ، ھەمدە نۇرغۇن نېگىر قۇللارنىڭ تراگېدىيىسىنى كۆرىدۇ. ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئىزچىل ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدىدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان ئىدى، تاكى ئۇ بەس ئىسىملىك بىر ياغاچچىنى ئۇچراتقۇچە...
بۇ فىلىم 86-نۆۋەتلىك ئوسكاردا «ئەڭ نادىر فىلىم»، «ئەڭ نادىر يانداش ئايال رولچى»، «ئەڭ نادىر سىنارىيە» قاتالىق مۇكاپاتلارغا، ۋە 2014-يىلى 71-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتىدا «ئەڭ نادىر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 220 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 221 تۈردە نامى ئاتالغان.