• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • Google X تەجرىبىخانىسى چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور تۈرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-10-04 17:15:39
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    d5Zئاقيول تور بىكىتى

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ۋە «ھاۋا شارى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى» قاتارلىق ھەيران قالارلىق تۈرلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان گۇگېل شىركىتى ئەمدىلىكتە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور تەتقىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
    ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە، ناھايىتى سىرلىق تۈسكە ئىگە بولغان گۇگېل شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈر تەتقىقات ئورنى «Google X» نۆۋەتتە بىر خىل چوڭ تىپتىكى كۆرسىتىش ئېكرانىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئېكران بىر مۇنچە كىچىك تىپتىكى ئېكرانلارنى قۇراشتۇرۇشتىن ھاسىل بولىدىكەن، ئۇنى قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلى خۇددى قۇراشتۇرما ئويۇنچۇققا ئوخشاش بولۇپ، چوڭ ئېكران ھاسىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق يوچۇق قالمايدىكەن.
    كىچىك ئېكرانلارنى قۇراشتۇرۇش، يەنى مودۇللاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ لايىھەلەنگەن بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئېكران شەكىل ۋە ئۆلچەم جەھەتتە تېخىمۇ ئۆزگىرىشچانلىق ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولالايدىكەن.
    ئىزچىل ھالدا مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۈرگە Mary Lou Jepsen ئىسىملىك خادىم مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ماسسا-چۇستىس سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور بولغان، بۇ مەزگىلدە تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، «بىر بالا ئۈچۈن بىر خاتىرە كومپىيوتېر» تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ تۈر نامرات رايونلاردىكى نەچچە ئون مىليون ئۆسمۈر-بالىلار ئۈچۈن ئەرزان باھالىق خاتىرە كومپىيۇتېرلارنى تەمىنلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان.
    ئۇ ھازىر «Google X» تەجرىبىخانىسىنىڭ كۆرسىتىش ئېكرانى تارمىقىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىلگىرى سامسۇڭ ۋە كۇۋالكوم قاتارلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلغان مول تەجرىبىگە ئىگە خادىملار باركەن.
    ھالبۇكى، نۆۋەتتە بۇ تۈرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار سىرىتقا ئاشكارىلانمىغان، مەسىلەن، كىچىك تىپتىكى كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ رازمىرى، قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى چوڭلۇقى، شۇنداقلا گۇگېلنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تۈرگە قىزىقىپ قالغانلىقى قاتارلىقلار ئېنىق ئەمەس ئىكەن، گۇگېل شىركىتىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى پەن-تىخنىكا