• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۈندىدار دۇكىنىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-11 12:58:20
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    xjBئاقيول تور بىكىتى

    xjBئاقيول تور بىكىتى

    كۆچمە ئالاقە تورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالقان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بارا-بارا سودا ئەندىزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، بىزگە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بىز ھازىر مەيلى يولدا كېتىپ بېرىپ بولسۇن ۋە ياكى ئىشخانا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ بولسۇن، بارمىقىمىزنى يانفونىمىزنىڭ ئېكرانىغا بىر نەچچە قېتىم سۈركەپلا تور دۇكانلىرىدىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان خالىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالالايمىز. مال زاكاز قىلىش، تالون چۈشۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئۈچۈن ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ. بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سېتىۋالالايمىز. ئەمما تور دۇكانلىرىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
    1. ماركا:
    ھەممىگە ئايان، نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر «مەھسۇلات پۇل ئەمەس، بەلكى ماركا پۇل» دېگەن كۆز قاراشقا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. داڭلىق ماركا يارىتىش بىر ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس. بىر ماركىنى داڭلىقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەڭ تېز بولغاندا 10 نەچچە يىل، بولمىسا بىر ئەسىر ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. داڭلىق ماركا نېمىسىگە تايىنىپ داڭلىق ماركا بولغان؟ بىرىنچىدىن، داڭلىق ماركا بىرىنچى بولۇپ سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سېتىش بولماستىن، بەلكى خېرىدارنىڭ ئېھتىياجى ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى. ئىككىنچىدىن، داڭلىق ماركا ئەلا مۇلازىمەت ئىستىراتىگىيەسىنى چىڭ تۇتىدۇ. ئۇلار مەھسۇلاتنى سېتىپلا، كېيىنكى ئىشلارغا مەسئۇل بولماستىن، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتمەيدۇ. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە خېرىدارغا ھەقسىز ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇڭا، ماركىنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسىگە قاراش كېرەك.
    2. شىركەت: سىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنى بازارغا سالغان شىركەت راسىت بار شىركەتمۇ ياكى يالغان شىركەتمۇ؟ ئېنىق ئادرېسى، مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى، مەسئۇل خادىمى قاتارلىقلارنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بۇلارنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، تور دۇكىنىدىن مەھسۇلات سېتىۋالسىڭىز، كېيىنكى ئىشلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەم تاپالماي قالىسىز.
    3. پۇل تۆلەش پۇل تۆلەشتە ئۆزىڭىزگە قايسى ئۇسۇل ئەڭ قولاي بولسا شۇنى تاللىغىنىڭىز ئەۋزەل. نۆۋەتتە، توردىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى بولسا جىفۇباۋ(支付宝) ئارقىلىق تۆلەش ياكى سەيفوتۇڭ(财付通) ئارقىلىق تۆلەش. سىز تاۋباۋ، تىيەنماۋدىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا جىفۇباۋ ئارقىلىق پۇل تۆلەيسىز، پەيپەي ياكى ئۈندىدار دۇكانلىرىدىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا سەيفوتۇڭغا مۇراجىئەت قىلىسىز. ھەر ئىككىلىسى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن پۇل تۆلەش سۇپىلىرى بولۇپ، مەھسۇلات قولىڭىزغا تەگكۈچە پۇلىڭىز ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدا تۇرىدۇ. سىز مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پۇل دۇكاندارنىڭ ھېساباتىغا كىرىدۇ.
    4. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەگەر سىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى سېتىۋالمىغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى، ئۇلار سىزگە مەھسۇلاتنى سېتىۋالسىلا بولدى، ئۇندىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدىن چاتاق چىقامدۇ ياكى سىز ۋە ئائىلىڭىزگە ئويلىمىغان خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلەمدۇ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۇلار مەسئۇل بولمايدۇ.xjBئاقيول تور بىكىتى
    xjBئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى پەن-تىخنىكا