
نۆۋەتتە تويوتا (TOYOTA)، نىسسان (NISSAN)، خوندا (HONDA) قاتارلىق ياپونىيە ئاپتوموبىللىرى يىللىق سېتىش نىشانىغا يېتىشكە تېخى بالدۇر، گەرچە ئاپتوموبىل سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى كېلىپ قالغان بولسىمۇ چەكلىك ۋاقىتتا نىشانغا يېتىشى تەس.
ياپونىيەنىڭ 3 كۈچلۈك ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن
تويوتا، نىسسان، خوندا قاتارلىق ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، نىسساننىڭ سېتىش مىقدارى 785 مىڭغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، يىللىق نىشاننىڭ تەخمىنەن %56.1 نى تاماملىغان. تويوتانىڭ سېتىش مىقدارى 619 مىڭ 200 گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، يىللىق نىشاننىڭ تەخمىنەن %56.3 نى تاماملىغان. خوندانىڭ يىللىق نىشانغا يېتىش نىسبىتى %49.5 بولۇپ، ئالدىنقى 8 ئايدا 445 مىڭ 500 ئاپتوموبىل سېتىپ، سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشقان.
جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە جۇڭگو بازىرىدىكى ئاپتوموبىل (يۈك ۋە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلقى %13 تىن چۈشكەن.
ئوخشاش مەزگىلدە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىدىكى سەركەردە كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىدىن تېز بولغان. ئاممىباب (Volkswagen) ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ يەككە بازىرى بولغان جۇڭگودا، ئالدىنقى 8 ئايدا 2 مىليون 400 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان. ھەممىباپ (MG) ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 261 مىڭ 200 گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان، فورد (Ford) نىڭ سېتىلىش مىقدارى 717 مىڭ 537 گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى
