
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئىسپاتلىشىچە، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئاپتوموبىللارنى «پاراللېل ئىمپورت» قىلىش سىناق نۇقتا لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەگەر لايىھە تەستىقلىنىپ قالسا، چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئىمپورت ئاپتوموبىللار قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.
خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ سىناق نۇقتىسى ئوڭۇشلۇق بولسا، پۈتكۈل ئىمپورت ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى %15 چۈشىدىكەن، مىليوننىڭ ئۈستىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى %20 تىن %30 گىچە ئەرزانلىشىدىكەن.
شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئاپتوموبىللارنى «پاراللېل ئىمپورت» قىلىش سىناق نۇقتا لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئارقىدىنلا بېيجىڭمۇ ئوخشاش لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى كەنتى ئاپتوموبىل بازىرى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن «ئاپتوموبىللارنى پاراللېل ئىمپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش 3 ھۆددە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىغان.
بۇ يىل 7-ئايدا ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى مونوپولىيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىمپورت ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز ئىمپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشى پەقەت %10 ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى 5 ئايدا بۇ سان %25.9 ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو نۇسخىسىدىكى ئىمپورت ئاپتوموبىللار سۈپەت كاپالىتى ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئىمپورت ئاپتوموبىللار سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت جەھەتتە يېتەرسىز بولغاچقا، پەقەت ئەرزان باھاغا تايىنىپ بازار ئىگىلىگەن. بازار ئارقىلىق تەڭشەپ، جۇڭگو نۇسخىسىدىكى ۋە چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئىمپورت ئاپتوموبىللار ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق باھا پەرقى شەكىللەندۈرگەندە، نۆۋەتتىكى ئىمپورت ئاپتوموبىللار باھاسىنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.
ئىلاۋە:
«پاراللېل ئىمپورت»—جۇڭگودىكى باش سېتىش شىركىتىدىن سىرت، باشقا ئىمپورت شىركەتلىرىمۇ ئاپتوموبىل ئىشلەنگەن دۆلەتتىن بىۋاسىتە ئىمپورت قىلىدۇ. ئىمپورت قىلىش يوللىرى دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شىركەتلەر بىلەن «پاراللېل» بولىدۇ.
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئىنفىنىت GranTurismo ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى
