• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» فىلىمى ھەققىدە زىيارەت

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-10-07 17:43:38
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ يارقىن كۆزنىكى - «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە»
    ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى مەزمۇن قىلىنغان كىنولار ئىشلەنمىگىلى شۇنچە ئۇزاق بولغان ئىدى. تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسى زور مەبلەغ بىلەن ئىشلەپ چىققان خەلقئارا ئۆلچەمدىكى مۇنتىزىم كىنو - «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ئاخىرى ئۇزاق داۋاملاشقان ئەنە شۇ بۇرۇختۇملۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆز تۇرمۇشىمىز، ئۆز كومىدىيىمىزنى ئالدىمىزغا تاشلىدى.Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    پۇل دېگەن مېھرى ئىسسىق نەرسە. شۇ پۇلنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن ئىنسان نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ دەيسىز؟! كىنو ئەنە شۇ پۇل ۋەسۋەسىسىنى لىنىيە قىلىپ، ئىنتايىن كومىدىيەلىك ھالدا داۋاملىشىدۇ. كېرىم، ئالىم، سەلىملەر سەھرادىكى ئاددىي دېھقان، ئوقەتچىلەر بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا تۇتقان يولى، شادلىقى، ھەۋىسى ۋە غېمى بار. لېكىن، ئۇلار بىر كېچىدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ناھايىتى تېزلا بېيىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش غېمىدىن قۇتۇلۇشنى خىيال قىلىدۇ. ئەنە شۇ خىيال بىلەن يېزىدىن سەھراغا ئىشلىگىلى چىقىدۇ. قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى مۇسانىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ، تۇيۇقسىز يۇچۇن بىر ساندۇقنى بايقاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى ئىنتايىن نۇرغۇن كونا پۇل ئىدى. ئەنە شۇ پۇل بىلەن مىليونېرلاردىن بولۇپ كېتىش خىيالى ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھالال تەر تۆكۈشتىن يالتىيىپ قۇرۇلۇش ئورنىدىن قېچىپ چىقىدۇ.Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    ئۇنىڭ كونا پۇل ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۆتمەيدىغانلىقىنى، يىغىپ – ساقلىغۇچىلار ئالدىدا كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنىمۇ بىلىشمەيدىغان ساددا سەھرالىقلار بۇ پۇلنى سۇ قىلىش يولىدا كۆپ مۇشەققەت چېكىدۇ. ھايانكەش كونا پۇل ئوقەتچىسى ۋاڭ خوجايىنغا تاساددىپىي ئۇچراپ قېلىپ، قولىدىكى پۇلنىڭ غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. نەپسانىيەتچى ۋاڭ خوجايىننىڭ ئىلكىدە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ.Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    دەل شۇ پەيتتە بۇ پۇلنىڭ ۋاڭ خوجايىن قويغان باھادىنمۇ بەكرەك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ۋاڭ خوجايىننىڭ يېنىدىنمۇ قېچىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. مۇسا ئۇلارنى ھالال يولغا قايتۇرۇش كويىدا، ۋاڭ خوجايىن پۇلنى قولغا چۈشۈرۈش كويىدا ئۇلارنى جان-جەھلى بىلەن قوغلايدۇ. ئۈچى تېخىمۇ كۆپ پۇل ۋەسۋەسىدە قېچىپ، كۆرمىگەن كۈنى قالمايدۇ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپمۇ قالىدۇ. بۇ جەرياندا ئاددىي، مېھنەت قىلىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھالال، توغرا تۇرمۇش يولىغا قايتىپ كېلىدۇ.Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    كىنودىكى ئەنە شۇ ۋەقەلىككە ئىنتايىن كۈچلۈك كومىدىيە ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، پېرسۇناژلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى، ھەتتا خىياللىرىغا قەدەر يۇمۇر، كومىدىيە تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. كىنوغا چۆككەن ھەر بىر كۆرۈرمەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كومىدىيەدىن ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ تېلىقىپ قالسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يولىدىكى ئاچچىق ساۋاقلاردىن چوڭقۇر ئويلارغا پاتىدۇ. كىنو بەدىئىيلىك جەھەتتىن كۈچلۈك كومىدىيەلىك ئۈنۈم ياراتقان بولسا، ئىدىيۋىلىك جەھەتتىن ھالال، توغرا يولدا ياشاشنىڭ ھەممىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىدەك قىممەت قارىشىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغان.Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى



    كىنودىكى ۋەقەلىك، دىئالوگ، ھەرىكەت، مۇھىت ھەممىسى بىزنىڭ رېئاللىقتىكى ئۆز تۇرمۇشىمىز بولۇپ، بايىلا ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەندەك ياكى يۈز بەرمەكچى بولغىنىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا، كىنوغا مول ئۆرپ-ئادەت دېتاللىرى قېتىلىپ كەتكەن بولۇپ، سەلىمنىڭ مۇھەببەت كەچمىشى، توي كۆرۈنۈشلىرى كىنونىڭ مىللىي تۈسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان. بۇلارنى كىنونىڭ ئۇتۇقلۇق تەرەپلىرىنىڭ بىرى دەپ باھالاش مۇمكىن. گۈزەل سەنئەت لايىھەلىگۈچىنىڭ كىنودىكى پېرسوناژلارنىڭ خىيال، چۈشلىرى ۋە تاساددىپىي ۋەقەلەرگە بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى كىنونىڭ بەدىئىي تەسىرىنى ئاشۇرغان يەنە بىر ئامىل دېمەي تۇرالمايمىز.Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كىنونىڭ رېژىسسورلىقىدىن تارتىپ، مونتاژلىقىغىچە ئۆز سەنئەتكارلىرىمىز ئۈستىگە ئالغان. رېژىسسورلۇق ۋە سىنارىستلىقىنى ئاتاقلىق كىنو رېژىسسورى، ئاكتىيور ئارسلان ئابدۇكېرىم، ئوپىراتورلۇقىنى داڭلىق ئوپېراتور دىلمۇرات مۇھەممەت ئۈستىگە ئالغان. دىيارىمىز سەھنە، تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئاتاقلىق چولپانلاردىن ئابدۇكېرىم ئابلىز، دىلشات بارات سۇلتانى، مۇھەممەتجان روزى سايىتلار باش رول، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، خۇرشىدە تۇردى، ماھىرە ئەمەتخانلار ئاساسلىق روللارنى ئالغان. ئاتاقلىق رەسسام، خودىژنىك مۇھەممەت ئابدۇرېھىم گۈزەل سەنئەت لايىھەلىگۈچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ نۇقتىدىن مەزكۇر كىنونى ئۆز سەنئەتكارلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن قابىل بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىخلاس تېمىپ تۇرغان جاپالىق قان-تەرىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە ھەقلىقمىز.Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    Xu7ئاقيول تور بىكىتى


    پۇل دېگەن قانداق نەرسە؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، ئۆز مىللىي تۇرمۇشىمىزغا چۆكەي دېسىڭىز،  ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىق كومىدىيە چولپانلىرىنىڭ ئېسىل كومىدىيەلىرىدىن بەھرىلىنەي دېسىڭىز، «پۇل دېگەن نەرسە» گە مەرھەمەت قىلىڭ !
    Xu7ئاقيول تور بىكىتى
    Xu7ئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى